مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    كۆۋرۈك

    مەۋلۇدە2017-01-09 15:49:04شىنجاڭ گېزىتى

    گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

    مەنزىلنى مەنزىلگە تۇتاشتۇرۇپ چىڭ،

    سەھرانى شەھەرگە قىلىسەن يېقىن.

    ئۈستۈڭدىن ئۆتىدۇ ئادەملەر كۈلۈپ،

    ئاقىدۇ ئاستىڭدا زىلالدەك ئېقىن.

    ئۆتكۈزدۈڭ بېشىڭدىن نۇرغۇن يىللارنى،

    ئەل – يۇرتنى رازى قىپ سۆيۈپ داۋاملىق.

    سەن بولغاچ قەدەملەر نۇسرەتكە قولداش،

    خۇشاللىق ئۈستىگە يېغىپ خۇشاللىق.

    دولقۇنلار قۇچاقلاپ تۈۋرۈكلىرىڭنى،

    ئاقىدۇ كۈۋەجەپ يىراق – يىراققا.

    باش ئەگمەي مەردانە تۇردۇڭ تاقابىل،

    كەلكۈندەك ئاپەتكە، ئېغىر سىناققا.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.