مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    يۈز چىمدىم توپا

    ئامانگۈل2017-01-16 17:13:48شىنجاڭ گېزىتى

    ھېكايە

    مۇھەممەت تۇرسۇن ئەخمەت

    ئېرىقنى ئويۇپ قويدۇم،

    ئەمدى سۇ كېلىپ ئاقسۇن.

    يارمۇ بىزنى يار دېسە،

    بۇياققا كېلىپ باقسۇن.

     ـ ئايھاي مامۇت شوخ، ھاۋاغا ناخشا شىلتاپ مەنزىل قاياققا؟ سورىدى ئالقىنىغا تۈكۈرۈپ كەتمەن چېپىۋاتقان ئەخمەت(سىلىڭ).

     ـ ئۆي – ماكاننىمۇ يېڭىلىۋالدۇق، يارىشىغىغا باش – كۆزنى ئوڭشىۋالاي دەيمەنغۇ سىلىڭكا.

     ـ ‹‹بۇلبۇل گۈلسىز سايرىماس، ناخشا ئىشىقسىز ياڭرىماس›› دېگەن شۇ – دە، بوپتۇ ئۇكا، بەلەن بوپتۇ، قەددىسى شۇ يىگىت دېگەننىڭ.

     ـ يېشىڭ بىلەن چىشىڭدىن ئارتۇق پەيزىڭ باردە ئاكا – ھە... مامۇت شوخ ناخشىنى ئۇلاپ يولىغا راۋان بولدى.

     ـ دادا قارا، جامائەتنىڭ ھەممىسى ئارا، كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ھېلىلا ماشىنىدىن چۈشكەن ئاۋۇ ئادەملەرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى ئېرىق بويىدا يىلتىز تېرىۋاتقان تۇرسۇن دادىسىغا يول تەرەپنى كۆرسىتىپ.

     ئەخمەت(سىلىڭ) كۆڭلىكىنىڭ يېڭى بىلەن پىشانىسىدىكى تەرىنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن، ئالقىنى بىلەن كۆزىگە سايە چۈشۈرۈپ بىر قارىۋېتىپ كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئالدى – دە، سۇ ئىچىمدە جامائەتكە يېتىشىۋالدى.

     ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت،- دەپ قىزغىن سالام بەردى ئىككى كىشى جامائەتكە، قانداق قېرىنداشلار، ئىشلار جايىدىدۇ؟

     ـ شۈكرى مۇراد باشلىق، ھەر قايسىلىرىنىڭ ھىممىتى بىلەن يېڭى ئۆينىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمىز بىلەن...

     ـ قانداق، يوللىرىڭلار بوپتىمۇ؟ سورىدى يەنە بىرى.

     ـ بولمامدىغان غېنى باشلىق، يوللىرىمىزغا قاراماي تۆككىلى بىر نەچچە كۈن بولدى، يول پۈتكەن كۈنى ناغرامنى يولغا ئېلىپ چىقىپ تەر باسقىچە چېلىپتىمەن، يولغا باغرىمنى يېقىپ تازا بىر يېتىۋاپتىمەن، -دېدى روزى ناغرا بىر باغ بېدىدەك ساقىلىنى سىپاپ تۇرۇپ.

     ـ بار جاپانى جامائەت بىلەن بىز تارتساق، تال چىۋىقتەك تۈپتۈز يول بىلەن مەرىكە ئۆتكۈزۈپ پايدىنى روزى ناغرا ئاپتۇمۇ نېمە؟...

     ھا...ھا...ھا...

     بىر ھازا كۈلكە – چاقچاقتىن كېيىن مۇراد باشلىق گېلىنى قىرىپ دېدى:

     ـ ھوي قادىر دۈيجاڭ، قېنى سەن؟

     ـ مەن يانلىرىدا مۇراد باشلىق.

     ـ ئۆتكەندە مەن نېمە دېگەن؟

     ـ ھە، ئىش پۈتكەندە سېنىڭ چېيىڭنى ئىچىمەن دېگەن.

     ـ ئا...، ئۇنى دېمىدىم، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە دېگەن دەيمەن؟

     ـ ھە ئېسىم قۇرۇسۇن، بۇ 50 ئائىلىلىك يېڭى ئۆيۈڭلار پۈتكەندىن كېيىن، بۇ يۇرتتىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن چېنىقىش مەيدانى سېلىپ بېرىمەن، دېگەنتىلە.

     ـ ھە، ماۋۇ گېپىڭ جايىدا، شۇ ۋەدەم بويىچە كەلدىم، مە بۇنى.

     بۇ...

     بۇ يۇقىرىنىڭ مەيدان ياساش تەستىقى، مەن يەنە ماۋۇ ئۇستامنىمۇ ئېلىپ كەلدىم، ماڭا قاراڭ ئۇستام، بىر ئاي ئىچىدە مانا بۇ يەرگە تەستىقلانغىنى بويىچە بىر مەيدان پۈتتۈرىسىز، بىر ئايدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەرگە پۈتكەن مەيداننى كۆرگىلى كېلىمەن.

     ـ بولىدۇ، بولىدۇ باشلىق.

     ـ ئەمىسە بىز ماڭايلى!

     ـ رەھبەرلەر، جىندەك تەخىر قىلىشسىلا، بىر پىيالىدىن چاي تەييارلاي.

     ـ ھە، چاي ئىچەمدۇق؟

     ـ ئازراق... قادىر دۈيجاڭنىڭ گېپى تۈگىمەيلا مۇراد باشلىق گەپ ئالدى:

     ـ ھوي ئوسمان، بارمۇ سەن؟ مۇراد باشلىق بۇ مەھەللىدىكى ئىگە – چاقىسى يوق، دوك ھەم مېيىپ ئوسماننى چاقىرىۋاتاتتى.

     ـ مانا مەن باشلىق، ئوسمان ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ جامائەت ئارىسىدىن چىقتى.

     ـ قادىر دۈيجاڭ، ماڭا قۇيىدىغان چېيىڭنىڭ نەرقىنى بۇنىڭ ئۆيىگە ئىشلەت، ھە راست، ئۇستام، ماۋۇ ئوسماننىڭ ئۆيىنىمۇ پۈتتۈرىسىز، كېتەرلىك خىش ۋە ئىش ھەقلىرى مېنىڭ شەخسىي ھېسابىمدا بولىدۇ، ئۆي ئۈستىنى قادىر دۈيجاڭنىڭ چېيى كۆتۈرىدۇ، ماقۇل ئەمىسە بىز ماڭايلى!

     جامائەت ئىزىدا تۇرۇپ قېلىشتى، رەھبەرلەر ماشىنا تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى.

    ـ ئەستاغپۇراللا، يامان بولدى... دېگىنىچە يوق ساقىلىنى سىلاپ جامائەت تەرەپكە كەلدى قادىر دۈيجاڭ.

    ـ يوق ساقالغا دەت سالغۇدەك نېمە ئىش بولدى دۈيجاڭ؟ سورىدى تۈرەك چوقا.

     ـ نېمە ئىش بولاتتى، بۇ ئىككىلى باشلىق كېتىدىكەن.

     ـ بۇ يەردىكى خىزمىتى تۈگىگەندىن كېيىن كېتىدۇ شۇ، كەتمەي ئۆيەڭلىدە تۈنىسە بولامتى يا؟

    ـ ئۈكلىمىگەن چوقىدەك گەپ قىلىدىغان تۈرەك سەن، ئۇلار ئۆيلىرىگە كەتسىغۇ مەيلىتى، لېكىن ئۇلار باشقا ئورۇنغا ئۈسۈپ كېتىدىكەن.

     ـ نېمە؟ ئۇلار بايا ئۇنداق دېمىگەنتىغۇ؟ ئۇلار بۇ يەرگە ئەمدى كەلمەيدۇ، چېنىقىش مەيدانىمۇ پۈتۈپ بوپتۇ – دە، دېيىشتى جامائەت.

     ھەي... ، مۇراد باشلىق ماڭا چوڭ ياخشىلىق قىلغان، دېدى يۈسۈپ مەيدە گەپ ئېلىپ، قىماردا ئەسلى – ۋەسلىمنى ئۇتتۇرۇپ ئۆيۈملا قالغاندا، بىر كۈنى مېنى كەنت ئىشخانىسىغا چاقىرىپتۇ، كىرسەم ئالدىمغا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ: ‹‹بۇرۇن بىر قىمارۋاز بار ئىكەن، قىماردا ئۇتقان – ئۇتتۇرغىنىنى خاتىرىلەپ مېڭىپتۇ، 40 يىل توشقان كۈنى خاتىرىلىگىنى بويىچە ھېساب قىپتىكەن، بىر كوي پۇل ئۇتقان چىقىپتۇ، ئۆزىنىڭ 40 يىلدىن بېرى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقلاردا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ، ھۇقۇشتەك تۈنەپ قىمار ئوينايمەن دەپ تارتقان جاپاسىنىڭ نەرقىنىڭ بىر كوي چىققانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇپتۇ›› دەپ، ئەمدى قىمار ئوينىماسلىقىم توغرىلىق تۆمۈرنى ئېرىتكۈدەك پاراڭلارنى قىلىپ تاشلىدى، شۇ باھانىدە قىمارنى تاشلىۋىدىم، ھال – كۈنۈم مانا باشقىچە ياخشى بولۇپ قالدى.

     دېمىسىمۇ ئاشۇ پارتىيە – ھۈكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئاتا – بوۋىمىز زامانىسىدىن تارتىپ تىز – ئوشۇقىمىزغىچە توپىغا پېتىپ ماڭىدىغان يوللىرىمىز داغدام قاراماي يولغا، كونا كەپە ئۆيلىرىمىز خىش – كېسەكلىك داچا ئۆيلەرگە ئايلاندى، قورسىقىمىز تويۇپ، ئۇچىمىز ئىللىدى، قازىنىمىز ماي، قولىمىز پۇل كۆردى...، ھېلىمۇ بۇ باشلىقلار بوپقاپتىكەن...

     ماڭىمۇ جىق ياخشىلىق قىلغان ئۇلار...

     ھەي – ھەي – ھەي... دېگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى راست، پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايمىز، پارتىيە – ھۆكۈمەتكە قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، تىنچلىق، مۇقىملىققا، تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق بولغان ئەمەلىيىتىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرمامدۇق، ھازىرقىدەك دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئىشىمىزنى ئوبدان قىلايلى، دېدى قادىر دۈيجاڭ.

     كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئاي توشقان كۈنى ئىككى رەھبەر ماشىنىسىدىن چۈشۈپ جامائەت تەرەپكە ماڭدى، رەتلىك سېلىنغان ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار خۇددى ئۇزاقدىن بۇيان كۆرمىگەن ئاتا – ئانىسى كەلگەن كىچىك بالىلاردەك ئۇلار تەرەپكە ئاقتى.

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!... ئىككى رەھبەرنىڭ يوسۇنلۇق سالاملىرى، ئىللىق تەبەسسۇمى ئەسلىنى يوقاتمىغانىدى، قانداق جامائەت، ئىشلىرىڭلار جايىدىمۇ؟ ھال – كۈنۈڭلار قانداقراق؟... ۋەدىمىز بويىچە چېنىقىش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدۇق... دېيىشتى رەھبەرلەر. تۈپتۈز قاراماي يولنىڭ بويلىرىغا رەتلىك سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ مەركىزىگە يېڭىدىن ياسالغان چېنىقىش مەيدانى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

     قادىر دۈيجاڭنىڭ كۆز ئىشارىسى بىلەن سادىق ئىككى رەھبەرنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرغان شوپۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ دېدى:

     شوپۇر ئۇستام، سىزگە مۇنۇ بىر سېۋەت ئالمىنى ئېلىپ كەلدىم، بۇ دېھقانلارنىڭ كۆڭلى، ماشىنىنى رەھبەرلەردىن يىراقراق ئاپىرىپ توختاتقان بولسىڭىز.

     ـ نېمىشقا ئەمدى؟

     سىز بىلمەيسىز ئۇستام، ئۆتكەندە جامائەت بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ يۆتكىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزلىرىدىن ئىككى چىمدىمدىن توپا ئېلىپ چېنىقىش مەيدانىنىڭ ئۇلىغا تاشلايمىز دەپ بەس – بەستە ئىككى چىمدىمدىن توپا ئېلىشىۋىدى، ماشىنا ئۇلارنىڭ يېنىدىلا توختىغاچقا، بىر نەچچىسىگە ئىز توپىسى يەتمەي، بىر – بىرى بىلەن قېيىداپ قېلىشتى، قادىر دۈيجاڭ ئىككىمىز ئۇلارنى مىڭ تەستە جىمىقتۇردۇق، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بوپ قالسا...

     ئاكا، بۇ بىر سېۋەت ئالماڭلار ماڭا تىگىل بولدى، ماڭا تۆگە سويۇپ بەرگەندەك خۇش بولدۇم، مەن بىر ئۆمۈر شوپۇر بولۇپ ئاخىر مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي رەھبەرلەرگە شوپۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم، ئۆزۈم ھېس قىلمىغاننى سىلەر ئارقىلىق ھېس قىلدىم، مەن ماشىنىنى يىراققا توختىتاي، دېھقانلار ئىز توپىسىدىن بەھۇزۇر ئالسۇن...

     ـ رەھبەرلەر بۈگۈن بۇ جايدىن يانساڭلار...

     ـ نېمىشقا؟ سوراشتى رەھبەرلەر.

     جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، سىلەر بۇ جايدىن مېڭىپ بەرگەندىن كېيىن، ئىزىڭلار قالغان بۇ جايغا گۈل ئۈندۈرمەكچى ئىدۇق...

     ـ شۇنداق رەھبەرلەر، پارتىيە – ھۈكۈمەتنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى ئۆتكۈركەن، سىلەردەك خەلق ئوغۇللىرىنى ئۆستۈرگىنى بىزنىڭ بەختىمىز، بىز سىلەرنى باللىرىمىزدىن باللىرىمىزغا مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز...

     ماشىنا ئاستا سۈرەتتە ئالغا ئىلگىرىلەيتتى، قاداق باسقان جۈپ – جۈپ قوللار رەھبەرلەرنىڭ قەدەم ئىزلىرىدىن توپىنى تالىشىپ ئېلىشاتتى، ئاق كۆڭۈل دېھقانلارنىڭ قوللىرىدىكى يۈز چىمدىم توپا خۇددى ئەمدىلا ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغان ئىككى رەھبەر بىلەن شوپۇرنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ئەگىۋاتقان ياش تامچىلىرىدەك ئۇلارنىڭ ساددا چىرايىغا، تىترەك باسقان ۋۇجۇدىغا تامان سىڭمەكتە ئىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.