مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    رەناگۈلنىڭ ‹‹جەننىتى›› (2)

    پەرغانە غوپۇر2016-11-28 12:59:40شىنجاڭ گېزىتى

    ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، ئابلىمىت ئابلەت

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد تۇخانغا تاپا قىلىپ ئولتۇرمىدى:

     ــ بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشايدۇ. بەندە بەندىنىڭ قاياشى، دېگەن گەپ بارغۇ، تۇرمۇشتا ھەرقانچە قىينالساقمۇ بىر مەزگىل چىدايلى. بەلكىم شۇ تاپتا بۇ بىچارىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىۋاتقاندۇ. ئوبدانراق پەۋاداچىلىق قىلغاچ تۇرايلى.

     ــ راست دەيسىلەر دادىسى، بىز ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئۆيگە كەلگەن مېھمان رىزىقىنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ›› دېگەن گەپ بار. بۇ چوكاننىڭ ئايىغى يارىشىپ تۇرمۇشىمىز ياخشىلىنىپ قالامدۇ تېخى.

     ــ شۇ ئەمەسمۇ، كونىلار بىر تال ئالما قىرىق ئادەمگە يېتىدۇ دەپتىكەن. ئاڭغىچە بارنى تەڭ يەپ ئۆتەرمىز.

     شۇ كۈنلەردە ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۈز بەردى: ئۇلار تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تونېلدىن چىقىۋاتقان پويىز دەھشەتلىك گۈدۈك چالغاندا، چوكان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھېلى پويىزنى، ھېلى تالانى كۆرسىتىپ بىر نەرسىلەرنى دېيىشكە باشلىدى. پويىزنىڭ كۆرۈنۈشى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ زوق بىلەن ‹‹چۈشەندۈرۈش››لىرى خېلى بىر چاغقىچە تۈگىمىدى. ‹‹ھە ئە، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قېلىشى پويىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن دە! ئۇ يا پويىزدىن خاتا چۈشۈپ قالغان، يا تۇغقانلىرى بىلەن ئازغىشىپ كەتكەن...›› نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدىكىلىرى شۇنداق يەكۈنگە كېلىشتى.

     غورىگىل بولسىمۇ بىر خىل ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشنىڭ رىتىمى بۇزۇلدى. بۇ ئائىلىدە چوڭ ئوغۇل سىرتقا بىر چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. باھارگۈل بىلەن ھاۋاگۈل ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاچقا، ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ھەلەك، ھەممەيلەننىڭ قازىنى ئۆزى ئۈچۈن قاينايتتى. ئەمما نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن بالىلىرىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىدىن قەۋەتلا خۇش. چوڭ قىزى تۇرسۇننىيازخان توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولغاندا، ئېرى بىلەن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كېتىپ، ئىككى ياشلىق قىزى رەيھانگۈل بىلەن بۇ ئۆيگە يېنىپ كېلىپ ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى. بۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقى تۇرسۇننىيازخاننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇ سىرتتا ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە ئىش ھەققى بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ، سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى. ‹‹نان توققۇز، ئەرۋاھ ئوتتۇز›› دېگەندەك، بۇ ئائىلىدە تەييارغا ھەييار بولىدىغان يەنە بىر جاننىڭ كۆپىيىشى تۇرسۇننىيازخاندا ئازراق قورساق كۆپۈكى پەيدا قىلمايمۇ قالمىدى.

     ــ ئانا، ئۆزىمىزنىڭ كۈنى مۇشۇ تۇرسا، نېمە قىلاتتىڭىز خەقنى باشلاپ كېلىپ؟!

     ــ چىدايلى قىزىم، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تۇغقانلىرى ئىزدەپ كېلىپ قالار. قاراڭە، ئۇ گەپ قىلالمايدىكەن. مۇنداقلا يولغا سېلىپ قويساق، بىچارىنىڭ ئەقلى – ھوشىمۇ تازا جايىدا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ پات – پاتلا قورسىقىنى سىيلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقايلى، دوختۇر نېمە دەيدۇ. ئاندىن يولغا سېلىپ قويساقمۇ كېچىكمەيمىز.

     تۇرسۇننىيازخان ئانىسىنىڭ سۆزىگە ئارتۇق بىرنېمە دېمىدى، ئەمما چوكاننىڭ كۆڭلىكىنى قايرىپ، قورسىقىنى كۆرۈپ باقتى. ئانىسى دېگەندەك چوكاننىڭ قورسىقى سەل ئىششىپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسىغا:

     ــ ئانا گېپىڭ راستكەن، ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ قاپتۇ، دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن تۇخان كويلاپ، موچەنلەپ يىغىپ ساقلىغان پۇللىرىنى ئېلىپ، ئائىلىسىنىڭ بۇ يېڭى ئەزاسىنى دوختۇرغا ئاپاردى. دوختۇردىن بۇ بىچارىنىڭ ئىككى قات ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان تۇخان بىلەن تۇرسۇننىيازخان بىر – بىرىگە قارىشىپ قالدى.

     ــ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا دىققەت قىلىڭلار، ــ دەپ قوشۇپ قويدى دوختۇر، كېتەرلىك دورىلارنى يالتىراق خالتىغا قاچىلاپ بېرىۋېتىپ.

     ئۇلار دوختۇرخانىدىن كەلگەندە، قىزى تۇرسۇننىيازخاننىڭ ئۇ چوكاننىڭ ئىككى قاتلىقىنى ئۇقۇپ، ئاچچىقىدا سۆزلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد:

     ــ قىزىم، بولغۇلۇق بوپتۇ. ئانىڭىزمۇ ساۋابلىق ئىزدەپ شۇنداق قىپتۇ. نېمىلا بولسۇن ھەممىمىز ئىنسان. نەچچە ۋاقىتتىنياقى بېقىپ كەلدۇق، ساۋاب بولار! ئاۋۋال بالىنى ساق – سالامەت تۇغسۇن، قالدى گەپنى شۇ چاغدا بىر نەرسە دېيىشمەيمىزمۇ، ــ دېدى. دادىسىنىڭ گېپى بىلەن تۇرسۇننىيازخانمۇ جىم بولدى.

    4

     شۇ كۈنلەردە تۇرسۇننىيازخان بىر تەرەپتىن ئاغرىقچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن نېرۋىسى ئاجىز ئىككى قات چوكانغا قاراش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئارىدىن شۇنچە كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ چوكاننىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ ئىزدەپ كەلمىدى. تېلېۋىزوردا ئادەم ئىزدەش ئېلانىدا ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەرمۇ يوق ئىدى. يا نەدىن كەلگەنلىكىنى، يا نامى – زاتىنى بىلىپ بولمايدىغان بۇ ئايالنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىگە قوشۇلۇپ ئىككى قاتلىقى ‹‹كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال›› دېگەندەك ئىش بولغانىدى. ئەمما، ھەممىگە بىپەرۋا قارايدىغان ھايات جاھاندا ھەممە ئىشلار جاي – جايىدا كېتىۋاتقاندەك، ئۆز يولىدا بىر خىل داۋام قىلاتتى. ھەش – پەش دېگۈچە كەچ كۈزمۇ كىرىپ قالدى. بىر كۈنى نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد نېمىنى ئويلىدىكىن چوكانغا ‹‹مەلىكىخان›› دەپ چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئات قويۇپ قويدى. مەلىكىخان ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلىگە ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالغىنىنى بىلەتتى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا سۇنغان ئاش – ناننى ناھايىتى تارتىنىپ تۇرۇپ يەيتتى. كۆزلىرىدىن خىجالەتچىلىك، نائىلاجلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تىلى ئاجىز بولغىنى بىلەن كۆزلىرى سۆزلەپ تۇراتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىما – ئىشارەت ئارقىلىق دەۋاتقان گەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى لىڭشىتاتتى. چاقچاقلىرىغا كۈلۈپ قوياتتى. نەۋرىلەر بىلەن سۆزسىز ئوينىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ‹‹بۇ دېگەن ئۆز ئۆيىڭىز، بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭ، تاماققا بېقىڭ، چاي ئىچىڭ!›› دەۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. بۇنداق مەنزىرىنى پات – پات كۆرۈپ قالىدىغان قولۇم – قوشنىلار شۇنداق ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بىلەن قوشنا بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈشۈپ، مەلىكىخاننىڭ خۇددى تاشتەككە كۆچۈرۈلگەن گۈلگە ئوخشاش بۇ ئائىلىگە ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىشەتتى. مەلىكىخانمۇ نەزەرىدىكى ئەڭ چەت، ئەڭ ناتونۇش بولغان بۇ زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، ساددا ۋە سەمىمىيلىككە تولغان مېھىر – مۇھەببىتىدىن باشقىچە سۆيۈنەتتى.

     بىر كۈنى ئۆيگە مېھمان كەلگەنىدى. مەلىكىخاننىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتتى. قولىدىكى چىنىنى يەرگە ئاتتى. داستىخانغا تاماق تارتىلماي تۇرۇپلا مېھمانلار ئالدىراپ ئورنىدىن قوزغالدى. مېھماننى رەنجىتىپ يولغا سېلىش نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن تۇخانغا بەك ئېغىر كەلدى. مەلىكىخانغا ئاچچىقى كەلدى. ئەمما: ‹‹بولغۇلۇق بولدى، ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ قورسىقىدا بار چوكاننى رەنجىتمىگەن ياخشى. ئوتتۇزغا چىداپ توققۇزغا چىدىمىغاندەك ئىش قىلمايلى›› دېيىشىپ توختاپ قېلىشتى.

     ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. بىر كۈنى كەچتە ئۆيدىكىلەر مەلىكىخاننى كۆزلىرى چەكچەيگەن، چىرايى غەزەبلىك تۈس ئالغان ھالدا كۆردى. ئۇ بارغانچە بېرىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ زەدىۋىلىنى تارتىپ يىرتىۋەتتى.

     ــ نېمە ئىش قىلغىنىڭىز بۇ مەلىكىخان، نېمانداق قاملاشمىغان ئىش قىلىسىز؟!

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ گېپى خۇددى ئەپسۇندەك سېھرىنى كۆرسەتتى. مەلىكىخان خىجىللىق ھەم ئوڭايسىزلىق ئىلكىدە يىرتىلغان زەدىۋالنى تامدىن ئېلىشقا تەمشەلگەن تۇخاننىڭ قولىغا ئېسىلىپ، ‹‹مەن ئېلىپ يامايمەن›› دېگەن مەنىدە ئىما – ئىشارەت بىلەن بىرنېمىلەرنى دېدى.

     ــ قىلغان قىلىقىنى كۆرۈڭە مانىڭ! تۇخاننىڭ ئاچچىقى كەلدى. ئايال كىشى ھەر زىيانغا چىدىغان بىلەن بىرەرسى ئۆيىنىڭ مۈلكىگە چېقىلسا ئاچچىقى كېلىدۇ، نەرىگە پۇتلاشقاندۇ تامدىكى زەدىۋال. بۇ ساراڭنى ئاستا ئاھالە كومىتېتىدىن خەت ئېلىپ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئىشمىكىن.

     ــ ئانىسى، بولدى قىلىڭلار، مەلىكىخان قەستەن قىلمايدۇ. كىمنىڭمۇ شۇنداق بولۇۋالغۇسى بار، ئاز قالدى ئاي – كۈنى يورىغاندىن كېيىن يولغا سېلىپ قويارمىز، يا باشقىلارنىڭ دېگىنىدەك پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرەرمىز.

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد شۇنداق دەۋاتقاندا، باياتىنقى قىلىقىغا خىجىل بولغان چېغى، مەلىكىخان ئۆيدە كۆرۈنمىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.