مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    گۈل نېمانچە گۈزەل ئېچىلار

    مەۋلۇدە2017-02-03 16:14:53شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇنئاي سۇلتان بەرگىيە

    سېنىڭسىز دېيىلمەي قالدى نۇرغۇن سۆز

    سېنىڭسىز دېيىلمەي قالدى نۇرغۇن سۆز،

    كېچىلەر ياقىسى يىرتىلدى بىر – بىر.

    سۈبھىنىڭ لېۋىدە سۇغۇق تەبەسسۇم،

    ئەندىكىپ ئۈمچەيدى سارغۇچ سېنتەبىر.

    مەن سېنى سېغىنماس بولالارمەنمۇ،

    يىراقتىن پىچىرلاش ئېپ كەلسە شامال.

    قىپقىزىل تۇرۇپلا سولۇپ كەتتى گۈل،

    بۇلبۇلنىڭ زارىدىن كۆچكەيمۇ زاۋال.

    قۇپقۇرۇق كۆڭۈلنىڭ تۇمانلىق بېتى،

    سېنتەبىر ئۇزاتقان خازانغا تولار.

    ئايرىلىش كوچىسى نەقەدەر دەھشەت،

    خازاننىڭ ئورنىدا كۆز ياشلار ئۇچار.

    سېنىڭسىز ئاي – قۇياش چىقمىغان بۇ كۈن،

    چىرايلىق كۆزلىرىم قانداق يۇمۇلار؟

    گۈل نېمانچە گۈزەل ئېچىلار

    سەۋدالارغا يىقىلىپ مىڭ رەت،

    مۇھەببەتتە ئۆلۈپ كەتتى كىم؟

    تىل ئۇچۇمغا كەلسىمۇ نەپرەت،

    قەلەم زار – زار، قۇردا ئاشىقىم.

    يەنە كىملەر بار ئىدى بۇندا،

    ئازابىڭنى تارتىۋالغۇدەك.

    نېمە قالار ھىجران ئورنىدا،

    ئىمكان بارمۇ لەۋلەر كۈلگۈدەك.

    يەنە كىملەر بارەينى توۋلاپ،

    مىڭ ئايالنىڭ قەلبى قان بولدى.

    مەن بارەينى دېيەلمەي زورلاپ،

    ئەركەك ئورنى قەبرىگە تولدى.

    گۈل نېمانچە گۈزەل ئېچىلار،

    بەرگىنى ھەم شەبنەمدە يۇيار.

    ئۈزەلمىسە تىكەن ئېيتىلار،

    گۈل پىغانى قەدەھتە يىغلار.

    يەنە كىم بار، بۇندا بىلگۈدەك،

    بەرگى قەلەمنى ياقتۇر ئۆلگۈدەك!

    ئالمىدەك يۈرەكتە نېمە بار ئىدى

    ئالمىدەك يۈرەكتە نېمە بار ئىدى،

    بۇنچىلا پارچىلاپ تاشلىۋەتكۈدەك.

    سەن پاتقان باغرىمدا ئالەم تار ئىدى،

    سەن يوق بۇ دەملەرگە قالماس ئاشقۇدەك.

    دۇنيانىڭ قىزىقى قالارمۇ ئەي يار،

    ئۇزىغان قەدەمگە جاننى باغلىساق.

    نە ھاجەت تارتىشىپ تۇرغاندا دىلدار،

    يۈرەكنى چوغ كەبى ئۇنچە داغلىساق.

    لالىدەك قىزارغان ئۇپۇقتا ياتتىم،

    لەۋلەرنىڭ پىغانى يېزىلدى تاڭغا.

    ئالەمنىڭ باغرى كەڭ، بىراق پاتمىدىم،

    سەنسىز بۇ ھاياتنىڭ قۇرغاقلىقىغا.

    ئالغىن بۇ دۇنيانى لالىرەڭ ئاتەش،

    بۇندا ھەم قالمىسۇن ھەسرەت، ئۇھسىنىش.

    دەردىمنى ئېلىپ كەت شامال بولماي غەش،

    نەقەدەر گۈزەل ھە بەختلىك كەچمىش.

    ئىككىمىز ئۇچرىشىپ قالمايلى جېنىم

    ئىككىمىز ئۇچرىشىپ قالمايلى جېنىم،

    سۈكۈتلەر تۇرسىمۇ جانغا قادىلىپ.

    ئازابنىڭ ئاسمىنى ياغدۇرۇپ يامغۇر،

    يۈرسىمۇ ئۈنلىگەن روھقا تارىلىپ.

    ھېچنېمە دېيىشمەي خوشلاشقىنىمىز،

    ھۇزۇرمۇ قەلبتە سىرداشقىنىمىز؟

    بىر قەدەھ مەي بولۇپ سىڭىشىپ تۇرۇپ،

    ئۇچراشماس قەدەمدە ئۇزاشقىنىمىز؟

    شۇنچىلىك ئەھمىيەت بولمىسا ئەگەر،

    ئۇچرىشىش ھېسلارغا بولمامدۇ قاتىل.

    مېھىرلىك كەچمىشنى كۆمسۇن ئۆزىگە،

    پەريادنى يوشۇرغان مۇھەببەتلىك دىل.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.