مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئالما تەقسىملەش

    ئامانگۈل2016-08-22 17:12:17

      پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ كېلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىغا دەرسكە كىردىم. باسقۇچلۇق ئىمتىھاندا مەن ئۇلارغا مۇنداق بىر سوئال چىقاردىم:

       ئەگەر ئۆيىڭىزدە بەش ئادەم بولسا، 10 تال ئالمىنى ھەر بىرىگە نەچچىدىن تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ؟

       ياش ۋە ئەقلىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالتە – يەتتە ياشلىق بالىلارنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلىشى ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. بىراق ئىمتىھان قەغىزى تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەن بىر ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. كوررېكتورنىڭ بىخۇدلۇقى تۈپەيلىدىن سوئالدىكى ‹‹10›› ‹‹1›› دەپ بېسىلىپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن سوئالنىڭ تەلىپىمۇ ‹‹ئۆيىڭىزدە بەش ئادەم بولسا، بىر دانە ئالمىنى قانچىدىن تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ؟›› دېگەنگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. مەن سوئالنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۆزگىرىپ كەتكەندىكىن، بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنىڭمۇ ئورنى قالمىدى، دەپ ئويلىدىم. بىراق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ سوئالنىڭ ئاستىغا مۇنداق جاۋاب يېزىپ قويغانلىقىنى بايقىدىم:

       ھەر بىر ئادەمگە بىردىن ئالما تەقسىم قىلغىلى بولىدۇ.

       مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم، بۇ بالىنىڭ نېمىشقا شۇنداق جاۋاب يازغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە، ئۇنى ئىشخانامغا چاقىردىم.

       ــ ئەگەر بوۋام بىر تال ئالما سېتىۋالسا، ئۇ بۇ ئالمىنى چوقۇم ئۆزى يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاغرىقچان مومامنىڭ بۇ ئالمىنى چوقۇم يېيىشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئالمىنى مومامغا قالدۇرىدۇ؛ بىراق موماممۇ بۇ ئالمىنى ئۆزى يېمەي، ئەڭ ئامراق نەۋرىسىگە ماڭا قالدۇرىدۇ؛ مەنمۇ بۇ ئالمىنى ئۆزۈم يېۋەتمەي، كوچىدا گېزىت سېتىۋاتقان ئاپامغا ئاپىرىپ بېرىمەن، چۈنكى ئاپام كۈنبويى كوچىلاردا ئىسسىقتا قالىدۇ، بۇ ئالما ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالايدۇ؛ ئەمما ئاپاممۇ بۇ ئالمىنى ئۆزى يېۋەتمەي، دادامغا قالدۇرىدۇ، چۈنكى دادام مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى شەھەرگە كىرىپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا ھېرىپ – چارچاپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن ئالما يەپ باقمىدى. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆيدىكى ھەممەيلەن بۇ ئالمىغا تەڭ ئېرىشەلەيمىز، - دەپ جاۋاب بەردى بالا.

       بالىنىڭ گېپى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى، مەن كۆزۈمگە ياش ئالغان ھالدا ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا تولۇق نومۇر بەردىم.

    ئەلىجان ئوبۇل تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.