مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى

    ئامانگۈل2016-11-11 16:45:56شىنجاڭ گېزىتى

    (ھېكايە)

    تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا

     ئۇششاق ماللىرىمىزنىڭ قىشلىق غېمىنى يەپ ئوت – پاسار چېپىش ئۈچۈن جاڭگالدىكى كونا ئوتىغىمىزغا بارىدىغان بولدۇق.

     بىز تۆت ئەتراپىنى غىچ توغراقلار ئوراپ تۇرغان ئوتىغىمىزغا يېتىپ كەلگەندە شەرق ئۇپۇقى لەۋ سۇرۇختەك رەڭلىنىپ، قۇياش تۇغۇلۇۋاتقان بوۋاقنىڭ بېشىدەك بارا – بارا ئاشكارىلانماقتا ئىدى. قارامتۇل ئاسمان ئارقا – ئارقىدىن تولغاق يەۋاتقاندەك تۈرۈم – تۈرۈم ئاقۇش بۇلۇتلار توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇراتتى. دادام قوڭۇر رەڭلىك خېچىرىمىزنى ھارۋىدىن چىقىرىپ ئوتقا قويۇۋەتكەندىن كېيىن:

     ـ ئوغلۇم، ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقىدىكى سۇ ھېلى قۇياش كۆتۈرۈلسە ئىسسىپ قالىدۇ. شۇڭا ھازىر مۇزدەك چېغىدا بىر قاپاق ئۇسۇپ كەلگىن، دەپ، بىر قېرى توغراقنىڭ چوقاتمىقىدىكى ئاغزىغا مەدەك كەپلەنگەن، بوينىغا يېشىل كۇلا ئارغامچا چىگىلگەن تايغان قورساق قاپاقنى كۆرسەتتى. مەن ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى تەتىل كۈنلەردە ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقىدىن سۇ تۇشۇيدىغان ئۇ تەۋەررۈك قاپاقنى قولۇمغا ئىتتىك ئالدىم – دە، قۇدۇق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم.

     ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى ئوتىغىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئويداڭلىقتا ئىدى. مەن ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئوت – پاسار يىغىش ۋاقتىدا كۆپ قېتىم قۇدۇق بىلەن ئوتىغىمىز ئارىلىقىدا سۇ توشۇپ يۈرگەچكە، ماڭا تونۇش قارا يول كاللامدا ئايدىڭ ئىدى. ئۇ چىغىر يولدا يوقاپ كەتكەن ئىزلىرىم قۇمساڭ تۇپراقنىڭ لەۋلىرىگە قايتا گۈل چېكىشكە باشلىدى. يىلانباغرى چىغىر يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئاق ۋە قىزغۇچ پۈپەكلىك پاسارلار، يۇلغۇن ۋە توغراقلارنىڭ شۇڭلىرى سەل سوغۇق ئىزغىرىندا يېنىك باش لىڭشىتاتتى.

     ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى ئۆڭكۈرگە ئوخشايدىغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قۇدۇق بولۇپ، ئەتراپىنى تۆت تۈپ قېرى توغراق ئوراپ تۇراتتى. ئۇ ھەيۋەتلىك توغراقلار بىلەن قۇدۇق ئۈستىگە كۈن نۇرى چۈشمەيتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى چۈشكىچە مۇزدەك سوغۇق تۇراتتى. مەن شوتىنىڭ ۋاخىنىكىگە ئوخشايدىغان توپا پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈپ، خۇددى توغراق يوپۇرماقلىرىدەك كۆكۈچ رەڭ سۇغا قاپىقىمنى چۆكۈردۈم. تىپتىنچ شېرىن چۈش كۆرۈۋاتقان سۇنىڭ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى. بۇلدۇقلىغان ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى. قاپاق ئاچ قورسىقىغا ھەممە سۇنى سۈمۈرىدىغاندەك دەم تارتىۋاتاتتى. ئاژناپ كەتكەن يولۇچىدەك ئىشتىھا بىلەن غۇرتۇلدىتىپ يۇتماقتا ئىدى. قاپاق سۇنى ھەر بىر يۇتقاندا ئۆردەكتەك ئىرغاڭلايتتى. قاپاقنىڭ چاڭقىغان نەپسى ئارام تېپىپ، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا شۇڭغۇشقا باشلىغانىدى. مەن بوينىدىكى ئارغامچىنى ئۇشلاپ چاققان تارتىۋالدىم. ئۆلۈك بېلىقنىڭكىدەك ھاڭ تۇرغان ئاغزىغا كۈي يەپ كەتكەن ئەسكى تېرىدەك بولۇپ قالغان مەدەكنى راستلاپ سالدىم – دە، قۇدۇق بېشىدىكى قۇچاق يەتمەيدىغان بىر توغراققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيال دەرياسىدا ئۈزۈشكە باشلىدىم...

     ھەر بىر ئىشنىڭ تۇنجىسى ئۇنتۇلمايدىكەن. ئىنسان ھاياتىدا ھەربىر ئىشنى بىرىنچى قەدەمدىن، تۇنجى قېتىمدىن باشلايدۇ. مېنىڭ ھازىرغىچە ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەي كېلىۋاتقان ئىش، مۇشۇ جاڭگال سەپىرىمنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. ئۇ چاغلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم بولۇپ، بۇ جاڭگالغا ئاۋغۇست ئېيىدا دادامغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ كەلگەنىدىم. شۇ چاغلاردا جاڭگال مەنزىرىسى كۆزلىرىمگە غەلىتىلا كۆرۈنگەن. ‹‹ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى›› مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقانىدى.

     ـ دادا، نېمىشقا بۇ قۇدۇقنى ‹‹ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى›› دەيدۇ؟

     دادام شۇ چاغدا ئۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ:

     ھېلىمكام سېنىڭ ئۇلۇغ بوۋاڭ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بوۋىلىرىڭنىڭ بوۋىسى. ئۇ كىشى ئۆز ۋاقتىدا كارۋان بېشى ئىكەن. ئۇدۇن ئەتلىسى، شايى، دۇردۇن، يىپەكلەرنى، گەزلىمە رەختلەرنى كۈسەنگە ئاپىرىپ ساتىدىكەن. قايتاشىدا كۈسەننىڭ ئات، ئېشەك، خېچىرلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇدۇننىڭ بازارلىرىدا سېتىپ پۇل قىلىدىكەن. بىر يىللىرى بەشىنچى ئاي مەزگىلىدە ئۇلۇغ بوۋاڭ كۈسەندىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقىپ كېتىپتۇ. بوران شۇ چىققانچە بىر كېچە – كۈندۈز توختىماپتۇ. ئۇلار يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ. بوران توختىغاندىن كېيىن، كارۋانلار ئۆزىنى بۈك توغراقلىق ئارىسىدا كۆرۈپتۇ. ئون نەچچە كىشىنىڭ قورسىقى ئېچىپ، چاڭقاپ لەۋلىرى چاك – چاك يېرىلغان ئىكەن. كارۋانلار ئەمدى قانداق قىلارمىز، مۇشۇ يەردە ئاچ – ئۇسسۇز قېلىپ ئۆلىدىغان ئوخشايمىز، دەپ، ۋەھىمىگە چۈشۈپتۇ. ھېلىم بوۋاڭ مۇنداقلا ئون نەچچە ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۆزىگە، ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، دەرھال كاللىسىدىن بىر ئەقىل كېچىپتۇ – دە، ئۇسساپ ھالىدىن كەتكەن ھەمراھلىرىغا قاراپ:

     ئويلاپ باقسام بىز بۇنداق ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتساق بولمايدىكەن. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز بۇ يەردىن قۇدۇق كولاپ سۇ چىقىرايلى، دەپتۇ. بوۋاڭنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ھەمراھلىرى خۇددى ئالدىن كېلىشىۋالغاندەكلا:

     ـ ھەي ھېلىم، سەن بۇ گەپنى يا بۇرۇن دېمىدىڭ. ئەمدى پۇت – قولىمىزدا جان دىدارى قالمىغاندا قۇدۇق قازايلى دېسەڭ ‹‹ھارغان ئېشەككە بىر پەنجە يانتاق›› دېگەندەك ئىش بولمامدۇ؟ دەپ ئورنىدىن قىمىر قىلماي يېتىۋاپتۇ. ھېلىم بوۋاڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويۇپ ئۈن – تىن چىقارمايلا قوڭۇر تۈگىنىڭ ئارقىسىغا غانجۇغىلانغان ئۈجمە ساپلىق چوڭ كەتمەننى ئېلىپ، بۇ بۈكلەش توغراقلىق ئارىسىدىن قۇدۇق قېزىشقا باشلاپتۇ. ئوغلۇم، سەن ئەجىبا باشقىلار ھالسىزلىنىپ يىقىلسا بوۋام ئەكسىچە قۇدۇق قېزىپتۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. شۇنداق، بوۋاڭمۇ باشقىلاردەك چارچىغان، قورسىقى ئېچىپ قاتتىق چاڭقىغان ئىكەن. ئەمما ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئەقىللىق، چىدام – غەيرەتلىك، شىجائەتلىك، باتۇر، كۈچى ھەر دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شىرمەت ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ بويى شۇ چاغلاردىكى نورمال ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئېگىز، پۇت – قوللىرى بازغاندەك چوڭ ئىكەن. ئۇنى بىر ۋاقلىقىغا بىر قوينىڭ گۆشىنى، بىر قازاننىڭ ئېشىنى، ئون ناننى يەپ بولىدىكەن دېسەم ئىشىنەمسەن؟ ئۇنىڭ ئىشتىھاسى شۇنداق ئوبدان، بىر قاپاق سۇنى بىر دۇختايتقىنىچە ئىچىپ بولىدىغان قاۋۇل ئادەم بولغاچقا، ئۇ بۇۋاڭ جان ھەلقۇمىغا يەتكەن، ھايات – ماماتلىق ۋاقىتتا كەتمىنىنى بۇ چۆل قوينىدا گۈرسىلدىتىپ چېپىپ، ئاخىر قۇدۇق قېزىپ سۇ چىقىرىپ، ھەمراھلىرىنىڭ، چوڭ – كىچىك ئۇلاغلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ قۇدۇق باشقىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ‹‹ھېلىمكامنىڭ قۇدۇقى›› دەپ ئاتىلىپ، ھازىرغىچە رىۋايەت بولۇپ تارقىلىپ كەلگەن ئىكەن.

     بىر تال يوپۇرماقنىڭ ئالدىمغا قۇشتەك ئۇچۇپ چۈشۈشى بىلەن خاتىرەمنى جەم قىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاپاقنى يۈددۈم – دە، ئوتىغىمىز تەرەپكە قاراپ يۈردۈم. ئوتاغقا كەلگۈچە: ‹‹ئۇلۇغ بوۋامنىڭ نامى ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئاشۇ قۇدۇق سەۋەبىدىن ئۇنتۇلماي كەلمەكتە. ھازىرغىچە ئۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىدىن قانچىلىغان چۆل ھايۋانلىرى، ئۇچار قۇشلار، ناتونۇش ئادەملەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقاندۇ – ھە! جىمى جانلىقلارغا ھاياتلىق بەخش ئېتىۋاتقان بۇ قۇدۇق مېنى چەكسىز سۆيۈندۈرمەكتە، پەخىرلىك ھېسلارغا چۆمدۈرمەكتە. ئەمما مەن تا ھازىرغىچە نېمە ئىش قىلدىم؟ مەن بوۋامنىڭ بۇ تەۋەررۈك قۇدۇقىدىن سۇ ئىچىپلا يۈرسەم بوۋامغا يۈز كېلەلەمدىمەن، ئۇنىڭ روھى ئالدىدا يۈزۈم قىزارمامدۇ؟ مەن بوۋامنىڭ ۋارىسى، يىلتىزى، ئۈزۈلمەس ئەۋلاد زەنجىرى. شۇڭا مەن بوۋام قازغان قۇدۇقتا توختاۋسىز بۇلدۇقلاپ تۇرغان ئۇ بۇلاقلار چاڭقىغانلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋاتقاندەك، مەنمۇ مەكتەپتىن ئىبارەت بىلىم بۇلىقىدىن چاڭقاق دىلىمنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشۇم، ئەل – ئاۋامغا مەڭگۈلۈك نەپ بېرەلەيدىغان ياراملىق ئىز باسار بولۇشۇم كېرەك›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

     ئوتىغىمىزغا يېتىپ كەلگىنىمدە دادام بىر كورۇشكا سۇ قۇيۇپ غۇرتىلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. دادامنىڭ جاۋغىيىدىن سىرغىغان قالدۇق سۇلار ئۇنىڭ چارلاشقان بۇجغۇر ساقاللىرىنى يۇماقتا ئىدى. شۇ چاغدا مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئۇلۇغ بوۋامنىڭ قاۋۇل، ماڭا سىرلىق تۈس بېرىدىغان، خىزىر سۈپەت، غايىۋانە ئىللىق بىر سىماسى چۆل ئىچىدە زاھىر بولغاندەك، ئۆزۈمچە دادامنىڭ سۇ ئىچىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ يۈزلىرىم تېخىچە يوقالمىغان شەرق ئۇپۇقىنىڭ ئوتقاش رەڭگىدەك قىزىرىپ كەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.