مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    موقام تەتقىقاتىنىڭ سەركىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

    بۇئايشەم2016-08-29 10:58:33شىنجاڭ گېزىتى

        ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتى ھەققىدە گەپ بولغاندا، مۇقام تەتقىقاتىنىڭ سەركىسى، مۇقام تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقۇچى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنى ئەسكە ئالىمىز ۋە ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

        1980 – يىللىرىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى قۇتقۇزۇش، رەتلەش، ئاۋازغا ئېلىش ئىشلىرىدا مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، ئەمما مۇقاملارنىڭ تارىخىنى بىلىش، ئەتراپلىق، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، مەزمۇنلىرىنى شەرھلەش جەھەتلەردە ئاساسەن بىلىمسىز ئىدۇق. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ھېچكىم بىزگە بىرەر ئېنىق، تەپسىلىي مەلۇمات، بىلىم بەرمىگەنىدى. بۇ چاغدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ‹‹ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە›› ناملىق تارىخىي، ئىجتىمائىي قىممىتى ناھايتى زور بىر كىتابنى يېزىپ ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتىن بىز مۇقاملىرىمىزنىڭ تارىخىنى، مۇكەممەللىشىش، مۇقىملىنىش جەريانلىرىنى بىلىش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئېرىشتۇق. ئالىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق، مۇكەممەل يېزىلغان ‹‹ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى›› ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يېزىپ بىزگە مىراس قالدۇردى. بىز ئالىمنىڭ مۇقام تەتقىقاتىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنىمىز، ئۇنىڭ تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتىمىز، مۇقام، مەدەنىيەت، تېبابەت، پەلسەپە تارىخىنى چوڭقۇر قېزىش، مۇقاملار تارىخى ھەققىدىكى خەنزۇچە مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىدا باشلامچىلىق، سەركىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايمىز، ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىمىز.

        تۆۋەندە مەشھۇر ئالىمنىڭ مەخسۇس مۇقامچىلىق، مۇقام تەتقىقاتى ھەققىدىكى مۇپەسسەل بايانلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى تاللاپ، ئۆگىنىش، ئەسلەش، تەتقىقات يۈزىسىدىن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز:

        ئالىم ‹‹ئون ئىككى مۇقامغا دائىر 24 مەسىلە›› ناملىق تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇر كىرىستالى. ئۆزىگە خاس مىللىي خاراكتېر ۋە ئېتنولوگىيەلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ مۇزىكىلاشقان پوئېتىكا داستانى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا تاۋلانغان ۋە تاللانغان مۇتەپەككۇر، سەنئەت ئۇستازلىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تارىخىي كارىدور. ئۇيغۇر مۇقاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبېغىدىكى ئويناق سەنئەت بۇلىقى، شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر، ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرىدىغان مۆجىزىلىك ھېكمەتنامە. ئۇ نوقۇل مۇزىكا سەنئىتى خاراكتېرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. مۇزىكا شېئىر – ئۇسسۇل(جۈملىدىن تىياتىرلىق ئامىل)دىن تەركىب تاپقان فولكلور سەنئىتى، رىتىمدار سەنئەت ژانېرلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇلۇغ مۇجەسسەم. ئۇنىڭدا خاس كومپوزىتسىيەلىك، ماتېماتىك، لوگىكىلىق تەركىبلەر بولۇپلا قالماي، يەنە سېمانتىكىلىق ھېسسىيات، ئەقىلگە تەسىر كۆرسەتكۈچى ھېكمەتدار تەركىبلەرمۇ مەۋجۇت››.

        ‹‹ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قانداق تارىخىي فورماتسىيەدە تاكامۇللاشقان بولمىسۇن، ئۇنىڭ بىخى، تۆرەلمىسى، تۇخۇمى، گېنى فولكلور مەدەنىيىتى ئاساسىدا نېئولىت ۋە بىرۇنزا قوراللىرى دەۋرىدە پەيدا بولغان. بۇ گېن ھېلىمۇ ھايات!››، ‹‹ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ھەر بىر تارمىقى، شاخاپچىسى، پارچىسىدا ئىككى ئۇچۇر قىممىتىنىڭ، يەنى قىسمەن ئۆزىنى ۋە پۈتۈن گەۋدىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرىمىز››.

        ئالىم مۇقاملارنىڭ تارىخىنى بىزگە تونۇشتۇرغاندا، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا (تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە) كۆپ قىسىم ئۇيغۇر كۈيلىرىنىڭ مۇقام شەكلىگە كىرىپ بولغانلىقىنى قەيت قىلغان. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ غەربىي دىياردىكى ئېۋىرغولدىن(قومۇلدىن) قەدىمكى پايتەخت چاڭئەنگە كىرگەن، دەسلەپتە ‹‹مۇقدۇر›› دەپ ئاتالغان، كېيىن ‹‹ماھادۇر››غا ئۆزگەرتىلگەن ‹‹ئېۋىرغول نەغمىسى››نىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى قومۇل مۇقاملىرىنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئۇلۇغدۇر›› مۇقامىنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئاندىن كېيىن غەربى دىيار(شىنجاڭ)دىن ئېلىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىغا كىرگەن ۋە زور تەسىر قوزغىغان ‹‹كۈسەن (كۇچا) كۈيلىرى››، ‹‹ئىدىقۇت – قۇچۇ(تۇرپان) كۈيلىرى››، ‹‹ئېۋىرغول(قومۇل) ئەلنەغمىلىرى››، ‹‹سۇلى(قەشقەر) ئەلنەغمىلىرى››، ‹‹ئۇدۇن(خوتەن) كۈيلىرى››، ‹‹بېشبالىق(جىمىسار) نەغمىلىرى›› قاتارلىقلارنىڭ بىرقانچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا چوڭ نەغمە شەكلىگە كىرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەردى.

        ئالىم بىزنىڭ كىلاسسىكلىرىمىزدىن ئەبۇ ناسىر فارابى، ئىبىنسىنا، يۈسۇپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى، ئابدۇراخمان جامى، يۈسۈپ قېدىرخان، ئاماننىساخان ۋە يېڭى جۇڭگودا ياشىغان تۇردى ئاخۇن ئاكا قاتارلىق مۇقام پېشۋالىرىنىڭ خەلق سەنئىتىگە، جۈملىدىن كىلاسسىك مۇقاملارغا قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى، قومۇل مۇقامى، تۇرپان مۇقامى ۋە دولان مۇقامىدىن ئىبارەت مۇكەممەل سىستېمىغا، ئۆزگىچىلىككە، مۇقىملىققا ئىگە بولغان تۆت تۈركۈم مۇقامنىڭ تارىخى، مەزمۇنى، ئالاھىدىلىكى، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم توختىلىپ، ئىلمىي، مۇپەسسەل تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلى، كۇچا، خوتەن، قەشقەرلەردە تارقالغان مۇقاملارنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئاز – تولا ئۆزگىچىلىكى بولغان، ئاساسەن ئوخشايدىغان ۋارىيانتلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قىممەتلىك تارىخىي خەزىنە، دۇردانە گۆھەر، تارىخىي مىراس ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنى ئۈگىنىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسكەرتتى. مۇقام مائارىپىنى يولغا قويۇش، مۇقام تېكىستلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىلمىي، پىروگراممىلىق، سىستېمىلىق، ئەينەن، پىششىق ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە قىممەتلىك، توغرا تەۋسىيەلەرنى قالدۇردى. ئالىم ئاخىرىدا مۇقام تەتقىقاتىنى ئىزچىل، ئىنچىكە، چوڭقۇر، ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە بىزگە مۇنداق تەربىيە قىلدى ۋە كۆرسەتمە بەردى:

        ‹‹مېنىڭچە، مۇقام تەتقىقاتىدا خەلق مۇقاملىرىدىن بىۋاسىتە ئۆگىنىش، پۈتۈن تارىخىي يازما ماتېرىياللارنى توپلاش، مۇزىكا، ناخشا – ئۇسسۇلغا دائىر رەسىم، قونچاق، نوتا، شېئىرلارنى بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىش، تارىخنى ئۈزۈپ قويماسلىق، مىللەتنى تەنھا ئېلىپ قارىماسلىق، قاتلاملىق ۋە ئىزچىللىق بىلەن قاراش پىرىنسىپىنى قوللىنىش، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش، چىگىش ۋە ئېنىقسىز مەسىلىلەرگە ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماسلىق، چەتلەپ ئۆتۈپ كەتمەي، ئىزدىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەتقىقات ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ››.

        بىز ئالىمنىڭ كۆرسەتمە، تەربىيە – تەۋسىيەلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۇ باشلاپ بەرگەن مۇقام تەتقىقاتى يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاپ، مۇقام تەتقىقاتىنى تېخىمۇ جانلىق، چوڭقۇر، تەخىرسىز ھالدا ياخشى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بارلىق مۇقاملارنى چوڭ – كىچىك، ئۇزۇن – قىسقا، ئانا – بالا، يۇقىرى – تۆۋەن دەپ دەرىجىگە ئايرىماي، باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. قوغداش، ئۆگىنىپ ۋارىسلىق قىلىش، ئىزباسار تەربىيەلەشتە ئىشنى ياش – ئۆسمۈرلەردىن باشلاش، يەرلىك مۇقاملارغىمۇ مەخسۇس مۇقام مائارىپى دەرسلىك پىروگراممىسى تۈزۈپ، سىستېمىلىق دەرس ئۆتۈش لازىم. ئەل ئىچى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مۇقام مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇقام ئۆگەنگەندە ئۈنۈم، نەتىجە ئالاھىدە زور بولىدۇ.

        مۇقام تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، مۇقاملىرىمىزدىكى بەزى نۇقسانلارنى، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىپ بارساق، سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسەك، ئىلمىيلىكىنى، مۇكەممەللىكىنى ئاشۇرساق، مۇقاملىرىمىز تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، جاھانغا ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرلىرىنى يەنىمۇ كەڭ چاچقۇسى!

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.