مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    رەناگۈلنىڭ ‹‹جەننىتى›› (3)

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-11-29 11:03:51شىنجاڭ گېزىتى

    ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، ئابلىمىت ئابلەت

    5

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد تۈنۈگۈن كەچ ئۆيدىن جىممىدە چىقىپ كەتكەن مەلىكىخاننى ئىزدەپ، كېچىنىڭياقى ئۆيى جايلاشقان يەكەن بازىرىنىڭ غوجىمىڭدۆڭ ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى كوچا، مەھەللىلەرنى قويماي ئىزدىدى. كوناشەھەردىن يېڭىشەھەرگىچە چىقتى. تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقمىدى.

    ــ مەلىكىخان بىر يەردە يىقىلىپ قېلىپ ياكى ئاپتوموبىل، موتو ئۇرۇۋېتىپ قالمىغىيتى دەيمەن.

     ــ ئېغىزىڭلارنى ئۈششۈتمەڭلار ئانىسى، دېدى نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد چالا – پۇچۇق ناشتا قىلىپلا تالاغا ماڭغاچ، – ئەنسىرىمەڭلار خوتۇن، چوقۇم تېپىپ كېلىمەن، ــ دېدى تۇخاننىڭ غەم بۇلۇتلىرى قاپلىغان چىرايىغا قاراپ.

     دېگەندەك، نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد ئېگەرچى بېكەت ئالدىغان كەلگەندە، ئالدىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان تونۇش سىمانى كۆرۈپ ئۇزاق يىل ئايرىلىپ كەتكەن تۇغقىنى بىلەن دىدارلاشقاندەك ھاياجانغا چۆمدى. مەلىكىخاننىڭ قەلبىدىكى ھاياجان چېھرىگە تەپتى. ئۇ كۆتۈرۈۋالغان يالتىراق خالتىدىكى ئۈزۈمنى نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدكە تەڭلىدى.

    6

     مەلىكىخان ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دەرۋازا ئالدىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان تۇخان بىلەن خۇددى ئۇزاق ئايرىلىپ كېتىشكەن تۇغقانلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا ھاياجان ئولىشاتتى.

     مەلىكىخاننىڭ ئاي – كۈنى يېقىنلاپ قالغانسېرى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ بېشىغا غەم تاغلىرى يىقىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. يېزىدىكى ئون نەچچە مو يەرگە تايىنىپ بىر ئائىلىنى قامدايدىغان نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد تۇخاننى ۋاقتى – ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن، ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ماكانلاشقانىدى. دېھقانچىلىقنىڭ قاتىلاڭ ۋاقتىدا ھەپتە – ئون كۈن يېزىدا تۇرغاندىن باشقا چاغدا، دېھقانچىلىق ئىشىنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قىلىپ قوياتتى. يەرنىڭ ھوسۇلىدىن باشقا، نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد ناھىيە بازىرىدا ئازدۇر – كۆپتۇر ئىش تېپىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۇخاننى قوشمىغاندىمۇ ئىككى كېسەل، ئالتە – يەتتە جاننى بېقىۋاتقان نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ يۈكىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ئانچە تەس ئەمەس. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلارنىڭ بىر يېزىدىكى يېقىنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ بالىلىق بولالمىغانلىقىنى، مەلىكىخاننى ئەكىتىپ بۇنىڭدىن كېيىن ھالىدىن ئۆزلىرى خەۋەر ئېلىپ، تۇغقاندىن كېيىن بالىنى ئۆزلىرى بېقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇزاق ئويلىنىشتىن كېيىن ئۇلار ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. مەلىكىخان ياخشى تۇرمۇشتا ياشىسا، بالىمۇ تىمەن چوڭ بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق قىلىپ مېھمانلار مەلىكىخاننى ئېلىپ كېتىشتى. ئەمما ئۈچ كۈن ئۆتمەي مەلىكىخان ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئادەتتە تالا – تۈزگىمۇ چىقمايدىغان بۇ چوكاننىڭ شۇنچە يىراقتىن ئۆينى تېپىپ كېلىشى بىر مۆجىزە ئىدى. بەلكى كۆڭۈل كۆزى، مېھىر – مۇھەببەت رىشتى باشلاپ كەلگەندۇ. تۇخان مەلىكىخاننى قۇۋۋەتلىك يېگۈزۈپ ئوبدان كۈتتى.

    7

     مەلىكىخاننىڭ تولغىقى تۇيۇقسىز تۇتتى، دوختۇرغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا بالىنىڭ بېشى كۆرۈندى. تۇخان ئىلگىرى تۇغۇت ئانىسى بولغان قوشنىسىنى چاقىرىپ بالىنى سالامەت تۇغدۇرۇپ كىندىكىنى كەستى. ئەمما بالىنىڭ ھەمرىيى چۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دوختۇر چاقىردى، ئەمما كېچىككەنىدى. شۇ كۈنى بىر مۇساپىر خەنزۇ ئۇيغۇر تۇغقىنىنىڭ قۇچىقىدا جان ئۆزدى...

     مەلىكىخاننىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئادىمى بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەردار قوشنىلارمۇ خۇددى يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئىش – ئوقەتلىرىنى تاشلاپ مۇسىبەت بولغان ئۆيگە ئالدىرىدى. نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد، تۇخان ۋە تۇرسۇننىيازخانلار مېيىتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇزىتىپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلدى. كىچىك دائىرىدە نەزىر قىلدى. بەلكىم، نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن تۇخان ‹‹رەنا›› دېگەن ئىسىمنىڭ چىرايلىق ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈلنىڭ ئىسمى، چىرايلىقتىن چىرايلىق دېگەن مەنىسى بارلىقىنى بىلەمدۇ – بىلمەمدۇ بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما ئۇلار مەلىكىخاننىڭ يالدامىسى دۇنيانىڭ يېڭى مېھمىنىغا ‹‹رەناگۈل›› دېگەن ئىسىمنى قويۇشتى.

     شۇ چاغدىكى يەكەن بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىسى قادىر تالىپ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ بىزگە مۇنداق دېدى: مەلىكىخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ بىز بىرقانچە ساقچى نۇرمۇھەممەدئاكىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا بۇ ئۆيدىكىلەردىن تارتىپ قولۇم – قوشنىلارغىچە مۇسىبەت ئىچىدە تۇرغان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم تەسىرلەنمەي قالمايتتى...

     ئون يىل بۇرۇن يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بازىرى غوجىمىڭدۆڭ ئاھالە كومىتېتىنىڭ بەشكەنت كوچىسىدىن باشلانغان بۇ ھېكايە بۈگۈنكى كۈندە تىللاردا داستان بولغۇدەك مېھىر – مۇھەببەتكە گۇۋاھچى بولۇپ يېڭى ئالتۇنرەڭ تاڭغا ئۇلاشتى. بىز بۇ تەسىرلىك ھېكايىنى ئاڭلاپ قەلەم ئېلىپ جامائەتچىلىككە سۇنۇش مۇددىئاسىدا چۈشكە يېقىن بەشكەنت كوچىسىغا ئاياغ باسقىنىمىزدا، كوچىنى كېزىپ يۈرگەن كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى قۇلاق تۈۋىمىزدە: ئەنە، ئاشۇ ھويلا، نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئۆيى، رەناگۈلنىڭ ‹‹جەننىتى›› دەپ پىچىرلىغاندەك قىلدى. بىز ھويلىغا كىرگەندە بىر ئائىلە كىشىلىرى چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇلار بىزنى تۆرگە باشلىدى. بۈگۈن شەنبە كۈنى بولغاچقا رەناگۈلمۇ ئۆيدە بار ئىكەن. بىز رەناگۈل بىلەن پاراڭلاشتۇق:

     ــ قايسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىسىز؟

     ــ يەكەن بازىرىدىكى ئالغا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 – يىللىق 1 – سىنىپىدا ئوقۇيمەن.

     ــ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن نەدە ئوقۇيسىز؟

     ــ ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيمەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى رەناگۈل شوخلۇق بىلەن.

     ــ ئاندىنچۇ؟

     ــ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇيمەن.

     ــ ئوقۇپ نېمە ئىش قىلىسىز؟

     ــ دوختۇر بولىمەن.

     ــ نېمىشقا دوختۇر بولۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدۇق، بىز رەناگۈلنى گەپكە سېلىپ.

     ئۇ بىزگە، ئاندىن بوينۇمىزغا ئېسىۋالغان فوتو ئاپپاراتقا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن:

     ــ چوڭ ئانامنى داۋالاپ ساقايتىمەن. تۇخان ئانام بىلەن نۇرمۇھەممەد دادامغا ئوكۇل ئېسىپ قويىمەن، ئۇلار مېنى دەپ بەك جاپا چەكتى، ــ دېدى دانىمۇ دانە قىلىپ.

     ــ رەناگۈلنى بىردەم كۆرمىسەك كۆزىمىز تالادا قالىدۇ. مېھىر – مۇھەببەت دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، ــ دېدى تۇرسۇننىيازخان.

     بىز تۇرمۇشى باياشات بولمىسىمۇ تىنچ، خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال ئۆتۈۋاتقان بۇ ئائىلىدە رەناگۈلنىڭ بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلىپ سەبىي قەلبىگە پۈككەن ئارزۇ – ئارمىنىغا يېتىشىگە تىلەك تىلەپ ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتۇق.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.