مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئالدىدا

    پەرغانە غوپۇر2017-01-22 17:23:17شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇنمۇھەممەت ھۆسۈن

    توختىكام كۈلدى بۈگۈن ئالقىش، شەرەپ – شان ئالدىدا،

    مول ھوسۇل، چەشلەرگە تولغان كەڭرى خامان ئالدىدا،

    جىڭغا باسقاندا ئېشىنغان نەچچە مىڭ سان ئالدىدا،

    بۇ دەۋر بەرگەن ئاڭا ئەمگەككە ئىمكان ئالدىدا،

    ئىش ئىزى بولدى ئايان نەزمە – داستان ئالدىدا.

    توختىكام كۈلدى خۇشال قولدا قۇرۇلتاي ھۆججىتى،

    ئالدى ئىلھام، ئاشتى يەنە كۈچ – مادارى، رىغبىتى،

    ھەم دېدى چىن دىل بىلەن: ‹‹كەلدى ئىشلەش پۇرسىتى،

    يىلمۇيىل كەلگەي دېھقاننىڭ مول ھوسۇل توي نۆۋىتى››،

    بۇ دەۋر بەرگەچ كاپالەت ئىشلەشكە پەرمان ئالدىدا.

    پۇختا قىلدى ئىشىنى ئەتىيازدىن كۈزگىچە،

    سۇنى تۇتتى ئۇخلىماي كېچىدىن كۈندۈزگىچە،

    نەچچە قاپ تۆكتى ئوغۇت باشقىلاردىن ئۆزگىچە،

    تۇتتى ئۇ پۇرسەتنى مەزمۇت بىكار لاغايلاپ يۈرگىچە،

    توختىكام كۈلدى بۈگۈن يەتكەچكە ئارمان ئالدىدا،

    ئەتىياز تۈزدى پىلان، قول قويۇپ ھۆججەت بېرىپ،

    چاپتى كەتمەن ئالتە ئاي تەر تۆكۈپ، ئاشلىق تېرىپ،

    مەھسۇلات ھۆددە تۈزۈم دىلغا زوق – ئىلھام بېرىپ،

    ئىشلىگەچكە ئاشتى غەيرەت قالمىدى ئەسلا ھېرىپ،

    بولدى ئۈلگە نەچچە مەلە، نەچچە دېھقان ئالدىدا.

    كۆيۈنۈپ قىلدى ئىشىنى كەلگەندە ئىشلەشنىڭ چېغى،

    ياسىدى قىش پەسلىدە نەچچە دۆڭ ئوغۇت تېخى،

    سۇغا قاندى ياشنىدى ئېتىزى – گۈللۈك بېغى،

    مول ھوسۇلدىن تاپتى بەركەت، كەلگەندە ئالتۇن كۈز سېخى،

    يانچۇقى پۇللارغا تولدى، چەندان – خىرامان ئالدىدا.

    قاراڭ ئەنە، ھالال تەردىن بەختنىڭ قەنتىنى چاقتى،

    يېڭى تۈزۈم – سىياسەت قەلبىگە نۇر بولۇپ ياقتى،

    دىلىدا بار ھاياجان، خوشلۇقى سەل بولۇپ ئاقتى،

    دېدى: ‹‹كەلدى دېھقاننىڭ راسا ئىشلەيدىغان ۋاقتى››،

    ئامىتى كەلدى بۇ كۈزمۇ دەۋرى گۈلشەن ئالدىدا.

    مۇقىم بولدى سىياسەت، تەنگە تولدى كۈچ – دەرمان،

    كۆرۈپ ئۇندىن مۇقىملىقنى دىلىدا قالمىدى ئارمان،

    يېڭىچە تۈزدى ئەھدىنى ئېلىشقا مول ھوسۇل ھەرئان،

    تەندە كۈچ، كۆزىدە نۇر، يۈزى مىسالى ئۇز شىرمان،

    ئېلىپ يەلكىگە زور كەتمەن بارماقتا كارۋان ئالدىدا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.