مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    ھاسامنىڭ تاللىشى

    ئامانگۈل2016-12-26 10:28:03شىنجاڭ گېزىتى

    (شىڭگىل ھېكايە)

     مۇھەممەت تۇرسۇن ئەخمەت

     ئوتلان قاتناش ۋەقەسىدە پۇتۇڭ سۇنۇپ ياتقاندا ماھىرە يوقلاپ كەلگەن بولسا، بەرنامۇ يوقلاپ كەلدىغۇ؟ قارا ئۇكام يالقۇن، بەرنانىڭ دادىسى چوڭ باشلىق، كېيىنچە بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ياردەم قىلىشى چوقۇم، دېدى نىجاد.

       ـ ياق، توي قىل دېسەڭلار ماھىرە بىلەن توي قىلىمەن، ئاتا – ئانىسى بىزگە ئوخشاش دېھقان، كەلگۈسىدە ماھىرەنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە زاغرا يەپ، ئۇماچ ئىچىشكە رازىمەنكى، بەرنادەك ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۆيىدە مىننەتلىك مەزە يەپ، ئاچچىق يۇتۇشنى خالىمايمەن.

      ـ ئۇكام، تېخى توي قىلماي تۇرۇپ، بەرنانىڭ ئۆيىدە مىننەتلىك مەزە يەپ، ئاچچىق يۇتۇشىڭنى نەدىن بىلدىڭ؟

      ـ ھاسام ئېيتىپ بەردى، ماھىرە دېگەن ھاسام تاللاپ بەرگەن لايىقىم.

      ـ نىمە؟ قايسى ھاساڭ؟

      ـ پۇتۇم سۇنۇپ كېتىپ ساقايغىچە تايىنىۋالغان ھېلىقى ھاسامچۇ؟

      ـ ئۇكام، توي قىلغاندىن كېيىن بەرنا بىلەن ھاساڭ ئەمەس، سەن ئۆي تۇتىسەن.

      ـ شۇنداق، مەن ئۆي تۇتىمەن، بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم، -بولدى ئاۋارە بولما.

      ـ ئەمىسە بىر دەپ باقە ئۇكام، ھاساڭ نېمىنى ئېيتىپ بەرگەن؟

      دوختۇرخانىدىن يېڭىلا چىققان چېغىم، بەرنا مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، دېيىشكەن جايغا بارغىچە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھاسامغا تايىنىۋالغانىدىم. ماشىنىدىن چۈشكىنىمدە، بەرنا مەندەك بىر ھاسا تايىنىۋالغان يىگىت بىلەن ماڭغىنىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى.

      ـ ماھىرەچۇ؟

       ماھىرە بىلەن كۆرۈشكەندە، ھەر قېتىم ماشىنىغا چىقىپ – چۈشكىچە ھاسامنى كۆتۈرۈۋالدى، تېخى مېنى ماشىنىغا يۆلەپ چىقىرىپ – چۈشۈردى، ئۇ چاغدا بىر خىل ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم. مەندىن چانمىغان ماھىرە تۇرغان يەردە، ئاشۇ تەكەببۇرنى تاللامدىم؟

      ـ ئەقلىڭگە بارىكاللا، دېدى نىجاد.

      ـ نېمە دېدىڭ ئاكا؟ سەن تېخى بايىلا...

      ـ توغرا، مەن شۇنداق دېدىم، بىراق بەرنانىڭ ھەدىسى بىلەن توي قىلغان يېقىن دوستۇم ئەكبەرنىڭ ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ كۆرگەن كۈنىنى ساڭا دېمىدىم.

     يالقۇن ئىشىك كەينىگە يۆلەپ قويۇلغان، ئازراق چاڭ باسقان ھاسىنى قولىغا ئالدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆزىمۇ بىلمىگەن بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىرلايتتى، تىتىرگەن قوللىرى ئۇنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق، يېنىدىن ئايرىمايدىغان قول ياغلىقى بىلەن ھاسىنى توختىماي سۈرتەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.