مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ھىكمەت ئۈنچىلىرى

    ھاياتىڭىزدا بىلىشكە تېگىشلىك ھېكمەتلەر

    ئامانگۈل2016-09-27 17:58:55شىنجاڭ گېزىتى

    ▲ ناپالىئوننىڭ قېلىچى ئورۇنداپ بولالمىغان ئىشلىرىنى قەلىمىم ئورۇندايدۇ.

    بالزاك

    ▲ ئۈمىد كۆۋرۈكى ‹‹ئىشەنچ›› سۆزىدىن باشلانغان بۇ بىزنى چەكسىز مۇھەببەتكە باشلايدىغان كۆۋرۈكتۇر. ئاندېرسېن

    ▲ سەپەرنىڭ ئۆزى بىر تۇرمۇشتۇر.

    ئاندېرسېن

    ▲ ئىشەنچ ھەم ئاجىز، ھەم ئىنچىكە يىپ، ئۇنى ئاسانلا تارتىپ ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ؛ ئەمما ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇ سېنى كۆككە ئېلىپ چىقىپ، قايتىدىن ھاياتلىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ ئاندېرسېن

    ▲ بۇ بىر قېتىملىق يىقىلىش خالاس، ھەرگىزمۇ ئورنىدىن تۇرالماي ئۆلۈش ئەمەس.

    لىنكولىن

    ▲ ئۆچمەنلىك بىلەن كىشلەرگە مۇئامىلە قىلىشنى توختىتىپ، كىشىلەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدىغان ئادەم بول. لىنكولىن

    ▲ مەن ئەزەلدىن يېرىم سائەتنى ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدىغان ناھايىتى كىچىك بىر ۋاقىت بۆلىكى، دەپ قارىمايمەن. دارۋېن

    ▲ ئىلىم – پەن مېنى كۈرەش سېپىگە ئاتلاندۇردى. دارۋېن

    ▲ مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم تىرىكلەرنىڭ قورسىقى، ھەرگىزمۇ خاتىرە ئابىدىسى شەكلىدە ئۆلۈكلەرنى ئەسلەش ئەمەس. نوبېل

    ▲ ئىلىم – پەن ئىنسان ئەقىل – پاراسىتىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىدۇر. نوبېل

    ‹‹ھاياتىڭىزدا بىلىشكە تېگىشلىك 60 شەخس›› ناملىق كىتابتىن مۇھەممەت ئىسمائىل رەتلىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.