مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئىككى شېئىر

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 10:55:53شىنجاڭ گېزىتى

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

     

    غوجامنىڭ غوجىسى بار

     

    چاشقان تاپىدۇ،

    پاقا بۇف دېسە

    تاشلاپ قاچىدۇ.

    چىۋىن ۋىڭىلدايدۇ،

    ئۆمۈچۈك سۈف دېسە

    بېشى گىڭىلدايدۇ.

    مايمۇن ۋالاقلايدۇ،

    يولۋاس ئۇھ دېسە

    تىترەپ جالاقلايدۇ.

    غوجامنىڭ غوجىسى بار

    چامغۇر – زەدەكنىڭ ئورىسى بار.

     

    مەنمۇ بىكار ئەمەس

     

    دادام ئېتىزدا

    خامان باقىدۇ.

    ئانام ئۆيدە

    قازان باقىدۇ.

    ئاكام ئۆگزىدە

    كەپتەر باقىدۇ.

    ئاچام مەكتەپتە

    دەپتەر باقىدۇ.

    مەنمۇ بىكار ئەمەس،

    باقى – باقىمەن.

    كۈندە ئالتە ۋاق

    قورساق باقىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.