مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    كۈلكە ياغار چوپان بەستىدىن

    ئامانگۈل2017-01-09 18:36:15شىنجاڭ گېزىتى

    مەمتىمىن ھاشىم

    ئىسقىرتقاندەك چىقار شىۋىرغان،

    ھەممە يەردە پادىنىڭ ئىزى.

    مېھرى ئىسسىق پاكار گەمىدە،

    چاي قاينىتار چوپاننىڭ قىزى.

    ناخشا ئېيتار چوپان توختىماي،

    نېمىشقىدۇر مۇڭلارغا پېتىپ.

    ھۇزۇرلىنار قار قونغان زېمىن،

    شۇ ناخشىنى زوقلىنىڭ ئىشتىپ.

    ئۇ قوغدايدۇ ئاشۇ سوغۇقتا،

    قويلىرىنى بۆرە قەستىدىن.

    شۇڭا مالغا تولغاچ ئېدىرلار

    كۈلكە ياغار چوپان بەستىدىن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.