مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئۆزگىچە سوۋغا

    ئامانگۈل2017-03-17 15:43:13شىنجاڭ گېزىتى

    تاڭ باۋمىن

     28 ياشلىق كېرېي ئاۋسترالىيە TIO سۇغۇرتا شىركىتى پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ خادىمى، ئۇ ئېلان ئىشلەش، شىركەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئىدى. TIO سۇغۇرتا شىركىتى ئەمەلىي كۈچى بار، بىراق ئانچە نامى چىقمىغان شىركەت ئىدى.

     2011 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندە كېرېي ئادەتتىكىگە ئوخشاش گېزىتلەرنى ۋاراقلىغاچ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. گېزىتتىكى ‹‹يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا زىيارەتتە بولىدۇ›› دېگەن خەۋەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

     قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسىنىڭ بۇ سىياسىي خەۋەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. بىراق كېرېي بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، TIO سۇغۇرتا شىركىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى بىر چارىنى تېپىپ، دەرھال بىر پىلان يېزىپ چىقتى. باش دىرېكتور بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ماختىدى ۋە ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، كېرېينىڭ لايىھەسىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى، ئالاقىدار خادىملارنى بۇ پىلاننى دەرھال يولغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     يېرىم ئايدىن كېيىن زۇڭتۇڭ ئوباما ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا زىيارەتتە بولۇپ، شۇ يەردىكى ھەربىي قىسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ:

     بۇ يەرنىڭ مەشىق شارائىتى ناھايىتى جاپالىق ئىكەن. سىلەر ناچار ھاۋارايى، پاشا، يىلان ۋە تىمساقنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىكەنسىلەر. مەن بايا ئۆزگىچە بىر پارچە سوۋغىنى، يەنى بىر پارچە تىمساق سۇغۇرتا تالونىنى تاپشۇرۇۋالدىم. خوتۇنۇم مېشىل بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى، داۋالىنىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا تىمساق سۇغۇرتىسىنىمۇ ئويلىشىپ قويساق بولغۇدەك، دېدى.

     ئوبامانىڭ نۇتقى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، ئاۋسترالىيەدىكى بىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئوبامانى تىمساق سۇغۇرتىسىغا ھەقسىز قاتناشتۇرغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىپ كەتتى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئوباما ناۋادا ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا تىمساقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىسا، يۇقىرى سوممىلىق تۆلەمگە ئېرىشەتتى. كىشىلەر ئوباماغا ھەقسىز سۇغۇرتا سوۋغا قىلغان شىركەتنىڭ TIO سۇغۇرتا شىركىتى ئىكەنلىكىنى تېزلا بىلدى – دە، TIO سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى چىقىپ ھەممىگە تونۇلدى.

     مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئانچە مۇرەككەپ ئىش ئەمەس، بەزىدە كىچىككىنە يېڭىلىق يارىتىپ قويساقلا كۇپايە.

    مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.