مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    باغلىرىڭدا قىزارغاندا گۈل

    ئامانگۈل2017-01-16 17:15:20شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇرېھىم مۇھەممەت سەھرايى

     تۇغقان دېگەن شۇ

    دەپ تۇرساڭمۇ قانداشلىقىڭنى،

    كىم كۆيۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    باسسا بەرىكەت ئوتياشلىقىڭنى،

    كىم سۆيۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    ساقلىق تىلەپ قامەتلىرىڭگە،

    كۈلەلىسە ئامەتلىرىڭگە،

    كۆز ياش بولۇپ ئاپەتلىرىڭگە،

    كىم تۆكۈلسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    باشلىرىڭغا چۈشكەندە ئەلەم،

    يانچۇقۇڭدىن قاچقاندە دەرەم،

    ئاتلار تالاي، تالاشلاردا يەم،

    كىم ئۆتۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    چوققىلارغا ياماشقىنىڭدا،

    ئۇتۇقلارنى تالاشقىنىڭدا،

    پەستىن مەدەت سوراشقىنىڭدا،

    كىم كۆرۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    كارۋان بولۇپ چىقساڭ سەپەرگە،

    نۇر تىلىسە سەن بار سەھەرگە،

    باشلار ئىگىپ سەنچۈن خەتەرگە،

    كىم يۈكۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    قۇش بالىسى بولساق ھاياتتا،

    ئۇچۇپ قالساق قاتماس قاناتتا،

    سوقسا لاچىن، ھەسرەت – ھىماتتا،

    كىم ئۆكۈنسە تۇغقان دېگەن شۇ.

    ئۆزۈمدىن ئىزدەش

    ئېھتىمالىم چۆرگەلمىدى يەر،

    قېيىۋاتقان ئوخشايدۇ بېشىم.

    كەتمىگەندۇر يۇلتۇز يىراقلاپ،

    خىرەلىشىپ قالدى كۆزلىرىم.

    ئۆتۈكلەرمۇ ئەمەستۇر كىچىك،

    پۇتلىرىمنىڭ يوغانلىقى راست.

    ئۈسۈۋالسام ئالدىراپ ئۆزۈم،

    ئىشىكلەرنىڭ يانغىنى قىياس.

    مۈدۈرمەپتۇ ئالدىمدىكىلەر،

    مەن يىقىلدىم يوللار بىگۇناھ.

    يوق پۇراقسىز گۈللەرمۇ بەلكىم،

    دىماغلارنىڭ سەزگۈسى غۇۋا.

    ياپراقلارنىڭ ئاراشلىرىغا

    ياپراقلارنىڭ ئاراشلىرىغا،

    شەبنەم بولۇپ مۆكۈنسەڭ دەيمەن.

    كېچىلەرگە، كۆزدىن يىراقلاپ،

    يۇلتۇز بولۇپ كۆمۈلسەڭ دەيمەن.

    توغراقلارنىڭ كاۋاكلىرىدا،

    چاڭگىلاردەك كەتسەك ئۇنتۇلۇپ.

    مەنلا بىلسەم مەۋجۇتلۇقۇڭنى،

    قىشلىۋالسام تەنھا قۇش بولۇپ.

    سېغىنىش

    سەن ئوينىغان چىغىر يوللارغا،

    يېزىۋەتتىم ئىسمىڭنى تالاي.

    كۆرۈندىغۇ بىلەكلىرىڭدەك،

    باراڭلاردىن پەسلىگەن نوغاي.

    چاچلىرىڭدىن چۈشكەن توزان دەپ،

    كېچىلەرنى شۈمۈرگىنىم راست.

    ئاي تەۋرىسە كۆلچەكلىرىڭدە،

    قول سالغىلى تاس قاپتىمەن – تاس.

    باغلىرىڭدا قىزارغاندا گۈل،

    ئەسلەپ قالدىم خىجىللىقىڭنى.

    كەتكەنمىدۇر ئاتاڭ ئەيىبلەپ،

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.