مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئوچاقتا گۈرۈلدەپ كۆيگىنى ھىجران

    ئامانگۈل2016-12-26 10:30:29شىنجاڭ گېزىتى

    مەتنۇرى ئۆزھال

    تۇيۇلۇپ گوياكى ۋاقىت كۆيگەندەك،

    دولقۇنلاپ تاشىدۇ ئوتنىڭ ۋۇجۇدى.

    ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بوۋاي

    ئۈندىمەي چىڭ سىقار ئوتنىڭ قولىنى.

    ئۆيدىكى كېچىنىڭ قاناتلىرىنى،

    كۆيدۈرەر ئوچاقتىن چاچرىغان ئۇچقۇن.

    ئالتۇن رەڭ چېچىنى ھەر يانغا تاشلاپ،

    ساماغا چۈشىدۇ بەس – بەستە يالقۇن.

    قىزىل ئوت كۆزىدىن تامسا ئەسلىمە،

    بوۋاينىڭ يۈرىكى كۆيەر پىژىلداپ.

    سۇپىدا ياڭرىسا جىمجىتلىق كۈيى،

    ئاتەش ئوت بەرگىدە كۆيىدۇ ئازاب.

    بوۋاينى ئۇنۇتقان بوۋاينىڭ كۆڭلى،

    ئاتەشكە تاشلىنار سەمەندەرسىمان.

    قول سوزۇپ ھەر يانغا ئېتىپ ئۆزىنى،

    ئوچاقتا گۈرۈلدەپ كۆيگىنى ھىجران.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.