مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    سەھرادا قىش

    ئامانگۈل2016-12-26 10:29:44شىنجاڭ گېزىتى

    ئەنۋەر ھىدايەت

    ھەر دوقمۇشتا ئاپپاق قار بوۋاي،

    چىغىر يولدا توشقاننىڭ ئىزى.

    ھويلىسىدا ئايدەك تونۇرغا

    نان ياقماقتا سەھرانىڭ قىزى.

    ئېرىقتىكى سۈزۈك مۇزلاردا،

    سەكرەپ يۈرەر مەندەك بالىلار.

    زىنىخىنى ئاپتاپقا تەڭلەپ،

    غازاڭ سۆيۈپ ياتار دالالار.

    مېھرى ئىسسىق پاكار ئۆيلەرنىڭ،

    مورىسىدا ئوينايدۇ تۈتۈن.

    ئاپپاق قاردەك يۇمشاق يوتقاندا

    بوۋاق ئۇخلار، يۈرىكى پۈتۈن.

    شاخلىرىدا دوڭغاق جىگدىنىڭ،

    ۋىچىرلىشار قۇشلار توختىماي.

    تۆكۈلسىمۇ كۆكتىن قار گۈلى،

    ھايات كۈلەر قىشقا ئوخشىماي.

    قار ياغسىمۇ ئايازدەك گويا

    ئۆزگىچىدۇر سەھرانىڭ قىشى.

    دادىلارنىڭ قولىدا كەتمەن،

    باشلىنىدۇ ئەتىنىڭ ئىشى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.