مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    مەنتىقە

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 10:57:11شىنجاڭ گېزىتى

    باتۇرجان ئاتاخان

     

    مۇھەببەتلا بولسا دەيتتىم دۇنيادا،

    ئىشەنچ قىلىپ يۈرەك ساڭا ئەلۋەتتە.

    يۈرەك سەندىن تاغلار ئۆرە تۇرسىمۇ،

    قىسىپ بويۇن قالىدىكەن ئۇ پەستە.

     

    بولسىمۇ گەر كۆكتە ئاسمان جەمەتى،

    بىراق پەسكە پەسلەپ نۇر ۋە يامغۇرى

    ئىزھار ئەيلەر سۆيگۈسىنى تۇپراققا،

    قانداق ھېستا بىلسەم بولار مەن بۇنى.

     

    پاراللېل سەپ تۈزگەن بىلەن ھەر نەرسە،

    كېسىشمىسە، ئۇچراشمىسا جەرياندا،

    مۇھەببەتنىڭ پىلتىسىگە ئوت چۈشمەي،

    بولمايدىكەن تىكەن تۈگۈل گۈل پەيدا.

     

    مۇھەببەتلا بولۇپ، نەپرەت بولمىسا،

    ئوتلا بولۇپ، سۇ بولمىسا يەنە ھەم.

    ھايات ھايات بولمايدىكەن، دۇنيامۇ

    كۆرۈنەركەن گۈزەل ئاسمان يەر بىلەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.