مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    سەن مەن يېزىۋاتقان شېئىر

    مەۋلۇدە2017-02-03 16:12:08شىنجاڭ گېزىتى

        گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

    سەن يۈرىكىم تەۋەللۇت قىلغان، تەسەۋۋۇرلىرىمدا، مۇڭلىرىمدا، ئارمانلىرىمدا يېلىنجاۋاتقان، ھىجراننىڭ شەپقەتسىز بورىنى قەلبىم ئىشىكىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغاندا مېنى مۇھەببەتنىڭ، ئەقىدىنىڭ خۇرۇجلىرى بىلەن تۈگەللەنگەن ھىماتىغا ئېلىپ، ئىزتىراپلىرىمنى قۇمدەك توزۇتۇپ، باغرىمنى لىققىدە گۈلگە تولدۇرىدىغان، سۆيۈشنىڭ غۇبارسىز قەتىرلىرىنى ئىلھام بەرگىلىرىمگە چېچىپ، ھېسلىرىمنىڭ تاتلىق قۇرلىرىدا ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ چاقنايدىغان شېئىرىم.

        سەن ھاياجان ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ھەربىر مىسرالىرىمدا قۇشلاردەك ناۋا قىلىسەن، گۈللەردەك ئۇياتچانلىقىڭ بىلەن لەۋلىرىمگە تامىسەن، ھېسلىرىمغا ھەشقىپىچەكتەك يۆگىشىپ، يۈرىكىمنىڭ قات – قېتىدا ئۆزۈڭ بىخلاندۇرغان سۆيگۈ دەرىخىنىڭ مۇلايىم شاخلىرىغا قونۇپ، چەكسىز تەلپۈنۈشلىرىم پايانىغا ۋىسال مېۋىسى بولۇپ تۆكۈلىسەن.

        سەن مەن يېزىۋاتقان شېئىر، قەلبىمدە سوزۇلۇپ ياتقان مۇھەببەت، قاراقلىرىمدا ئۇيۇپ قالغان جەلپكار سۈرەت، ۋۇجۇدىدىكى ئەقىدە سۈيىنى ئاشىقىغا ئايانماستىن بەخشەندە قىلىدىغان پىداكار مەشۇق، بەختىمنىڭ رەڭگىنى سىزىپ چىقىدىغان، ئۈنچە قىلىپ تىزىدىغان ھارارەتلىك مىسرا.

        سەن مەن يېزىۋاتقان شېئىر، ماي ئېيىنىڭ گۈللەر بىلەن لىق تولغان قۇچىقىنى سۆيۈپ چۈشۈۋاتقان ئىسسىق يامغۇر، يۈرىكىمدە كۆكلەۋاتقان تاتلىق سېغىنىش، ھېسلىرىمدا پارلاۋاتقان ئوتتەك تىۋىنىش، پۈكۈلمەس توغراقتەك، دولقۇنلار نەمخۇش باغرىنى ياققان قورام تاشتەك رېئاللىقىمنى پارلىتىپ، ۋۇجۇدۇمغا كۈچ ئاتا قىلىدىغان گىگانت ئەزىمەت.

        سەن مەن يېزىۋاتقان شېئىر، بەرنالىقىنى، زىبالىقىنى مىسرالىرىمغا چاچقۇ قىلىپ چاچقان، تىلىمغا، دىلىمغا، جىسمىمغا كەۋسەر كېچىلەرنىڭ ۋىسال ئاتەشلىرىدە كۆيۈۋاتقان ھېسلىرىنى يازغان.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.