مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    سۈرەتتىكى شىنجاڭ

    يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىغا نەزەر

    پەرغانە2016-01-25 13:21:54تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

    ھەيۋەتلىك يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى

       تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: قەھرىتان قىش ئايلىرىدا، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرى بىلەن كۈيتۈن شەھىرى ئارىلىقىدىكى يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى ئاپپاق قاردىن تون كىيىپ، ئېگىز-پەس يەر قەۋەتلىرى ئېنىق ئايرىلىپ، سىزما سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى. جىلغا ئىچىدىكى تولغىنىپ ياتقان ئەگرى يوللار يىراقتىن قارىغان كىشىگە رەسسامنىڭ نازۇك ھېسسىياتىنى ئىپادىلىۋاتقاندەك تولىمۇ روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

       يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى يەنە قىزىلتاغ جىلغىسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەيۋەت جىلغا تەبىئىيلىكى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغاچقا، ساياھەتچىلەر يۇرت ئاتلاپ كېلىپ بۇ جاينى تاماشا قىلىدۇ.  

     


     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.