مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    تەشەككۈر

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:33:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    مەلىكەم ئىمىن

    ئالغا! دېسە ئالغا دەپ ماڭغانلارغا تەشەككۈر،

    نىشانلىغان مەنزىلگە بارغانلارغا تەشەككۈر.

    يوللىرىدا قار بولسا ئادالىغان، سۈپۈرگەن،

    قولى تېلىپ، پۇتلىرى ھارغانلارغا تەشەككۈر.

    تۇغقان دېسە تۇغقان دەپ يوقلاپ بېرىپ يىراققا،

    دۇتىرىنى مېھىرنىڭ چالغانلارغا تەشەككۈر.

    باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ شان – شەرەپنىڭ گۈلىنى،

    نامى تىلدا تەم بولۇپ قالغانلارغا تەشەككۈر.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.