مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    رەناگۈلنىڭ ‹‹جەننىتى›› (1)

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-11-25 11:06:41شىنجاڭ گېزىتى

    ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، ئابلىمىت ئابلەت

    1

     كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار كەتكەن ھويلىلار سۈبھىنىڭ سۈزۈك يورۇقىدا خۇددى سىزىلىۋاتقان رەڭدار سۈرەتتەك بارا – بارا رەڭلىنىشكە باشلىدى. قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلۈپ، سېغىزرەڭ تاملار خۇددى ئالتۇندىن قوپۇرۇلغاندەك، يەرگىمۇ ئالتۇن كېسەكلەر ياتقۇزۇلغاندەك چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل بولدى. موتوسىكلىت، ۋېلىسىپىت، ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى، ئادەملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرى بارا – بارا كۈچىيىشكە باشلىدى. دېمەك ئادەملەر بۈگۈنكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى كەينىدىن چېپىشقا باشلىغانىدى.

     يېقىنقى زاماندا ئاپىرىدە بولغان بۇ كوچىنىڭ ئىسمى بەشكەنت كوچىسى. ئاشۇ كوچىدىكى كېسەك تاملىق ھويلىلارنىڭ بىرىدە 40 ياشلاردىكى بىر چوكان چىنىگە ئۇسۇلغان سۇيۇقئاشنى داستىخانغا ئەكىلىپ قويدى.

     ــ تۇخان، ئېشىڭلارنى قىزىقىدا ئىچىۋېلىڭلار، ئانامغا مەن ئىچۈرۈپ قويىمەن.

     ــ بولدى، ئۆزۈم ئىچۈرىمەن.

     ــ ئاشقازىنىڭلارنىڭ دەردى بار. بولۇڭلار، ئاشنى قىزىقىدا ئىچىۋېلىڭلار.

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد شۇنداق دېگەچ تام تەرەپتە ياتقان تۇراخان ئاچىنى يۆلەپ بېلىگە ياستۇق قويۇپ بەرگەندىن كېيىن سۇيۇقئاشنى پىيالىگە بۆلۈپ مومايغا بىر قوشۇق – بىر قوشۇقتىن ئىچۈرۈشكە باشلىدى. تۇراخان ئاچا يېقىندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ يېتىپ قالغانىدى. كۈيۈئوغلىنىڭ قولىدىن ئاش ئىچىۋاتقان تۇراخان ئاچىنىڭ كۆزلىرىدىكى بالقىپ تۇرغان مەمنۇنلۇقنى كۆرۈپ، تۇخاننىڭ كۆڭلى خۇش بولدى. ئائىلىدە كۆڭلۈڭ خۇش ئۆتسە، ھالال ئەجرىڭ بىلەن ئىشلەپ تاپقان شۇ ئازغىنە پۇلۇڭغا سېتىۋالغان نېنىڭنى سوغۇق سۇغا تۈگۈرۈپ يەپ، ئۆتكەن كۈنۈڭگە شۈكرى قىلىپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرسەڭمۇ، شاھانە سۇپىدا تاۋار – دۇردۇن يوتقانغا پۈركىنىپ يېتىپ مۇھەببەتسىز ياشىغاندىن مىڭ مەرتە ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ بالا، ئۆي، ئەر دەپ ئۆتكەن بۇ ئائىلە ئايالى ئۆزىنىڭ 30 يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسىدە شۇنى تۈگەللىگەنىدى. ھالال، پاك ياشاش ئادەمگە ئەنە شۇنداق قانائەتچانلىق ۋە ئاددىيلىق ئىچىدىن بەخت ۋە ‹‹جەننەت››نىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلدۇراتتى.

     ــ مەن ئانامغا دورا ئەكىلىپ بېرەي، ھەقاچان تۇرسۇننىيازخان يېزىدىن ھېلىغىچە كىرىپ قالىدۇ. ئوبدانراق تاماق قىلىپ بېرىڭلار.

     نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد شۇنداق دېگەچ تالاغا ماڭدى. تۇخان ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كىگىز ئاستىغا تىقىپ قويغان پۇلنى ئېلىپ كۆكتات ئەكىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتى.

     تۇخان كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆڭلىدە دىتلىغان كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ بولۇپ ئېگەرچى بېكەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، چوڭ يول بويىدا دۆۋىلىشىۋالغان ئادەملەردىن ئەگىپ ئۆتۈۋېتىپ كىشىلەرنىڭ دېيىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى:

     ــ توۋا، ئېرى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان چوكانمۇ نېمە ئۇ؟

     ــ خوتۇنى مۇشۇنداق ئويۇن قويۇپ يۈرسە، ئېرى دېگەن گۇي نەلەردە يۈرىدىغاندۇ؟

     تۇخاننىڭ كۆزى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان 20 نەچچە ياشلاردىكى، چاچلىرى چۇۋۇق، ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاۋاتقان خەنزۇ ئايالغا چۈشتى. ئايالنىڭ پېشانىسىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. تۇخان ئاچا ئىختىيارسىز توپ ئىچىگە قىستىلىپ كىردى ۋە ئايالنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى، چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قوللىرى بىلەن رەتلەپ تارىدى، قان داغلىرىنى سۈرتتى. تۇخان بۇ ئايالنى ‹‹ئېرى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلىدى ۋە ئۇ ئايالغا:

     ــ يۈرۈڭ، بۇ يەردىن كېتەيلى، ــ دېدى ئايالنى يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېتىپ.

     ــ ۋاي ئاچا، نېمە كارىڭىز، يولىڭىزغا مېڭىڭ! ــ دېدى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، چېچىنى گەدىنىگە چۈشۈرۈۋالغان، قارا كۆزەينىكىنى پېشانىسىگە كۆتۈرۈپ قويغان 20 ياشلاردىكى بىر بالا موتوسىكلىتنى توختىتىپ تۇخانغا كۆڭۈل بۆلگەن ئاھاڭدا. ئۇنىڭ گېپىگە يەنە بىرسى قوشۇق سالدى:

     ــ ھازىر خۇدىنى بىلمەي جىم تۇرغىنى بىلەن سەل تۇرۇپ ھوشىغا كەلسۇن قېنى، 200 كويلۇق ئايىغىم يوق تۇرىدۇ، بىلىكىمدە بىلەزۈكۈم بار ئىدى، دەپ سىلىگە چاپلىشىۋالىدۇ، ــ دېدى دە، يىرگەنگەندەك بىر خىل ھالەتتە ئايالنىڭ يالاڭئاياغ پۇتىغا قاراپ قويدى.

     ئادەملەر ئايالغا ھەر قىسما تەبىرلەرنى بېرىپ تۇخاننى نىيىتىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇناتتى.

     ــ ئۇنى ئۆيۈمگە ئەكىتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئوڭشالغاندا يولغا سېلىپ قويارمەن، ــ دېدى تۇخان نېرىدا كېتىۋاتقان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى توختاشقا ئىشارە قىلىۋېتىپ، توكسىكلىت توختىدى. ئۇ ئاۋۋال ئايالنى جايلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا ئەپلىشىپ ئولتۇردى ۋە:

     ــ تاش بازىرىغا! ــ دېدى.

     ناتونۇش ئايالنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ئادەملەر بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان توكسىكلىتنىڭ كەينىدىن قارىشىپ قايىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ قېلىشتى.

    2

     ئۇ كۈنى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئېسىدە، يەنى 2006 – يىل 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئىدى.

     خەنزۇ ئايالنى كۆرگەن نۇرمۇھەممەد مۇھەممەد سەل تەئەججۈپلەندى. بالىلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەجەبلىنىش ۋە سوئال ئالامەتلىرى ئەكس ئەتتى. ئەمما كۆڭلىدە ‹‹بىر ھارغاندىن گەپ سورىما، بىر ئاچقاندىن، دېگەن گەپ بار. بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىردىمۇ، ئۇ بىزگە مېھمان. مېھماننى چىرايلىق كۈتۈۋېلىش كېرەك. قالدى گەپنى كېيىن قىلىشارمىز›› دېگەننى ئويلاپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. تۇخان بۇ چوكاننىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ مەزە ئەكەلدى. چوكان گۈرۈچ ئېشىدىن تارتىنىپ تۇرۇپ يېدى، قىزىق چايدىن راھەتلىنىپ ئىچتى. تۇخان ئويلىغىنى بويىچە ئىچكىرى ئۆيدىكى كاتنىڭ ئۈستىگە يىغىپ قويغان يوتقان – كۆرپىلەرنىڭ يېڭىسىنى تاللاپ ئېلىپ ئورۇن سېلىپ بەردى. ئايالنىڭ چىرايىدا تۇغقىنىنىڭ ئىللىق ئۆيىگە ئۇلاشقان يولۇچىنىڭ خۇشلۇقى ئەكس ئەتتى دە، بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى. ئەمما تۇخان بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلاپ بېشىغا غەم تېغى يىقىلدى. ‹‹ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟! مەنمۇ يولۇمغا مېڭىۋەرسەم بولىمەن...››. ئۇ ئايالنى بىر – ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ يولغا سېلىپ قويىمەن دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئويغانسىلا يولغا سېلىپ قويغىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ. ئۇ تۇرۇپلا بايىقى خىياللىرىدىن يېنىۋالدى. ‹‹ئۇمۇ بىزدەك بىر جانغۇ! ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسامچۇ، قىزىمىز تۇرسۇننىيازخان بولسىچۇ؟›› شۇلارنى ئويلىغىنىدا تۇخاننىڭ بۇ خەنزۇ ئايالغا بولغان ھېسداشلىقى يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.