مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئاق ئەتىرگۈل ياغىدۇ لەپشىپ

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:30:01شىنجاڭ گېزىتى

    ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت 

    چوغلۇق بولۇپ ئېچىلار قۇياش،

    تەشتىكىدە چاقنايدۇ ئاسمان.

    ئاق ئەتىرگۈل ياغىدۇ لەپشىپ،

    پورەكلەيدۇ گۈلدەك ھاياجان.

    ئاق قۇشقاچلار ۋىچىرلىشىدۇ،

    غۇژمەك – غۇژمەك ئۇچۇپ پۇررىدە.

    قىشنىڭ ئاپئاق سەھەرلىرىگە،

    گۈلخان يېقىپ كۆزدىن گۈررىدە.

    ياپراقلايدۇ دەرەخلەر ئاپئاق،

    ئاق بېلىقنىڭ كۆكسى دالالار.

    ئايلىنىدۇ قار بوۋايلارغا،

    ئاق توشقاندەك سەبىي بالىلار.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.