مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئاسلانچاق

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 10:58:18شىنجاڭ گېزىتى

    مۇھەممەدتوختى سەببەت

     

    مىياۋ – مىياۋ ئاسلانچاق،

    قىلىقىڭ ئوماق.

    جۈپ كۆزلىرىڭ بەك ئۆتكۈر،

    شۇنچىلىك ئويناق.

     

    ئوينىشىسەن مەن بىلەن

    يامىشىپ – سەكرەپ.

    ئويناپ – ئويناپ ھارغاندا،

    كېتىسەن ئەسنەپ.

     

    گاھى بولۇپ ‹‹چامباشچى››

    گاھىدا ‹‹ئەسكەر››.

    ئويۇنۇڭدىن چوڭ – كىچىك،

    ھەممە سۆيۈنەر...

     

    مەن مەكتەپكە كەتكەندە،

    مومامغا ھەمراھ.

    ھېس قىلمايدۇ يالغۇزلۇق،

    سەن بولغاچ، ئەسلا...

     

    چوڭايماقتا يېشىڭمۇ،

    بولغىن سىپايە.

    جىم ئولتۇرۇپ، مەن بىلەن

    ئاڭلا ھېكايە...

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.