مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    قار لىرىكىسى

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:31:00شىنجاڭ ەېزىتى

    ئامانگۈل ئابدۇكېرەم گۈلرام

    قارغا تەققاس بىغۇبار قەلبىم،

    قارغا مىسال مىسكىن يۈرىكىم.

    قارنىڭ يۇمران تىنىقلىرىدا،

    ئېچىلىدۇ سۆيگۈ گۈللىرىم.

    قار ئۇچقۇنى سۆيسە مەڭزىمنى،

    سېغىنىشىم ئۈنلەر بۇقۇلداپ.

    كىرپىكىمدە تۈنىسە سۆيگۈڭ،

    يۈرىكىمنى ئۆتىمەن ئالداپ.

    قار گۈلىدەك ئۇچىدۇ ئارمان،

    قار بىلەن تەڭ ئويغىنار تۇيغۇ.

    قارنىڭ ھەر بىر ئۇچقۇنلىرىدا،

    تۆكۈلىدۇ ئالەمچە سۆيگۈ.

    قارغا ئويۇپ بىر جۈپ يۈرەكنى،

    سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتىم ساڭا.

    قارغا ئوخشاش قونسام لېۋىڭگە،

    ئارمىنىمدا كۆكلەر گۈل – زىيا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.