مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    ‹‹جىگدەيار››دىكى ھېكايەم

    ئامانگۈل2016-12-06 15:44:53شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرغۇن مىجىت

     كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھېكايىلىرى بولىدۇ. شۇ ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى دەستۇرىڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

     بالىلىق چاغلىرىمدا دادامغا ھەمراھ بولۇپ، پات – پات ‹‹جىگدەيار›› دېگەن سايغا ئوتۇنغا چىقاتتۇق. 16 ياشقا كىرگەن چېغىم، دادامغا قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۆزۈم يالغۇز ئوتۇنغا بېرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردۈم. دادام رايىمنى قايتۇرالماي، دەككە – دۈككە ئىچىدە مېنى قوشنىمىز ئاۋۇت ھېلەككە قوشۇپ ‹‹جىگدەيار››غا يولغا سالدى. ئېشەك ھارۋىسى بىلەن بىر كېچە يول يۈرۈپ، تاڭ ئاتقاندا ‹‹جىگدەيار››غا يېتىپ كەلدۇق. بۇ تۇنجى قېتىم يالغۇز ئوتۇنغا چىقىشىم بولغاچقا، بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم، چۈنكى بۇ چوڭ بولغانلىقىمنى دادامغا بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. ئاۋۇتكام ئىككىمىز بىرەر يۈز مېتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ، ھارۋىمىزنى جايلاشتۇردۇق – دە، چالا – بۇلا ناشتا قىلىپلا ئوتۇن چېپىشقا چۈشۈپ كەتتۇق. مۇشۇ مىنۇتلاردىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجان غەيرىتىمگە غەيرەت قوشقاچقا، ئوتۇن چېپىش سۈرئىتىم تېزلەشكەنىدى. بۇ سۈرئىتىم بىلەن كۈن چۈش بولغىچىلا ئوتۇن چاپسام، ھارۋىنى راۋۇرۇس توشقۇزالىشىمدا گەپ يوق ئىدى.

     ھەۋەس بىلەن ئوتۇن چېپىۋاتسام بىر كەمدە تۇيۇقسىز ئاۋۇتكام مېنى چاقىرىپ قالدى. ئۇچلۇق تۇمشۇق پالتىنى يەرگە قويۇشقىمۇ رايىم بارماي، ئۇ تۇرغان تەرەپكە بوينۇمنى سوزۇپ قارىدىم.

     يىلان... يىلان...

     ئاۋۇتكام شۇنداق دېگىنىچە بىر نەرسىنى قوغلاشقا باشلىدى. ساي يىلىنى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. شۇڭا داۋاملىق ئوتۇن چېپىش قىزغىنلىقىمدىن يىلاننى كۆرۈش ئىستىكى غالىب كېلىپ، ئۇچلۇق پالتىنى تاشلىغىنىمچە ئاۋۇتكامنىڭ يېنىغا يۈگۈردۈم.

     قېنى... قېنى يىلان، ئاۋۇتكا؟ دېدىم ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ تۇرۇپ.

     مانا... مانا...

     ئاۋۇتكام قويۇق ئۆسكەن بىرتۈپ چاكاندىنىڭ ئارىسىنى قولى بىلەن شەرەتلىدى. سىنچىلاپ قارىسام، چىمچىلاق توملۇقچىلىك بىر يىلانچاق چاكاندىنىڭ ئارىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، قىزغۇچ تىلىنى توختىماي پىلدىرلاتقىلى تۇرۇپتۇ.

     چاپسان قولۇڭغا تاش ئال! دېدى ئاۋۇتكام.

     نېمە قىلىمەن؟

     ماۋۇ يىلاننىڭ بېشىغا ئۇر.

     مەن ئىشنىڭ نېرى – بېرىسىنى ئويلىمايلا، تاشتىن بىرنى ئېلىپ يىلانغا قارىتىپ ئاتتىم. تاش ئۇنىڭ بېشىغا تەگمەي ئۇدۇل بېلىگە چۈشتى – دە، بىچارە يىلانچاق ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى، بىراق ئۇنىڭ بېشى يەنىلا مىدىرلاپ، قىزغۇچ تىلى توختىماي ھەركەتلىنىۋەردى.

     ئەمدى ... ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دېدىم ئاۋۇتكامغا قاراپ قورقۇنچ ئىچىدە. مۇشۇ تاپتا يىلاننىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى غەش بولۇپ، ئۆزۈممۇ بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم.

     ئىشىمىزنى قىلىمىز، دېدى ئاۋۇتكام پەرۋاسىز قىياپەتتە. ئاندىن ئۇ نېرىدىكى تاشلاپ قويغان ئۇچلۇق پالتىسىنى ئېلىپ ئوتۇن چېپىشقا كىرىشتى. مەن مەيۈس بىر قىياپەتتە ئۆز ئىشىمغا ماڭدىم.

     ھە راست، دېدى ئۇ قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ، مەنمۇ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا قارىدىم، ئوتۇن چاپقاندا دىققەت قىل بالام، يېقىن ئەتراپتا ئۇنىڭ ئانىسى بولۇشى مۇمكىن، بالىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن سېنى چېقىۋالمىسۇن.

     بۇ گەپنى ئاڭلىشىم بىلەن تەڭ بەدىنىم تىكەنلىشىپ، ئىچىمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى. خۇددى ئەتراپىمدىكى قايسىبىر چاتقالنىڭ تۈۋىدىن يوغان بىر يىلان ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك گۇمانىي تۇيغۇ پۈتۈن ئېسىمگە چاڭ سالدى. يىلانچاقنى ئۇرۇشقا ئاۋۇتكام بۇيرۇغان بولسىمۇ، تاشنى ئاتقۇچى مەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئانىسى ئىزدەپ كەلسىمۇ مەندىن ھېساب ئېلىشى ئېنىق ئىدى. شۇ تاپتا ۋەھىمە ۋە تەشۋىشنىڭ ئۈستىگە پۇشايمانمۇ قېتىلىپ، مېنى تېخىمۇ قىيناشقا باشلىغانىدى. مەن ئوتۇن چاپقان يېرىمگە باردىم – يۇ، قولۇم ئىشقا بارمىدى. قايسى ئوتۇننى چاپاي دېسەم، ئۇنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئانا يىلان باردەك تۇيۇلاتتى، قورقۇنچتىن ھەتتا ئۇ چاتقالنىڭ تۈۋىگە يېقىنراق بېرىشتىنمۇ ئەيمىنەتتىم. شۇنداق قىلىپ، ئەمدى ئىشىم ئىش بولمىدى. ۋەھىمە ئىچىدە تېڭىرقاپلا يۈردۈم. كۈن چۈشتىن قايرىلدى. ئاۋۇتكام چاپقان ئوتۇنلىرىنى بېسىشقا باشلىدى.

     نېمىگە قاراپ تۇرىسەن بالام؟ ئوتۇنۇڭنى باس قايتىمىز، دېدى ئۇ بىر كەمدە ماڭا قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ.

     مەن ئىلاجىسىز ھارۋىنى قېتىپ، چاپقان ئوتۇنلىرىمنى بېسىشقا باشلىدىم، ئوتۇننى بېسىپ بولغۇچە قورقۇپ چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلدۈم. تەلىيىمگە يارىشا بۇ ئوتۇنلارنىڭ ئارىسىدىن يىلان چىقمىدى. بىراق بىر كېچە ئۇخلىماي يول يۈرۈپ ‹‹جىگدەيار››غا چىقىپ يىغقان ئوتۇنۇمدا ھارۋا يېرىممۇ بولمىغانىدى. بۇ ئوتۇننى ئېلىپ دادامنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بېرىشنىمۇ بىلمەيتتىم.

     دادام ‹‹جىگدەيار››دىن ئەكەلگەن ئوتۇنۇمنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، قورقۇنچتىن سارغىيىپ كەتكەن چىرايىمغا قاراپ، بىر ئىشلارنى ھېس قىلدى بولغاي، يولدا قانداق ئىشقا يولۇققىنىمنى سوراپ تۇرۇۋالدى. مەن ‹‹جىگدەيار››دىكى ئىشلارنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم. دادام ئاچچىق كۈلۈپ بېشىنى چايقىدى.

     ھەي، بۇ ئاۋۇت ھېلەك دېگەن ئادەم ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق ھارامزادە. بىردەمدە ئىككى ئادەمنى ئىتتەك تالاشقا سېلىپ قويۇپ، ئارقىدىن ياراشتۇرغۇچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. باشقىلارنى بالاغا تىقىپ قويۇپ، تاماشىسىنى كۆرگىلى ئامراق. مەنمۇزە ئۆتە – ساپا سېنى مۇشۇ ئادەمگە ھەمراھ قىلىپ قويۇپ بىر ئېزىپتىمەن دېسە. ھېچ ۋەقەسى يوق، بالام. ‹‹جىگدەيار››دىن ساق – سالامەت كەلگىنىڭنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. شۇغىنىسى، بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلار ماۋۇ ئىشنى قىل دېسە، ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن قارار چىقارغىن.

     ئارىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمىدى. بىر قىسىم كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆيۈۋاتقان ئوتنى باشقىلارغا گۈل كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ سەكرىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن، بىراۋنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئازابلانغانلىقى، ئۇلار ئۈچۈن خۇشاللىق تۇيۇلسا كېرەك. كېيىنكى تۇرمۇش يولۇمدا بۇنداق ئىشلار يەنە كۆپ ئۇچرىدى. بىراق باشقىلارنىڭ سەنىمىگە قارىغۇلارچە ئۇسسۇل ئوينىمىدىم، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشقا ئادەتلەندىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.