مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئىدارە باشلىقىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرى 

    بۇئايشەم2016-08-29 10:58:36شىنجاڭ گېزىتى

        مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ تېلېفون دەپتىرىدەك چاققانغىنە خاتىرە كومپيۇتېرى تۇيۇقسىز يىتىپ كەتتى. ھودۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ‹‹خاتىرە كومپيۇتېرىمنى تېپىۋالغۇچىلارغا رەھمىتىمنى ئېيتىش بىلەن بىللە ئوبدان رازى قىلىمەن›› دېگەن مەزمۇندا ئىدارىنىڭ ئېلان تاختىسىغا كومپيۇتېر ئىزدەش ئېلانى چىقاردى.

        بۇ ئېلان ئىدارىدىكىلەرگە ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندىنمۇ قاتتىق بىلىندى. ھەممەيلەن خاتىرە كومپيۇتېرغا قانداق مەزمۇنلارنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلەتتى ھەم ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشاتتى. بەزىلەر ‹‹بۇ كومپيۇتېردا جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ پارا ئالغان خاتىرىسى بار›› دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ‹‹مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشقىۋازلىق خاتىرىسى بار›› دېيىشەتتى. ئاخىرى كۆپچىلىك ‹‹بۇ كومپيۇتېرغا چوقۇم جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلاشتىن قورقىدىغان مەخپىيەتلىكى خاتىرىلەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كومپيۇتېرنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ›› دېگەن بىردەك قاراشقا كېلىشتى. كۆپچىلىك دەرھال كومپيۇتېرنى ئىزدەشكە ئاتلاندى.

        كاتىپ شياۋ ليۇنىڭ ئىزدەش دائىرىسى ئىدارە بىلەن چەكلەندى. ئۇ ‹‹بۇ كومپيۇتېر مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم تۇرسا، ھەرگىز سىرتلارغا ئېلىپ چىقمايدۇ›› دەپ قاراپ، ئىدارىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. مۇبادا شياۋليۇ كومپيۇتېرنى تاپالىغان بولسا، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۇنى چوقۇم بىر مۇھىم ۋەزىپىگە قويغان بولاتتى. چۈنكى ئۇ دېگەن دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرسا، ئۇنىڭ ئۆسۈشى تۇرغانلا گەپتە! بۇنى شياۋليۇ ئوبدان بىلەتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولدى.

        بۆلۈم باشلىقى دالى ئۆتكەن قېتىم بىر خېرىدار بىلەن بىللە تاماق يەپ قويۇۋېدى، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چوڭ – كىچىك يىغىنلاردا ئۇنى تولا سۆكۈپ يۈزىنى تۆككەچكە، ئۇ ئىدارىدە بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالغانتى. ‹‹ئويلىماپتىمەن، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭمۇ پوقى باركەندە؟ بولمىسا بىر خاتىرە كومپيۇتېر يىتىپ كەتكەنگە بۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كېتەمدۇ؟ ئەگەر مەن بۇ كومپيۇتېرنى تېپىۋالسام، ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن چىڭ تۇتىمەن، ئۇ چاغدا كۆرەڭلەپ كەتكەن جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مېنىڭ ئالدىمدا يەنە غىڭ – پىڭ قىلالامدىكىن!›› مۇشۇنداق ئويلارغا غەرق بولغان دالى ئىزدەش دائىرىسىنى شياۋليۇنىڭ ئەكسىچە سىرتلارغا قاراتتى. ئۇ مېھمانخانا، ھور مۇنچىسى، KTV قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرىنى قويماي سۈرۈشتە قىلىپ ئىزدەپ چىققان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي بىھۇدە ئاۋارە بولدى...

        مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لاۋخېنىڭ بۇ خاتىرە كومپيۇتېرنى ئىزدەشتىكى مەقسىتى ئۆزگىچە ئىدى. باش ئىدارە باشلىقى يۆتكىلىپ كەتكەندىن بېرى بۇ ئورۇن بوش بولۇپ، لاۋخې بۇ ئورۇننى كۆزلەپ يۈرەتتى. لېكىن ئۇنىڭ رىقابەتچسى جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى تۇرغان گەپ ئىدى. شۇڭلاشقا لاۋخې بۇرۇنلا جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىش غېمىدە يۈرەتتى. ‹‹مانا بۇ كومپيۇتېر يۈتۈش ۋەقەسىدە تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى›› دەپ ئويلىغان لاۋخې چىرايىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇراي دەپمۇ يوشۇرۇپ قالالمايۋاتاتتى. ‹‹قالتىس ئىش بولدى، بۇ كومپيۇتېر دەل ۋاقتىدا يىتتى››، ھاياجېنىنى باسالمىغان لاۋخې ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلايتتى.

        لاۋخې شياۋليۇ بىلەن دالىنىڭ ئىزدەش ئۇسۇللىرىنى ئەخمەقلىق دەپ قارايتتى. ئۇ ‹‹جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئوغرى ئالدى، ساقچى يولداشلارنىڭ تېز ياردەم قىلىپ تېپىپ بېرىشىنى سورايمىز›› دەپ ساقچىخانىدىكى دوستىغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلدى. ئۇ تېلېفوندا يەنە ‹‹ئاشۇ ئادەتلەنگەن ئوغرىلار كومپيۇتېرنى غىپپىدە سوقۇۋالغان بولمىسۇن يەنە. ساقچى يولداشلار شۇ ئادەتلەنگەن ئوغرىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ ئوغرىلارغا ئېيتىپ قويۇڭلار، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى قاقتى – سوقتى قىلىمىز دېگىنى ئۇخلىماي چۈش كۆرگىنى، بىزنىڭ جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دېگەن دۇرۇس ئادەم، شۇنداقلا پاك دىيانەتلىك ئەمەلدار، ئۇنداق يامان نىيەتلىكلەرنىڭ قارا سانىشىدىن قورقۇپ قالمايدۇ...›› دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىۋەتتى. شۇنداق، ئۇ دېگەن لاۋخېدە، ھەرگىز بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى يولداشلارغا خىزمەت دوكلاتى قىلغاندا، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ قانداق يىتىپ كەتكەنلىكىنىمۇ قىستۇرۇپ دوكلات قىلدى.

        ئۈچ كۈندىن كېيىن جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرىنى تازىلىققا مەسئۇل لاۋما تېپىۋالدى. ئۇ ۋارقىراپ – جارقىراپ ئىدارىنى بېشىغا كەيدى. شۇنىڭ بىلەن جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ كومپيۇتېرىنى لاۋمانىڭ تېپىۋالغانلىقى پۈتۈن ئىدارىگە پۇر كەتتى. دەل شۇ كۈنى جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنىدى.

        ئىدارىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى گۈررىدە كېلىشىپ كومپيۇتېرغا ئولاشتى، مانا كۆرۈڭ، ئەمدى كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى مەخپىيەتلىكلەر ئۆزلۈكىدىنلا ئاشكارىلىنىپ، ھەممەيلەن مۇراد – مەقسىتىگە يېتىدىغان پۇرسەت يېتىپ كەلدى.

        ئويلىمىغان يەردىن كومپيۇتېردا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز يېزىقلىق تۇراتتى: ‹‹ئوغلۇم، خىزمىتىڭنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلە، كۆپچىلىكنىڭ دېگەن يېرىدىن چىق، ھەرگىز ھوقۇقۇڭدىن پايدىلىنىپ نەپسىڭگە چوغ تارتما، ئەمەلنى پاكىز تۇت، ئەگەردە دېگىنىمدەك قىلمىساڭ، سېنىڭدەك ئوغلۇم يوق››.

        روشەنكى، بۇ سۆزلەرنى جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئالەمدىن ئۆتكەن دادىسى ئۇنىڭغا يېزىپ قالدۇرغان سۆزلەر ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ خاتىرە كومپيۇتېر جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ھەم قىممەتلىك ئىدى!

        ماھىرە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.