مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ھىكمەت ئۈنچىلىرى

    ئالىم ئەبۇناسىر فارابىنىڭ مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدىكى ئەقلىيە سۆزلىرى

    ئامانگۈل2016-08-07 13:14:54شىنجاڭ گېزىتى

        شەرق خەلقلىرىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى، مىدېتسىنا، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، ئوپتىكا، مېخانىكا، خىمىيە، فىزىكا ۋە مۇزىكا ئالىمى ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم – پېنىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدىكى ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللاپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز. فارابى مۇنداق دەيدۇ:

        ‹‹مىڭ يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان لەززەتنى مېنىڭ قالۇنىمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسەن››.

        ‹‹ھەممىنى چالىدىكەن، ئەمما ھەممىگە چالىكەن›› بولۇپ قالمىسۇن.

        ‹‹مۇزىكانت شادلىق يەتكۈزگۈچىدۇر. ناخشىچى غەمنى كەتكۈزگۈچىدۇر. ئۇسسۇلچى تەننى يايراتقۇچىدۇر››.

        ‹‹ئادەم تەبىئىي خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن مۇزىكىلىق ئىستېداتقا ئىگە. ئۇ مۇزىكىلىق ئاۋازنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، تەسىرلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭغا مەنىۋى ئىپادە بىلدۈرەلەيدۇ. ئۆز خۇشاللىقى بىلەن قايغۇ – ھەسرىتىنى مۇزىكىغا خاس ئاۋازلار بىلەن ئىزھار قىلالايدۇ››.

        ‹‹مۇزىكا ئاۋازلىرى مۇئەييەن قىزغىنلىقنىڭ، مۇئەييەن ھېسسىياتنىڭ سەمەرىسىدۇر››.

        ‹‹مۇزىكا سەنئىتى تەبىئىي ھاسىلي ئىقتىدار بىلەن مۇزىكىلىق تالانتنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ››.

        ‹‹ئاڭلاپ پەرق ئېتىش مۇزىكىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. يېقىملىق – يېقىمسىز، گارمونىيەلىك – گارمونىيەسىز، قاتتىق – يۇمشاق، ئۇزۇن – قىسقا ئاۋازلار قانۇنىيىتى مۇزىكا نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى بولىدۇ››.

        ‹‹چالغۇ ئەسۋاب ئاۋازلىرىنى پەرق ئېتىشنى قۇلاقتا تەربىيەلەش، ئاۋاز تەڭشەش، قولنى سازغا پىششىق كۆندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. كومپوزىتور بىرقانچە سازنى پىششىق ئۈگەنگەن بولۇشى لازىم››.

        ‹‹چالغۇ مۇزىكىسى بىلەن ناخشا بىر – بىرىگە ھەمجەھەت بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ››. يۈسۈپ ئەھمىدى تەييارلىغان

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.