مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شېئىرىيەت گۈلزارى

    ئەڭ گۈزەل بىر ناخشا كۆزلىرىڭ ماڭا

    ئامانگۈل2016-12-26 10:24:18شىنجاڭ گېزىتى

    ۋارىسجان ئاتاخان(تاجىك)

    ئۇزارماقتا كۆزۈڭدىكى خەت

    خىيالىڭغا يۆلىنىپ بۇ دەم

    ئۇنتۇپ كەتكۈم كېلىدۇ سېنى.

    سۈمبۇل چېچىڭ ياسايدۇ ئۆركەش

    قاينىمىغا چۆكتۈرۈپ مېنى.

    دەم تارتىدۇ يۇلتۇزلار چاقناپ،

    كەل باغرىمغا شۇڭغۇ، دەپ تىرەن.

    ئوتلۇق ھېسلار باياۋانىدا

    گويا سەلدەك دولقۇنلاپ لېۋەن.

    مەھەللەڭنى ئايلاندىم يالغۇز،

    ئاھ، ئوتۇڭدا دىۋانە بولۇپ.

    ئۇزارماقتا كۆزۇڭدىكى خەت،

    كەچمىشىمگە ئەپسانە ئوقۇپ.

    ئىچىمدىكى نۇرنىڭ ئىچىدە

    ئىچىمدىكى نۇرنىڭ ئىچىدە،

    ماڭا كۈلۈپ سۆزلەيتتى قۇياش.

    قار سۈيىدەك باقسام مۇلايىم،

    كۆرۈنمەكتە ھەتتا تاغۇ تاش.

    خەت يازىمەن ئورمانلىرىمغا،

    كۈيلىرىڭنى ماڭا بەرسەڭ دەپ.

    چىمەنلەرنىڭ ئوتلۇق قاشلىرى

    ئەسلىمەمگە ئايلانغان ئەجەب.

    ئالدىمدا تاغ يوچۇن بىر تىلدا

    سۆزلىمەكتە تۇيغۇلار بىلەن

    بىر نۇر باقسام ئاقار ئەركىلەپ

    گۈل بەرگىگە تامغاندەك شەبنەم.

    سوئاللار چۆلى

    ئېھ، كۆڭۈل شېخىمدا كېتەمسەن ئېرىپ

    قايغۇمدەك ئۇچقاندەك ئاداققى غازاڭ.

    ياپيېشىل چىمەنلەر ئەيلەيدۇ ناۋا،

    دولقۇنلار كۈيىگە تۆككەنچە ئاھاڭ.

    يىراقتىن تەلمۈرۈپ قارايمەن ساڭا

    قۇندۇزدەك چېچىڭغا ئۆتسەم باغلىنىپ.

    ئاشىقلىق بىر جاھىل كېسەلدەك ماڭا

    شۇ تاپتا تېنىمگە تۇرار چاپلىشىپ.

    نە دورا بار سەندە بىلمىدم شۇڭا

    ئاقىمەن شۇقەدەر ئىچمگە تولۇپ.

    خالىساڭ ئۇچۇپ كەل قېشمغا لالەم

    تارتىنىش، يېتىرقاش دېگەننى قويۇپ.

    ئەڭ گۈزەل بىر ناخشا كۆزلىرىڭ ماڭا

    ئەڭ گۈزەل بىر ناخشا كۆزلىرىڭ ماڭا

    ئاقماقتا ئىچىمدە دولقۇنلار ياساپ.

    ئاھ، يېشىل تۇيغۇلار سالغاندەك ساما،

    يۈرىكىم گۈلخاندەك كۆيمەكتە ئەجەب

    مەست بولدۇم شۇ تاپتا ئۇزۇندىن ئۇزۇن

    ئاشىقلىق كۆز قىسىپ ئۆتكەندەك خۇشال.

    گۈللەرگە ئويۇمنى سۆزلىدىم ھەركۈن،

    شەبنەمدەك تىترەيتتى تىلىم بولۇپ لال.

    ئەڭ گۈزەل بىر ناخشا كۆزلىرىڭ ماڭا،

    ئەڭ ئۆلمەس ھاياجان ئاقار كۈۋەجەپ.

    ئەڭ ئۆلمەس سۆيگۈ بار ھاياتتا شۇڭا،

    كەل تاشلان باغرىمغا قۇياشقا ئوخشاپ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.