مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا

    ئامانگۈل2017-01-09 18:37:54شىنجاڭ گېزىتى

    ئالىم ياسىن ئارمانى

    ئەسىر بولۇپ بەڭۋاش خىيالغا،

    ئولتۇرغانتىم بىر قىيا تاشتا.

    بىر قىز ئۆتتى يېنىمدىن ئاستا،

    پەرىشتىدەك تۇيۇلدى ماڭا،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    ئارقىسىدىن زوقلاندىم قاراپ،

    ئىختىيارسىز لېۋىمنى يالاپ.

    خىيالىمدا چېچىنى تاراپ،

    قالدىم تېخى ئۇنىڭغا ياراپ،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    نۇر تارايدۇ تال – تال چېچىدىن،

    گۈل ئۈنىدۇ ماڭغان ئىزىدىن.

    يۈرەك ئاغار بېقىشلىرىدىن،

    تاڭ بالقىيدۇ مېڭىشلىرىدىن،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    پەرۋاسىزلا كېتەر ئۇ يىراق،

    يۈرىكىمگە يېقىپ ئىشتىياق.

    كۆيەر شۇندا مىڭ ئوت، مىڭ پىراق،

    ئوخشىمايمەن ئۆزۈمگە بىراق،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    بىر قۇش كەبى ئۇچۇپ كەتتى ئۇ،

    قىيا باقسا ئىلتىجايىم شۇ:

    ئەمدى كەلمەس ماڭا ھېچ ئۇيقۇ،

    كۆز ئالدىممۇ سەن يوق قاراڭغۇ،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    قارىمىسام بوپتىكەن باشتا،

    قالماس ئىدىم بۇنچە ئىڭراشتا.

    تولماس ئىدى كۆزلىرىم ياشقا،

    خىيالىم يوق ئۇنىڭدىن باشقا،

    بەلكىم ئۇ قىز ئون سەككىز ياشتا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.