مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    چوپان ناخشىسى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 10:54:22شىنجاڭ گېزىتى

    ئابابەكرى تۇيغۇن

     

    قېرى چوپان، ھاسىسى ھەمراھ،

    تالاي يىلنى ئۆتكۈزدى باشتىن.

    پادىلىرى ھەممىگە گۇۋاھ،

    خەۋىرى بار كۈلكە، كۆز ياشتىن.

     

    ئۇ، قىيانىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ،

    باقار ئىدى كەڭرى يايلاققا.

    پادىلىرى بولۇشۇپ توپ – توپ،

    ئوتلار ئىدى يېشىل ئوتلاقتا.

     

    بەزەن تارتىپ ئوتلۇق مېھرىنى،

    يالتىرايتتى جىلغىدىكى سۇ.

    زۇمرەت رەڭلەر بولۇپ مېھمىنى،

    كۆكرىكىنى ياقار ئىدى ئۇ.

     

    قەلبىدىكى بار – يوق سىرىنى،

    ئۆتتى ئۆمرى ئۆزىگە سۆزلەپ.

    كېزىپ زەڭگەر تاغنىڭ باغرىنى،

    ناخشىسىدا كۆڭلىنى بەزلەپ.

     

    ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ تەختىراۋان،

    يان باغرىدا قاتقان قورام تاش.

    ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا ئاسمان،

    خىيال ئىچرە قويغان بىرگە باش.

     

    ‹‹يېشىل يايلاق، ياپيېشىل يايلاق››

    چۆكسە تۈننىڭ جىمجىتلىقىغا.

    پادىلارنىڭ چۈشىدە ئوتلاق،

    ئۆرلەپ كۆككە سالاتتى ساما.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.