مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    قاچان كېلىسەن قاردەك پاكلىنىپ

    ئامانگۈل2017-01-16 17:22:16شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

     دېرىزە ئەينىكىنى قاپلىغان مۇز شاخلاپ ئېچىلغان گۈلنىڭ شەكلىگە كېلىپ قاپتۇ. ئېنىق ئېسىمدە، بىز توي قىلغان چاغلاردا قىز – يىگىت مەيدىسىگە شۇنداق گۈلنى تاقايدىغان. بىزنىڭمۇ شۇنداق بەختلىك، خۇشال كۈنلىرىمىز بولغان – ھە! بىراق ئەمدىلىكتە يۈرىكىم ئاشۇ مۇز تۇتۇپ كەتكەن دېرىزە ئەينىكىدەك سوغۇق. قەلب ئەينىكىم ئاشۇ دېرىزە ئەينەكلىرىدەك غۇۋا. ئىككىمىز تۈجۈپىلەپ بىللە ئۆستۈرگەن چىرايلىق، باراقسان بولۇپ ئاينىغان، كۈندە ئېچىلىپ ھارمايدىغان كۈندە باھارنىڭ مۇز تۇتۇپ كەتكەن دېرىزە ئەينىكىگە چاپلىشىپ ئۈششۈپ كەتكەنلىكى كۆڭلۈمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ، ئىچىمنى ئېچىشتۇرماقتا. ئۆزۈڭنىڭ ھالى بىلەن ئۇنتۇپمۇ كەتكەنسەن! بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم. ۋۇجۇدۇمنى چىرمىغان غېرىب – مىسكىنلىك مۇزلىغان، پىغان بىلەن ئۆكسۈپ تۇرغان يۈرىكىمنى قاناتماقتا. بىلىمەن، ئاشۇ سوغۇق تام ئىچىدىكى بىر كۈن بىر ئەسىردەك بىلىنىپ، باغرىڭنى پۇچۇلاپ ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر ساڭا ئاچچىق ئازاب، پۇشايمان ھەدىيە قىلىش بىلەن كۆكتىكى قۇشتەك ئەركىن – ئازادە يايراپ يۈرگەن چاغلىرىڭنى تالاي قېتىملاپ ئېسىڭگە سالىدىغاندۇ – ھە؟

     تۇرمۇشىمىزدا ھېچنېمە كەملىك قىلمايتتى، ئىقتىساد، مېھىر – مۇھەببەتتە يوقسۇل ئەمەستۇققۇ؟! ئېيتقىنا، سەن ئۈچۈن نېمىمىز كەم ئىدى شۇنداق تۇيۇق يولغا ماڭغۇدەك؟ كۆپ پۇل تېپىپ ئېسىلزادىلەرچە ياشايلى دېگەن بولغىيمىدىڭ؟ بىلسەڭ، مەن سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن ئاشۇ خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك كۈنلىرىمىزنى ھەر قانداق ئېسىلزادىنىڭ باياشات تۇرمۇشىدىن ئارتۇق كۆرەتتىم.

     مەن ھەسرەت بىلەن ئۆرتىنىپ، ئۆكسۈپ يىغلايمەن. كۈن – تۈنۈم قوقاسقا دەسسەپ تۇرغاندەك ئارامسىزلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. سەن شۇ ئەقلىڭنى، شۇ ۋاقتىڭنى ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەرپ قىلغان بولساڭ، تاپقىنىڭ، ئۆيىمىزگە ئەكىرگىنىڭ ئاز بولسىمۇ مىڭ شۈكرى قىلاتتىم. ئاھ، نېمە دەي؟ نېمىشقىمۇ سانسىزلىغان قىز – يىگىتلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى، قىممەتلىك ھاياتىنى، ئىللىق ئائىلىسىنى رەھىمسىزلەرچە ۋەيران قىلغان، جاپاكەش ئاتا – ئانىلارنىڭ باغرىنى لەختە – لەختە قان قىلىپ، دوزاخ ئازابىنى تارتىشقا مۇپتىلا قىلىۋاتقان، بىگۇناھ غۇنچىلارنى يار – يۆلەكسىز قويۇۋاتقان جان ئالغۇ ئاق ئالۋاستى خىروئىننى پۇل تېپىشنىڭ دەستىكى قىلغانسەن؟...

     ئېچىنىمەن، ساڭا بەك ئېچىنىمەن ھەم قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. سەن باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولساڭمۇ كاشكى، بۇنچىلا ئازابلانماستىم. چۈنكى ئۇنداق بولغاندا سەن باشقىلارنىڭ ئاز – تولا بولسىمۇ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلەيتتىڭ، مەنمۇ ئەل – يۇرت ئالدىدا بۇنچىۋالا تەڭقىسلىقتا قىينىلىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، شۇ تاپتا سېنىڭ شۇ تويماس نەپسىڭ بەدىلىگە ئالدانغان بەختسىزلەرنىڭ يۈرىكى قان ئاتا – ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى، پەرزەنتلىرى سېنى چالما – كېسەك قىلىپ، جەھەننەمگە ئۇزاتسا ئاندىن دەردى چىقارمىكىن؟!

     سەن قاچاندىن بېرى شۇنداق باغرى تاش، قارانىيەت ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغىيتتىڭ؟ مەن ساڭا ئەجەپ كۆيۈپتىكەنمەن، سېنى ئاجايىپ ياخشى كۆرۈپتىكەنمەن، چۈنكى سەن نەزەرىمدە شۇنچە مەرد، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار يىگىت ئىدىڭ، سېنىڭ مەھبۇبەڭ بولالىغىنىم ئۈچۈن بېشىم كۆككە يەتكەنتى. مانا ئەمدى نەپسىڭنىڭ بالاسىدا ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن زەھەرلەيدىغان قان شورىغۇچى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتتىڭ. شۇندىمۇ ھېلىھەم سېنى سۆيۈمەن ھەم سېغىنىمەن. مەندىكى بۇ تۇيغۇلار سېنىڭ ئىلگىرىكى يارقىن، ساغلام ئوبرازىڭ تەسىرىدە ۋۇجۇدۇمدا بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ شاخلىغانىدى. ئەمدىچۇ؟ خۇددى دېرىزە ئەينىكىگە چاپلىشىپ كەتكەن كۈندەباھاردەك ئۈششۈپ كەتتى.

     سەن مۇشۇنداق ئەلنىڭ نەپرىتى، قارغىشلىرى ئىچىدە ياشىغىچە ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش بەدىلىگە ئۆلۈپ كەتكەن بولساڭمۇ، تۇپراق بېشىڭغا چىقىپ ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ‹‹باتۇرۇم›› دەپ نالە قىلىپ قانغۇچە يىغلىۋالغان بولسام، سېنىڭ قەلبىمدە قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھەببىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ، ئىپتىخارلىق ئىچىدە بىر ئۆمۈر يالغۇز ياشىغان بولساممۇ مەيلىتىغۇ!

     بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئەپسۇس، ئىككىمىز تۈجۈپىلەپ ياسىغان، مېھرىمىز بىلەن ئىللىتقان ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرىمەن. بىر چاغلاردا مۇھەببەتكە، قىزغىنلىققا، تاتلىق شىۋىرلاشلارغا تولغان بۇ ئۆيىمىز ماڭا تولىمۇ ئىسسىق ھەم چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مانا ئەمدى دېرىزىلىرى مۇز تۇتۇپ كەتكەن، بوران ئۇچۇپ تۇرغان سوغۇق ئۆي، يوپۇرماقلىرى ئۈششۈپ، مۇز تۇتقان دېرىزە ئەينىكىگە چاپلىشىپ كەتكەن گۈل ماڭا ھەمراھ.

     كۆز ئالدىمدا ئاپپاق قارغا پۈركەنگەن كەڭ دالا تاشلىنىپ تۇرىدۇ، مەن ئاپپاق قارنىڭ ئۈستىدە خۇددى بىر تال ئاققۇ پېيىدەك لەيلەپ يۈرۈپتىمەن. سەن قارلار ئارىسىدىن لۆممىدە كۆتۈرۈلۈپ چىقتىڭ، ئۇچاڭدا قاپقارا كىيىملەر لەپىلدەپ ئۇچۇپ تۇراتتى. مېنى قاتتىق سۈر بېسىپ قورقۇپ كەتتىم، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ساڭا قاراپ بار ئاۋازىم بىلەن توۋلىدىم: سەن قاچان ئاشۇ ئاپئاق قاردەك پاكلىنىپ كېلىسەن؟

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.