مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    غالىب خوشلىشىش

    ئامانگۈل2017-01-09 18:37:24شىنجاڭ گېزىتى

    رۇزىمۇھەممەد قۇربان

     بىز ھامان خوشلىشىمىز.

     خوش دېيىش بىر ئازابلىق جەريان، ئۇ ئاخىرلىشىش بولسىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر يېڭى باشلىنىشتۇر. شوڭا زۆرۈرىيىتىدە ‹‹خوش›› دېيەلەيدىغان ئەقىلگە ئاپىرىن.

     سەن بۇ خىل تاللاشقا جۈرئەت قىلالامسەن؟

     جۇدالىق گويا بىر ئوت، بۇ ئوتتا چاراسلاپ كۆيۈپ پولاتتەك تاۋلىنىسەن. خوش دېگىن.

     ۋاز كېچىشتىكى يۈكسەكلىكنى، يېڭى يۈزلىنىشتىكى ئازاب – ئوقۇبەتنى باھارنى كۈتۈۋالغاندەك كۈتۈۋال.

     كونا قازاندا قايناۋەرسەڭ تۇزلۇق بولۇپ قالىسەن، بىر تەرەپلىمە قاراشلاردا غېرىچلىنىۋەرسەڭ ھاياتقا نە زوقۇڭ قالسۇن. خوش دېگىن.

    سەن يول گىرۋىكىدە تۇرۇپ قەدىردانلىرىڭنى يىراققا ئۇزىتىپ باققانمۇ؟

     كۈزدە تۇرنىلار ئۇزاپ كېتىدۇ، قەدەم تاشلىمىساڭ يېڭىدىن ئاياغ ئىزىڭ قالمايدۇ. كۈزدىكى دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ياپيېشىل رەڭگە بوياپ شاخلىرىدا قالدۇرۇپ بولالمايسەن.

     شۇنچىلىك ئىقرار بار يەردە يېڭىلىنىشنىڭ ھېچقانداق سىگنالى يوق دەمسەن؟

     تاڭ ئاتتى، بىر قۇياش چىقتى، بىر بەت ئۆرۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خوشلىشىشتىن كېيىنكى جەريان.

     يوللارنىڭ قايسى بىر سوغۇق بېكەتلىرىدە خوشلىشىش يوق؟ بىراق سەن شۇنداق بىر خەيرخوش دېگىنكى، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ھەيران قالدۇر. چۈنكى خوشلىشىشنىڭ ئۆزى يېڭى باشلىنىش.

     ئەقىدەڭنى مادارا سەھنىسىگە سۆرەپ چىقىپ، ئىشرەتلىك تۇرمۇشنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندۇرغۇچى كېلىشىم زىياپەتلىرىگە خوش دېگىن.

     ئاجىز ۋە ناتىۋانلارنىڭ بىغۇبار قەلبى ياراتقان پاك تۇرمۇشنى نەپسىڭنىڭ ئىستېمال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋېلىشتىن خوش دېگىن.

    بىز خوشلىشىشنى بىلمەيدىغانلارنى ئەبگا ھەلەكچىلىكتە ۋە بەدبۇي پۇراقتا سەزدۇق.

     بىز خوشلىشىشنىڭ بۈيۈك پەيتىنى ۋە رەڭدار تەرەپلىرىنى كۆرەلمىگەنلەرنى قالدۇق دۇنيانىڭ زەئىپ قىسىلچاقلىرىدا ئۇچراتتۇق.

     سەن قانچە قېتىم خوشلىشالىدىڭ؟

     نېمىلەردىن ئۈزۈل – كېسىل يىراقلىشالىدىڭ؟

     كىملەرگە چىداپ تۇرۇپ قول پولاڭلىتالىدىڭ؟ مەن سېنىڭ ئىرادەڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى خوشلىشىشلىرىڭدىن بىلەي. باتۇرلۇقۇڭنى كەسكىن بۇرۇلۇشلىرىڭدىن بىلەي. دانالىقىڭنى ۋاز كېچىش پەيتلىرىدىكى روشەن پوزىتسىيەلىرىڭدىن بىلەي.

     بولدىلا، قالدۇق ھېكايىلەرنى سۆزلەۋەرمە، سەن تۇغۇلغاندىلا بار ئاۋۇ كونا تاملارنىڭ ئارقىسىدا سەن بايقىمىغان پارلاق بىر يول بولۇشى مۇمكىنغۇ؟

     ھىم ئېتىلگەن دېرىزىلىرىڭنى ئۇلۇغ ئېچىۋەت.

    قەدىمىي قىسسەلەردە سۆزلەنگەن سىرلىق ساندۇقلارنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى قۇلۇپنى چېقىپ ئاغزىنى ئاچمىغۇچە بىلەلمەيسەن.

     خوش دېگىن – دە، ئۆزۈڭنىڭ غۇۋا تەرەپلىرىڭدىن قۇتۇل. ‹‹خەيرخوش››، بۇ ئاجايىپ لىرىكا، شۇنداقلا بىر چۇقان. ئۇنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاش ئۈچۈن ئاچچىق تولغاق ئىچىدە قايتا تۇغۇلغاندەك ئۆزۈڭنى يېڭىلىشىڭ كېرەك.

     ئۇزىتىپ قوي. سېنىڭ ئۈستىلىڭ ئەتراپىدا بوش ئورۇن بولمىسا يېڭى مېھمان قانداق سىغسۇن!؟

     ‹‹خوش›› دېيەلمىگەنلەر قارشى ئېلىشنىمۇ بىلمەس.

     باھار ھەقىقەتەن گۈزەل، بىراق باھاردىن كېيىن يازنى شەرەپ بىلەن كۈتۈۋالايلى. كۈزدە پىشىپ سارغىيىپ تۆكۈلۈشنى بىلمىسەڭ، قىشتا نەدىكى شېرىن ئۇيقۇ؟

     ئەي يېڭى قۇياشنىڭ ئىگىلىرى، يېڭى چىسلاغا ئېرىشەي دېسەڭلار، كالېندارنىڭ بىر ۋارىقىدىن ۋاز كېچىڭلار. خەيرخوش!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.