مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    خوشلاشماقچىمەن

    ئامانگۈل2017-01-09 18:35:45شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل

    كونا يىل سەن بىلەن خوشلاشماقچىمەن،

    خوشلىشىپ يانغاندەك ئاخىرقى قۇياش.

    قىيماسلىق قەھرىدە قوللاشماقچىمەن،

    قەلبىمدە چېچەكلەپ تۇرسىمۇ كۆزياش.

    سەن بەرگەن سۆيگۈنىڭ مەجنۇنتاللىرى،

    چىلىنىپ تۇرغاندا ھېسسىم كۆلىگە.

    قۇترىتىپ يېڭىشنىڭ ئەس – خىياللىرى،

    سۇ چاچتىم لەۋلەرنىڭ نامسىز چۆلىگە.

    ئىشلەتتىم قېنىمنى رەڭنىڭ ئورنىدا،

    چېچىمنىڭ تۇنىدە يۇلتۇزلار ياندى.

    كۆزۈمدىن گۈن تامدى، نۇرنىڭ بۇرجىدا

    نۇرسىراپ تۇرغانلار نۇرلارغا قاندى.

    بەدەلنىڭ كۆرۈمسىز قىر – دالاسىدا،

    پورەكلەپ ئېچىلدى ئەجىر گۈللىرىم.

    مىلياردقا سەپ تۈزدى كۆپ باھاسىدا،

    تىللاردا سەتلەشكە قالغان نۆللىرىم.

    ئاپتاپنى كۆرۈشكە ئاپتاپ كۆز كېرەك،

    ئاي بىلەن بەسلەشمەك ئاي چىرايغا خاس.

    ئاپتاپنى كۆرمىگەن كۆزلەر، ئۇ دېمەك،

    قاراڭغۇ ئۆڭكۈر يا ئازگالدۇر خالاس.

    ئاپتاپنى ئاپتاپ دەپ تونۇغان، بىلگەن،

    ئەسنالار سېنىڭدىن يارالغان ماڭا.

    سەن تۇرساڭ بۆكۈمنى كۆككە كۆتۈرگەن،

    مەن قانداق چىدايمەن، چىدايمەن ساڭا.

    بولدىلا، خوشلىشىش ياتلىشىش ئەمەس،

    ئۈزۈلمەس ھېچقاچان ئۇ ئەشكەن تانا.

    مەنزىلنى ئەيلىسەڭ قۇملۇق دەپ پەرەز،

    ھەر زەررە چاچقۇسى ئالتۇندەك زىيا.

    قىپقىزىل ئالمىلار خوشلاشماي شاختىن،

    قىپقىزىل قىزلارغا سۇنۇلغانمىدى!؟

    ساپسېرىق ئۆرۈكلەر سانالماي قاقتىن،

    ساپسېرىق رەڭلەردە تونۇلغانمىدى!؟

    خوشلىشىش ئېھتىمال خۇشلۇق تەشۋىشى،

    تەشۋىشلەر يەنىلا ياپيېشىل چىمەن.

    بولاي دەپ چىمەننىڭ يېڭى كۈيچىسى،

    كونا يىل سەن بىلەن خوشلاشماقچىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.