مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    ئەلچىلىك

    مەۋلۇدە2016-11-28 11:54:45شىنجاڭ گېزىتى

    رەھىمە ئابدۇراھمان

     گۈلسۈمنىڭ تېلېفون تۇتقان قوللىرى لاغىلداپ تىترەپ، چىرايى تامدەك تاتارغانىدى. دوستىنىڭ تېلېفوندا كۆپۈپ سۆزلىشىدىن گۈلسۈمنىڭ زەردىسى ئۆرلەپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ تۇراتتى. دوستىنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

     ــ قارا ئاداش، قۇداڭ راستىنلا ھېچنېمە كۆرمىگەن ئايال ئىكەن. ئېرىمنىڭ داستىخان ئۈستىدە تارتقان رەسىملىرىنى ئۈندىدارىڭغا ئەۋەتتىم، كۆرگەنسەن. ئېرىمنىڭ دېيىشىچە قۇداڭنىڭ ئۆيلىرى ھېلىقى تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكىدەك كونا، ھەممە يېرى چۇۋۇلۇپ تۇرارمىش. پولۇ، قورداق، چۆچۈرە، سامسا دېگەندەك كونا زاماندىن قالغان ئون خىللا تاماق ئېتىپتۇ. ئەسلىدە سەنمۇ پىلان بويىچە ‹‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ›› دەپ قۇداڭ تەرەپكە 50ئادەم ئەۋەتىشىڭ كېرەك ئىدى، 30 قىزنىڭ ئەرلىرىدىن ئاران بەشىمىزنىڭ ئېرىنى چاقىردىڭ. ھازىر قائىدە شۇنداق بولۇۋاتقاندىن كېيىن، ئايرىپ چاقىرماي ھەممىسىنى چاقىرىش كېرەك ئىدى. قىزلار سەندىن رەنجىشىۋاتىدۇ. قاراپ تۇرۇپ سەنمۇ كۆڭۈل ئاغرىقى تاپتىڭ.

     گۈلسۈم:

     ــ ئاداش، قۇدامغۇ 60 ئادەم ئاپارساممۇ بىرنېمە دېمەستى. لېكىن يۇرتتىن كەلگەن تاغام ئەلچىلىككە بۇنچە ئادەم بارغان نەدە بار. بۇنداق كۆپ ئادەم بارغان ئەلچىلىككە بارمايمەن، دەپ تۇرۇۋالغاچقا، تاغامنىڭ گېپىنى يىرالمىدىم، ئامال يوق شۇنداق بولدى. قىزلارمۇ توغرا چۈشىنەر، كېيىنچە كۆڭلىنى ئېلىۋالارمەن.

     ــ ئوھۇش، سەنمۇ تويغىلا چاقىرىپ كەلمەپسەن يا ئۇ ئىش بۇزدى تاغاڭنى.

     دوستىنىڭ تاغىسىنى بۇنداق دېيىشىنى ئويلىمىغان گۈلسۈم تۇرۇپلا قالدى. ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان گۈلسۈم ئۆزىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ بەش بالىسىنىڭ قاتارىدا قورسىقىنى تاماقسىز، ئۇچىسىنى كىيىمسىز قويماي، ئوقۇتۇپ بۇگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەن تاغىسىنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى.

     دوستىنىڭ قۇمقازىدەك سۆزلىرى تېلېفوندىن توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى:

     ــ ئېرىمنىڭ دېيىشىچە، قۇداڭلار گېلەملىرىنىڭ ئۈستىگە گۈللۈك پالاز سېلىپ قويغانمىش، ئۆيلىرىگە كۈن چۈشمەيدىكەن. يۇرتداشلارغا ئارىلاشمايدىغان خەقلەر ئوخشايدۇ، قۇداڭنىڭ ئىككى قوشنىسى، كېلىنىنىڭ بوۋىسى ۋە ئىككى ئاكىسىلا بارمىش. ئۇلار بىنادىن پەسكە چۈشۈپ بولسىمۇ بارغان ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا چىقماپتۇ. قايسى كۈنى سەنمۇ باردىڭ، ئاينۇرنىڭ قىزىغا ئەلچى كەلگەندە قانداق كۈتۈۋالدى. بىنا ئالدىدا ئەرلەر ئىككى رەت بولۇپ تۇردى، ئىككى ئۆيدە لىققىدە ئايال مېھمان. 45 خىلدىن ئوشۇق تاتلىق – تۈرۈم، تىزىلغان مەزەلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن پىيالە قويغۇدەك ئاق يېرى يوق كاتتا داستىخان راسلىدى. 30 نەچچە خىل تاماق، ھەممىسى يېڭى مودا تاماقلار، بۇلبۇل، قاپاق كاۋاپ، رۇس بېلىقى، پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋىپى دېگەندەك. كەلگەن ھەر بىر ئەرگە بىر كىيىملىك سارجا بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆڭلىكىنى يانداپ قويدى. قائىدە بىلىدىغان كىشىلەر بولسا قىلىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسىنى كەلگۈسىدىكى كۈيۈئوغلىغا قىلىنغان ھۆرمىتىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز قىزىنىڭ ھۆرمىتى دەپ بىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ كىمدىن قالغۇچىلىكى بارتى، قۇداڭ شۇنچىلىك قائىدىنىمۇ قىلالماپتۇ. يامان يەرگە ئىشىك ئاچقاندەك تۇرىسەن، جېنىم ئادىشىم...

     گۈلسۈم ئەلچىلىككە كەتكەنلەرنىڭ تېزرەك ئۆيگە كېلىشىنى كۈتۈپ تىت – تىت بولاتتى.

     گۈلسۈمنىڭ تاغىسى، يولدىشى، قېيىنئاكىسى خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ كېلىشتى. گۈلسۈم چىراي ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ، يالغان كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا چاي دەملەپ قويۇپ بەردى، ئاندىن:

     ــ قۇدىلار قانداقراق كىشىلەر ئىكەن، ــ دەپ سورىدى بىلىشكە تەقەززا بولۇپ.

     تاغسى:

     ــ گەپ سۆزىلىرى جايىدا، ناۋاتتەك قۇدىلار ئىكەن. قىزنىڭ دادىسى بىلەن بوۋىسىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپىدىن ئېسىل كىشىلەر بىلەن قۇدا بولۇپتۇق دېگەن ئويغا كەلدىم، ــ دېدى.

     گۈلسۈم:

     ــ قۇدىلار داستىخاننى قانداقراق سالدى، ــ دەپ بىلمەكچى بولغان تېمىغا كۆچتى.

     تاغىسى:

     ــ بەك مېھماندوست، قولى كەڭ، ئوچۇق – يورۇق، ياۋاش كىشىلەركەن. كاتتا سېلىۋەتتى، ــ دېدى تاغىسى ئاپئاق ساقىلىنى يېنىك سىلاپ قويۇپ. گۈلسۈمنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلگەن يولدىشى:

     ــ ھەي، ــ دەپ خۇرسىنىپ، ــ ئەلدىن قالمىدى. ھېلىمۇ بەش ئادەم بارىدىغان ئەلچىلىككە سېنىڭ ئۇ دوستۇمنىڭ، بۇ دوستۇمنىڭ ئېرى قاپتۇ دەپ 15 ئادەم قىلدىڭ، قۇدىلار ياخشى تەييارلىق قىلىغانىكەن، 15 ئادەمنىڭ ئالدىغا چىرايلىق چىقىپ چاندۇرماي ئۇزاتتى.

     گۈلسۈم ئېرىگە يەر تېگىدىن بىر ئالىيىپ قويۇپ:

     ــ قارىسىلا، خەقمىچۇ قىزىغا ئەلچى كەلسە بارغۇ، ئەلچىدىن باشقا يېقىنلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قوشنا – قولۇم بولۇپ 70 – 80 ئادەمگە 30 – 40 خىل تاماق قىلىپ، پۈتۈن قويلارنى كاۋاپ قىلىپ، موزاي سويۇپ، ۋايسىماي، بۇ قىزىمىزنىڭ يۈزى دەپ ئۇزىتىۋاتىدۇ. 15 ئادەمنى ئۇنچىلىك ئۇزاتمىسا سەت تۇرا. ئالدىڭلارغا بىر پارچىدىن سارجا قويۇپتۇ. ئاران 15 ئادەم بارغاندىن كېيىن، بىردىن كۆڭلەك يانداپ قويسا بولاتتى ئەسلىي، ــ دەۋەتتى.

     گۈلسۈمنىڭ تاغىسىنىڭ ئۇزۇن ساقىلى تىترەپ، يۈز تېرىلىرى قىزىرىپ تارتىشقاندەك لىپ – لىپ قىلپ كەتتى.

     بوۋاي تەنە ئارىلاش:

     ــ سەن دەۋاتقانلار ئەلچى ئەۋەتمەي، بىرموزاي، بىر قوي كاۋىپى، 30 خىلدىن ئارتۇق تاماقنى يالماپ يەيدىغان يالماۋۇزلارنى ئەۋەتىپتىمۇ. سەنچە ئەلچىگە تۆگە سويۇپ ئۇزاتسا بولامتى، دېدى بوۋاي زەردە بىلەن قىزىرىپ سۆزلەپ، 15 ئادەم ئەلچىلىككە بارغاندىن نومۇس قىلىپ يۈرسەم، قارا گېپىنى بۇنىڭ. ئەسلىغۇ مەنمۇ كەلمىسەم بولاتتى. ئەر – ئايال ئىككىڭلار كەچقۇرۇنلاردا داۋراڭ سالماي، تاپقىنىڭلارنى داستىخان قىلىپ بېرىپ قۇدىلار ئالدىدىن چىرايلىق ئۆتۈپ كەلسەڭلار بولىدىغان ئىشلار ئىدى بۇ. ئىشنى يوغىنىتىۋېتىپسىلەر. ئەلچى بېرىش داۋراڭ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. تاسادىپىي مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توي بولماي قالسا، قىز تەرەپكىمۇ، ئوغۇل تەرەپكىمۇ سەت بولىدىغان ئىش. نېمىشقا بۇلارنى ئويلاشمايسىلەر؟ خۇددى قىز تەرەپنى ئۈستەك بېرىشكە قىستىغاندەك ئانداق قىلماپتۇ يەي، مۇنداق قىلماپتۇ يەي، دەپ نېمە دېگەن تولا گەپ بۇ... ئەلچى دېگەن ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە باشلىغۇچىدۇر. ھەرگىزمۇ بۇزغۇچى ئەمەس، بايا دوستلىرىڭنىڭ ئەرلىرى قۇدىلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە، ئۆيلىرگە، تاماقلارغا پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇرۇشلىرىدىن، توختىماي رەسىمگە تارتىشلىرىدىن، ئاپتوموبىلدا كەلگىچە قىلىشقان گەپلىرىدىن بىر ئىشلارنى سەزگەن، بايا بىز ئۆيگە كىرگەندىكى چىرايىڭغا قاراپلا سېنىڭ دوستلىرىڭنىڭ قانداق خەۋەر يەتكۈزگىنىنى ھېس قىلغانىدىم. توۋا، شەھەرنىڭ ئەرلىرىگە نېمە بولدى. خوتۇن كىشىدىن بەكرەك ئۇششاق سۆز، غەيۋەتچى، ئوتقۇيرۇق بولۇپ كېتىپتۇ دېسە. شەھەرنىڭ ئەرلىرى خوتۇنى نېمە دېسە ھە دەپ ئولتۇرامدۇ – قانداق؟ نېمىشقا ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرلىك سۈرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماي، خوتۇنى نېمە دېسە ھە دەپ ئىششەك قەرزگە بوغۇلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا بۇنچە قەرز بولىمىز؟ ھالىمىزغا بېقىپ ھال تارتايلى، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنايلى، دېمەي، گۆشىيىپ تۇرىدىكەن. قارا قىزىم، سەن ئاتا – ئاناڭدىن كىچىك قالغان. بۇ چوڭ شەھەردە خىزمەتكە چىقىشىڭ سېنىڭ زور بەختىڭ. بەختىڭدىن خۇشالمەن. ‹‹ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، چىغ چورۇقۇڭنى قۇرۇتما›› دېگەن گەپ بار. ياخشى كۈنلەردە بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ھازىر سىلەردە يەپ – ئىچىش، كېيىشتىن باشقا ئىش يوقتەك بولۇپ قاپتىغۇ. قىزىڭمۇ بويىغا يېتىپ قالدى، سېنىڭ بېشىڭدىمۇ بار بۇ ئەلچى كۈتۈش. باشقىلارغا چوڭ سۆزلىسەك، قىلغان ئىشىدىن پۇتاق چىقارساق، ۋاقتى كەلگەندە مىڭ كاتتا قىلدىم دېسەڭمۇ، ئېۋەنچىلەر ئوخشاشلا ئېۋەن تاپىدۇ. ئەسلىي بىر لېگەن پولۇ بىلەن ئەتكەنچاي قىلسىلا بولىدىغان ئىشتى. قۇدىلارمۇ بەك كايىپتۇ.

     بايىدىن بېرى قىزىرىپ – تاتىرىپ گەپ قىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەن گۈلسۈم تۇنجى قېتىم ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان تاغىسى ئالدىدا گەپنى ئۇدۇل قىلدى:

     ــ ئەتكەنچاي بىلەن ئۇزىتىدىغان غۇلجىنىڭ سەھراسى ئەمەس تاغا، بۇ دېگەن شەھەر. مەنچە سەھرادىمۇ ئەتكەنچاي بىلەنلا ئۇزىتىدىغان ئىش قالمىغاندۇ. غۇلجىدىمۇ توي – تۆكۈنلەردە بىر بولاق قەنت، بىر تاختا چاي، ھەر خىل تاتلىق – تۈرۈملەرنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ زەللە بېرىدىغان ئىش ھازىرغىچە بارغۇ. ئىسلاھات قىلىمىز دەپ شوئار توۋلىغان بەزىلەر يەنىلا تويدا پۇل يازدۇرغاندا ھەر بىر ئايالغا بىردىن بازارنىڭ تەييار يوتقىنى ياكى جاۋۇر، لېگەندەك نەرسىلەرنى توي سوۋغىسى قىلىپ بېرىدىكەن. ھەر يەرنىڭ قائىدىلىرى ئوخشىمايدۇ. شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھەرگىزمۇ زەللە ئالمايدۇ. بۇ مەن ئەمەس، ھەممە ئادەم ۋايساپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان قائىدە، مەن قانداقمۇ بۇنداق قىلمايمەن دەپ قارشى چىقىمەن. ئاڭلىسام تېخى قۇدىلار بىنادىن پەسكە چۈشۈپ ئالدىڭلارغا چىقماپتۇ، بۇ تازىمۇ قاملاشمىغانلىققۇ؟

     گۈلسۈمنىڭ بايىدىن بېرى گەپكە ئارىلاشماي جىم ئولتۇرغان قېيىنئاكىسى گەپكە ئارىلىشىپ:

     ــ قىز باققان گۇناھمۇ، گەپ – سۆزلەردىن قورقۇپ؟ ئوشۇقچە چىقىمدار بولۇۋالىدىكەن، ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى. زاغرا يېگەن چاغلارنى ئۇنتۇپ كەتمەيلى، توغرا، قىز سوراپ كەلگەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش كېرەك، لېكىن مۇۋاپىق، ئاز ھەم ساز بولۇشى كېرەك. ئوغۇل تەرەپمۇ قىز سوراپ باردۇق دەپ ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. قىز باققان ئادەم نەچچە كۈنلۈك ئالدىمىزغا بېرىپ قارشى ئالسا بولامدۇ؟ قىز باققان ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق نازى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئالدىمىزغا يۈگرەپ چىقمايدۇ. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئەل قاتارى كۈتسە بولدى. بۈگۈن دېيىشكە تېگىشلىك مەسلىھەتلەرنى دېيىشەلمەي كەلدۇق. ئۈچ ئادەم بارغان بولساق، قۇدىلار بىلەن ئەركىن – ئازادە مۇڭدىشىپ، مەسلىھەتلەرنىمۇ بىراقلا قىلىپ كېلەتتۇق. باشقىلارنىمۇ ئاۋارە قىلمايتتۇق.

     بوۋاي ھەم گۈلسۈمنىڭ يولدىشى ‹‹راست›› دېگەندەك باشلىرىنى لېڭشىتىپ قويۇشتى. بوۋاي تامدىكى سائەتكە بىر قارىۋېتىپ بايىدىن بېرى ئويلىغىنىنى ئېيتتى:

     ئەمدى ئىشىك ئاچتى، كىچىك چاي، رەھمەت – تازىم دەپ قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە تولا قاتراپ ئاۋارە قىلماي، ھەممىسىنى چوڭ چايدا بىراقلا قىلىڭلار. مەسلىھەتنى قۇدىلار بىلەن قىلىشىپ، چىرايلىق پۈتۈشۈپ، بىر – بىرىڭلارغا يول قويۇڭلار. ئەگەر مەن دېگەندەك قىلمىساڭ تويغا كەلمەي قويىمەن.

     گۈلسۈمنىڭ يولدىشى بوۋاينىڭ گېپىنى قوللاپ ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.

     گۈلسۈم:

     ــ ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە، دەپتىكەن تاغا، مەنمۇ كىمدىن قالىمەن. كۈندە توي قىلىپ ئولتۇرمىغاندىكىن، جان چىقسىمۇ تۈزۈكرەك قىلاي دېدىم، قىلىۋاتقىنىمىزنىڭ ھەممىسى بالىلار ئۈچۈنغۇ؟!

     تاغسى:

     ــ ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنت بېقىشى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلىشى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. سېنى قىلما دېمىدىم. مۇۋاپىق، ھەشەم – دەرەمسىز قىل، ئىسراپچىلىق قىلما، دېدىم قىزىم. باشقىلار بىلەن بەسلىشىش، كۆز – كۆز قىلىشتىن تويلار بۇ دەرىجىدە يوغىناپ كېتىپتۇ. سەندىغۇ باركەن، قىلىۋالارسەن. يوقلار قانداق قىلىدۇ؟ قەرز قىلىپ توي قىلىشىپ بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەمدۇ. ئىشنى چوڭايتىۋېتىپ ئاخىرىدا يىغۇشتۇرالماي قالماڭلار. بايىقى ئەلپازىڭدا ھازىر بېرىپلا قۇدىلار بىلەن سۇقۇشىدىغاندەك قىلاتتىڭ. مەنچە سەن قۇدىلارغا تېلېفون قىلىپ، بىزنىڭ بەكمۇ رازى بولغىنىمىزنى، رەھمىتىمىزنى ئېيتىپ كۆڭۈل سوراپ قويغىن. مېنىڭ قىزىم بولساڭ گەپلىرىم ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلدى ساڭا، دەپ قارايمەن، گېپىم تۈگىدى قىزىم.

     گۈلسۈمنىڭ دوستلىرىدىن توختىماي كېلىۋاتقان ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە رايى يوق ئىدى. بايىدىن بېرى كۆپنى كۆرگەن تاغىسىنىڭ ئېيتقانلىرى دەرھەقىقەت، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يەنە شۇ ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. گۈلسۈم بىردەم جىممدە ئولتۇرۇۋالدى. زىددىيەتلىك خىياللار ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقىپ قۇدىسىغا تېلېفون قىلدى.

     ــ سالام قۇدام، بەك چارچاپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن. ئەلچىلىككە 15ئادەم ئەۋەتىپ سىزنى بەكلا كايىتىپ قويۇپتىمەن، ئەلچىلەرنى بەك چىرايلىق ئۇزىتىپسىز. ئۇلار سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدار بولۇپتۇ، سىزگە رەھمەت...

     ئۆيدىكىلەر گۈلسۈمنىڭ تېلېفوندا ئايال قۇدا بىلەن قىلىشقان تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئاڭلىشىپ، بىر – بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويدى. بوۋاي ساقىلىنى سىلاپ تۈرۈپ ئىچىدە: ‹‹گۈلسۈم جەمئىيەتنىڭ ئازراق تەسىرىگە ئۇچرىغان بىلەن يەنىلا ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالايدۇ. قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ ھەشەم – دەرەم قىلىپ نېمە كەپتۇ. مانا ئەمدى ئاكامنىڭ قىزىغا، مېنىڭ قىزىمغا ئوخشىدى›› دەپ ئويلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.