مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    قار ياغدى لەپ – لەپ

    مەۋلۇدە2017-02-03 16:09:01شىنجاڭ گېزىتى

    (بالىلار شېئىرلىرى)

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

    دىك – دىك توشقان

    دىك – دىك توشقان

    ھەددىدىن ئاشقان.

    ئاچچىقى يامان

    قازاندەك تاشقان.

    تۈكلىرى مىڭ،

    قۇلاقلىرى دىڭ.

    ئاۋازى كىرىس – كىرىس،

    مىجەزى جىرىڭ – جىرىڭ.

    مەن بىلەن ئوينىمىدى،

    تۈلكە بىلەن ئوينامدىكىن؟

    ياكى كۆڭلىدە

    بۆرىنى ئويلامدىكىن؟!...

    ئاسلان كىش – كىش

    ئاسلان كىش – كىش

    ئۇخلايدۇ پىش – پىش.

    جۈمەك يۈزۈڭنى يۇ دەپ

    يىغلايدۇ مىش – مىش.

    تەخەي تاقلاپ،

    قوزا ئويناقلاپ،

    موزاي باتناپ

    تۇرىدۇ ساقلاپ.

    ئوغلاق سەكرەپ،

    تايچاق كىشنەپ،

    كۈچۈك چىشلەپ

    چاقىرىدۇ ئوينايلى دەپ.

    ئانام قويمايدۇ،

    تاماققا زورلايدۇ.

    مەن بولمىسام

    قورسىقى تويمايدۇ...

    قار ياغدى لەپ – لەپ

    قار ياغدى لەپ – لەپ،

    چىقتىم ئۆيدىن ئەپلەپ.

    مامۇت چىقتى، ساۋۇت چىقتى

    دېرىزىدىن سەكرەپ.

    قۇشقاچ تۇتتۇق خاماندىن

    قىسماق قۇرۇپ ئەپلەپ.

    بېلىق تۇتتۇق، كاچكۇلغا

    يوغان مۇزنى كەپلەپ.

    كاۋاپ قىلدۇق ئۇلارنى

    چوڭ تونۇرنى دەپلەپ.

    غېنىكام كەلدى: ھاي بالىلار

    بۇ نېمە گەپ، نېمە گەپ؟

    قېچىپ كەتتۇق: ھايت، ھايت، ھايت…

    پاكار تامدىن سەكرەپ.

    سۈپۈرگە ئايلا

    سۈپۈرگە ئايلا توختاپ قاپتۇ،

    تام تۈۋىدە ئۇخلاپ قاپتۇ.

    بېلىنى باغلاپ ئىككى يەردىن

    ئەر كىشىگە ئوخشاپ قاپتۇ.

    سۈپۈرگە ئايلا شوخلاپ قاپتۇ،

    بۇلۇڭ – پۇچقاقنى يوقلاپ قاپتۇ.

    ئەخلەت تېرىپ يەپ

    قورسىقىنى توقلاپ قاپتۇ.

    سۈپۈرگە ئايلا ئىشچان خوتۇن

    ئۆينى پاكىز تۇتىدۇ.

    ئاشۇ ئېسىل خۇيى بىلەن

    كۆڭۈللەرنى ئۇتىدۇ.

    بەش ياشقا كىرمەيمەن

    مىنىپ دادامنى

    ئات قىلىپ،

    يەڭدىم ئاكامنى

    مات قىلىپ.

    مىندىم ئاچامنى

    بوتىلاق قىلىپ.

    توپ قىپ تەپتىم ئۇكامنى

    يۇمۇلاق قىلىپ.

    توۋلاپ كەتتى ئانام: ھەي،

    مۈشۈك، پەش.

    بىرنى تۆتكە قوشسا

    بولمامدۇ بەش؟

    ھۈ، ھۈ...

    نان يېمەيمەن، ئاش ئىچمەيمەن.

    ئوينىغىلى قويمىساڭ

    بەش ياشقا كىرمەيمەن...

    ئاي چىقتى

    ئاي چىقتىيۇ، ئاي چىقتى،

    گەمىسىدىن باي چىقتى.

    قارا ئاتنىڭ كەينىدىن

    ئاپئاق – ئاپئاق تاي چىقتى.

    بىرۇ، ئىككو، ئۈچۇ، تۆت...

    يۇلتۇزمۇ يا، كىم چىقتى؟

    ئازدىم ساناپ بولالماي،

    بەشۇ، ئالتو... مىڭ چىقتى.

    ئاي ئاسمانغا ياراشتى،

    يۇلتۇز چىم – چىم قاراشتى.

    چاپىقىنى ئۇۋۇلاپ

    جىنلار تامدىن ماراشتى.

    يىغلاڭغۇ كامىل

    لېگەننى داراڭلىتىپ

    داپ چالدى.

    دادىسى تېلېفوندا

    لاپ سالدى.

    ناخشا توۋلىدى

    چىرقىراپ.

    ئانىسى ئۆي سۈپۈرەر

    پىرقىراپ.

    قوشاق توقۇدى

    ئاڭلىمىدى.

    ھېچكىم بىر ئېغىز

    داڭلىمىدى.

    يىغلىدى ھۆڭرەپ

    قارىدى ھەممە.

    ئۇلارغا ياقىدىغىنى

    مۇشۇ ئىكەن – دە!

    ئۆزىگە تېلېفون قىلىش

    دادام ماڭا ئېپ بەرسە

    ئوماققىنە تېلېفون.

    تېلېفون قىلىمەن ئۆزۈمگە

    سەھەر، چۈش ۋە كەچقۇرۇن.

    دەيمەن سەھەر: ئويغىنىڭ،

    بولماڭ ھۇرۇن بالا سىز.

    كېچىكىسىز مەكتەپكە،

    ناشتا قىلىڭ تېز، تېز، تېز...

    دەيمەن چۈشتە: ئوينىماي،

    قايتىڭ ئۆيگە ھايالسىز.

    ساقلاپ قالدى ئانىڭىز،

    تىز يۈگۈرۈڭ تېز، تېز، تېز...

    دەيمەن كەچتە: قېنى سىز،

    ئولتۇرامسىز ئۇيقۇسىز؟

    تۇرالمايسىز سەھەردە،

    ئۇخلاڭ، ئۇخلاڭ تېز، تېز، تېز...

    ئوينىمىسام، كۈلمىسەم

    قانداق بالا بولىمەن؟

    بولامدىمەن ھەمىشە

    تېلېفوننىڭ قۇلى مەن؟

    ۋاي يوقىلە تېلېفون،

    كۆرۈنمىگىن كۆزۈمگە.

    ھەرگىز باغلاپ بەرمەيمەن

    ئۆزۈمنى مەن ئۆزۈمگە. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.