مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    پاك قىز

    زاھىدە2016-07-18 16:49:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    (ھېكايە)

    ئابلەت ئەخمەت

    ـــــ يازغۇچى، ژۇرنالست گۈلباھار ناسىرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى

       گۈلسۈم بۇ شەھەرگە كېلىپ ئەتىسىلا يېڭىدىن بىر QQ نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ، سىستېمىدىكى سېرىق چاچلىق بىر قىزنىڭ باش سۈرىتىنى تاللاپ، «مىسكىنئاي» دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى «قىز، 22 ياش.....» دەپ توشقۇزدى- دە، QQ نىڭ ئىزدەش قورالى ئارقىلىق «مۇشۇ يۇرتلۇق، ئەر، 40 ــــــ 45 ياش...» دېگەن شەرتلەر بويىچە ئىزدەش بۇيرۇقى بەردى. بىردەمنىڭ ئىچىدە گۈلسۈمنىڭ «شەرتى» گە چۈشىدىغان 20 نەچچە QQ ئىگسى ئېكراندا تەق بولدى. گۈلسۈم تاللاپ ئولتۇرماستىن ھەممىسىگە قوشۇلۇش ئىلتىماسى يوللىۋەتتى. «سابىر» ئىسىملىك، 45 ياشلىق بىر ئەر تۇنجى بولۇپ گۈلسۈمنىڭ يېڭى QQ سىغا قوشۇلدى، قارىغاندا باش سۈرەت سابىرنىڭ ئۆز سۈرىتى بولۇپ، قاپقارا قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى بىر جۈپ كۆزىدىن جەسۇرلۇق، مېھرىبانلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى، شالاڭ چاچلىرى تەكشى ياسىتىلغان، ئۈستۈنكى تۈگمىسى ئېتىلمىگەن كۆينىكىنىڭ ئىچىدىن قويۇق مەيدە تۈكلىرى بىلىنەر- بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى. گۈلسۈم باش سۈرەتكە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، «ياخشىمۇسىز!» دەپ ئۇچۇر يوللىدى.

       ــ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟

       ــ تۇيۇقسىزلا گەپ قىلغىنىمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلمىغانسىز؟

       ــ ياقەي، خۇش بولدۇم تېخى!

    ........

       تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى كۈجۈم مەھەللىدە تەبىئەتنىڭ بارچە نېمەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ چوڭ بولغان گۈلسۈم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ساياھەت باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. گۈلسۈمنىڭ ئائىلىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىپىك دېھقان ئائىلىلىرىدىن بولۇپ، يەردىن چىققان ئاشلىق، سەي- كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇزلىرى بىلەن تۇرمۇشى يامان ئەمەس ئۆتۈۋاتقان ئائىلە بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىدىكى مەكتەپكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئوقۇش پارچە خىراجىتى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنى خېلى كويلارغا سالدى: ئاتا- ئانسى ئارزۇلۇق قىزىنىڭ مەركىزىي شەھەردىكى چوڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن ئالامچە خۇشاللىققا چۆمۈپ، يىللاردىن بۇيان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى سۈت- قېتىق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان موزايلىق ئىنەكنى ساتتى، ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئەسقاتار دېگەن ئۈمىدتە بانكىدا ئامانەت قويغان 3000 يۈەننى ئالدى. ئۇلار ھەممە ئىشنى چاندۇرماي، ئۆز تەرتىپى بويىچە قىلۋاتقاندەك تۇرسىمۇ، ئەتە- ئاخشامدا خۇپىيانە قىلىشقان مەسلىھەتلىرى، تالاش- تارتىشلىرى، قولۇم- قوشنا، ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن قەرز سوراشلىرى گۈلسۈمنىڭ نەزىرىدىن خالىي قالمىدى، ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە پۇلنىڭ قۇدرىتى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.

       ــ كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ، دېگەن گەپ بار قىزىم. خاتىرجەم بولۇڭ، ھاياتلا بولسام سىزنى ئىقتىسادتىن قىسماي ئوقۇتۇپ كېتىمەن، تۇيۇقسىز بولغاچقا سەل جىددىيلىشىپ قالدۇق، كېلەر يىلقى ئوقۇش خىراجەتلىرىڭىزنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتقىچە پۇلنىڭ غېمىنى قىلغاچ تۇرىمىز...

       تاغدەك ئېغىر قىيىنچىلىقلار يەلكىسىنى بېسىپ، يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتسىمۇ، خوتۇن- بالىلىرى ئالدىدا ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس غۇرۇر، كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشقان مېھرىبان دادىنىڭ «ئوقۇشقا بارمايمىكىن، سىلەرنى بەك قىيناپ قويىدىغان ئوخشايمەن» دېگەن سۆزىگە بەرگەن جاۋابى گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرىنى ياشقا تولدۇردى. ئۇ ئاتا- ئانىسىغا ئىچى ئاغرىپ، ھېلىقىدەك گەپلەرنى قىلغىنى بىلەن يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغا چىققاندىن بۇيان كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيتتى.

       ئارزۇ ھامان قىزىقىشتىن كېلىپ چىقىدىغان شېرىن خىيال بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا شۇ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدىغان ئەڭ زۆرۈر ئامىللار ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. گۈلسۈم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھەققىدىكى تەرپلىرىگە ئىختىيارسىز قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. تېلېۋىزور، رادىيو، گېزىت- ژۇرناللاردا بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغىدەك بولسا، ئۇ تەبىئىيلا مەپتۇن بولاتتى، تەتىللەردە يۇرتقا قايتىپ كەلگەن ياكى تۇغقان يوقلاپ كەلگەن ئىستودېنتلارنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇن كۆزىتەتتى، ئۆزىگە ئۆرنەك قىلاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇسى ھەسسىلەپ كۈچىيىپ كېتەتتى، ھېچ بولمىغاندا ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن يەكەن دەرياسىدىن ئۆتۈشنى بولسىمۇ ئىستەپ قالاتتى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، ئەمەلگە ئاشقاندىمۇ قولىنى نەگە سوزسا شۇ يەرگە يېتىدىغان، ھېچنېمىدىن غەم قىلمايدىغان ساۋاقداشلىرى قىلغان ئارزۇلاردىنمۇ ئېشىپراق ئەمەلگە ئاشتى. لېكىن، «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دېگەندەك، ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلار ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ توسالغۇ بولۇشى گۈلسۈمنى ھەقىقەتەن بەك ئازابلىدى.

       گۈلسۈم بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا كۆرمىگەننى كۆردى، بىلمىگەننى بىلدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۆزىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ بىر-ئىككى يىلغا قالمايلا ھەر خىل مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن زەنجىرلەرنى تاقاپ، چاچ پاسونىنى ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ، شەنبە، يەكشەنبىلەردە نە-نەلەرنى ساياھەت قىلىپ يۈرۈشلىرى ئۇنى ئانچە-مۇنچە قىزىقتۇرغانمۇ بولدى. «كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك، گۈلسۈمنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغىنى بىلەن چىرايى كېلىشكەن قىز ئىدى، قوشۇما قارا قاشلىرى، قىياقتەك كىرپىكلىرى، تۈندىكى يۇلتۇزغا ئوخشاش چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى، بولۇپمۇ، ئۈستۈنكى لېۋىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سۇس خالى 20 نەچچە ياشلىق بۇ قىزنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئەز زاتىنى ئىختىيارسىز ئاللىقانداق خىياللارغا باشلاپ كېتەتتى، شۇڭا، ئۇنىڭغا تەلەپ قويىدىغان يىگىتلەرمۇ خېلى كۆپ بولدى، ھېلىقىدەك «جەننەت ھۇزۇرى» سۈرۈۋاتقان دوستلىرىمۇ ھەپتە ئاخىرىلىرىدا ئۇنى نە-نەلەرگە بىللە ئېلىپ بارغۇسى كېلىپ، قىلمىغانلىرى قالمايتتى. لېكىن، گۈلسۈم ھەممىنى سىلىق رەت قىلاتتى، ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ جاھاندا ھېچقاچان سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ، ئەجىر قىلمايلا ياخشى كىيىش، ياخشى يەپ-ئىچىش، ئويناش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەكقۇ، ئاخىر! ئانىسىنىڭ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قويۇپ قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە چىڭ ئورناشقان، ئىپپەت دېگەن بىر قىز ئۈچۈن جان بىلەن باراۋەر، ئىپپىتىنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرالمىغان بىر قىزنىڭ ياشىغىنىدىن ياشىمىغىنى تۈزۈك، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم ئىپپەتنى ساقلاش كېرەك... ئۇنىڭ ئۈستىگە بىچارە ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن چىقمىغان دۆڭ، چۈشمىگەن چوڭقۇرلىرى قالمىدىغۇ، كىچىككىنە مەئىشەت، خۇشاللىقنى دەپ، ئىپپەتتىن كېچىشكە، ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا بولمايدۇ!

       گۈلسۈم بەش يىل جەريانىدا 1- دەرىجىلىك ئوقۇش قەرز پۇلى ئالدى، ئۇلار پىراكتىكىغا چىقىشتىن بۇرۇن مەكتەپ مالىيە باشقارمىسى بىلەن بانكا تەرەپ ئۇنىڭ بەش يىللىق ئوقۇش قەرزىنىڭ 25 مىڭ يۈەن بولغانلىقىنى، بۇ قەرزنى ئىمكانقەدەر قايتۇرۇپ، دىپلومنى ئېلىپ كېتىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا مېھرىبان ئانىسى مومىسىدىن تەۋەرۈك قالغان بىر جۈپ ئالتۇن بىلەيزۈكىنى گۆرۈگە قويۇپ ئالغان 10 مىڭ يۈەن قەرز ۋە يېزىلىق ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىقى ئۈچۈن بەرگەن 30 مىڭ يۈەن قەرزدىن گۈلسۈمنىڭ خەۋىرى بار ئىدى.

       گۈلسۈملەر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئالتە ساياھەت رايونىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، بىر ئايدىن پىراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، گۈلسۈم بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى قىز بەش يىللىق ئوقۇشىنى جەننەت ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ساۋاقدىشى بولۇپ، «مول تەجرىبە» گە ئىگە ساھىبجامال ئىدى. ئۇلار شۇنچە يىل بىر سىنىپتا، بىر ياتاقتا تۇرۇپ، ئەجەپ سىردىشىش نىسىپ بولمىغان ئىكەن. پىراكتىكىغا چىققان تۇنجى كۈنى كەچتە ئۇلار مەنزىرە رايونىنىڭ ئىككى كىشىلىك ئازادە ياتىقىدا كەڭ-كۇشادە سىرداشتى. «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەندەك، پاراڭ تېمىسى تەبىئىيلا گۈلسۈمنىڭ دەرد-خاپىلىقلىرىغا مەركەزلەشتى.

       ــ ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئويلاپمۇ كەتمە، گۈلسۈم، گۈلدەك چىرايىڭ بار، ئۆلىدىغان جانغا نېمە قىلىسەن ئۆزۈڭنى قىيناپ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئەقىل ئىشلەتسەڭ ئىپپىتىڭنى ساقلاپمۇ، بۇ غەملىرىڭدىن خالاس بولۇپمۇ كېتەلەيسەن.

       گۈلسۈمنىڭ ساۋاقدىشى نۇرغۇن ئۆگۈت-نەسىھەتلەردىن كېيىن، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تورغا چىقىپ، گۈلسۈمگە يېڭىدىن بىر QQ نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ، «شەھلا» دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى ھەم گۈلسۈمنى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

       گۈلسۈمنىڭ «مىسكىنئاي» نامىدا سابىر بىلەن قوشۇلغان QQ سى ئۇلار پىراكتىكا قىلىۋاتقان 4-شەھەردىكى 4-QQ سى ئىدى. گۈلسۈم ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۈچ شەھەردە QQ ئارقىلىق 40 ــــ 45 ياش ئارىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق ئەر بىلەن تونۇشتى، ئۇلاردىن ئالتىسى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتى، «ئاكاش» لار مەيلى ھېسداشلىق قىلسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولسۇن گۈلسۈمگە خېلى كۆپ پۇل بەردى، بۇ پۇللار ئۇنىڭ ئوقۇش قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا يېتىپ ئاشاتتى، لېكىن، جىرىم غاجىلاپ كۆنۈپ قالغان ئېشەك، قۇرۇق ياغاچنى كۆرسىمۇ غاجىلاپ باققانغا ئوخشاش، گۈلسۈم بۇ شەھەرگە كېلىپمۇ يېڭىدىن QQ ئېلىپ، سابىر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇلۇشتى ۋە ئادەت بويىچە ئۆزىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈرۈپ خىزمەت كۈتۈۋاتقان، بىكارچىلىقتا ئىچى سىقىلىپ، كۆپنى كۆرگەن بىرەر ئەر بىلەن پاراڭلىشىش مەقسىتىدە قوشۇلۇش ئۇچۇرى يوللىغان، قىلىپ تونۇشتۇردى. گۈلسۈم بۇنداق تونۇشتۇرۇشنىڭ شۇ ياشتىكى ئەرلەرگە «قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچرىغاندەك» تېز تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ھەم كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان ئىدى.

       QQ دا بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، گۈلسۈم تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن سابىرنىڭ ئۆزىگە رەسمىي باغلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى ھەم سابىرنىڭ قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىشى، قەسەم قىلىپ، ۋەدىلەر بېرىشى بىلەن يەكشەنبە كۈنى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى. گۈلسۈم شەھەر سىرتىدىكى بىر تېز تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرگەندە سابىر چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى.

       سابىر گۈلسۈمنىڭ «بولدى» دېگىنىگە ئۇنىماي بىرمۇنچە قورۇما-تاماق بۇيرۇتتى، قورۇما-تاماقلار چىقىپ، ئۇلار بىر-بىرىگە تاماق زورلىشىپ، كۆزلىرىگە تازا بېقىشىپ ئولتۇرغان شۇ پەيتتە گۈلسۈمگە تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ھېلىقى ساھىبجامال ياتاقدىشى ئۇرغان ئىدى، بىراق تېلېفوننى ئالغان گۈلسۈمنىڭ باشتا لەۋلىرى، قوللىرى تىترىدى، ئارقىدىن كۆزلىرىگە ياش تولدى، ئاخىرى «بولىدۇ ئاپا، مەن چوقۇم بۈگۈنلا ئامالىنى قىلىمەن، ئاكامنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن قۇتقۇزىمەن» دەپ، تېلېفوننى قويدى. گۈلسۈم خېلىغىچە يىغلىدى، سابىر ئۇنى بەزلىدى، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. گۈلسۈم ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتقاندەك بىر خىل قىياپەتتە:

       ــ ئاكامنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ، ئۆيدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئىكەن، دوختۇرلار 15 مىڭ سوم تاپشۇرمىساڭلار بالنىتسىغا ئالمايمىز دەپتۇ، ــ دېدى ۋە سىنچى نەزەرى بىلەن سابىرنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.

       گۈلسۈم ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇپ، سابىرغا گەپ قىلماقچى بولدى-يۇ، قەستەن توختىۋالدى. ئالاھەزەل 15 مىنۇتلار ئۆتتى، قورۇما- تاماقلارغىمۇ چوكا ئۇزىمىدى، ئايرىمخانىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، كەيپىيات ئىنتايىن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

       ــ بولمىسا سىز بېرىپ تۇرامسىز- يە؟ ئامال بار تېز قايتۇرۇشقا تېرىشىمەن.

       ــ ھەئە-ئە، بولىدۇ، بىراق، ھازىر كارتامدا 10 مىڭ يۈەنچە بار ئىدى، شۇنى بىر...

       شۇ پاراڭلاردىن كېيىن ئۇلار ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر بانكىنىڭ ئاپتوماتىك ماشىنىسىدا پۇل ئاغدۇردى. گۈلسۈم تەسىرلەنگەن، ھاياجانلانغان قىياپەتتە سابىرغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى ۋە «دوختۇرخانا» غا چاپتى.

       شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار QQ دا كۆپ قېتىم پاراڭلاشتى، بولۇپمۇ سىنلىق پاراڭلاشقان ۋاقىتلاردا گۈلسۈم سابىرغا بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن نازلىنىپ تۇرۇپ، قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى، 10 مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بولالماي خىجىل بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتاتتى. گۈلسۈم سابىرنىڭ «بولدى، ئۇ پۇلنىڭ گېپىنى قويۇڭ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇنچىلىك پۇل نېمىتى؟» دېگەن گېپىنى كۈتەتتى، ئاخىرى ئۇ گەپنى ئاڭلىدى، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.

       گۈلسۈم ھەممىنى بىلىدۇ، باشقىلارنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ھالاللىق بىلەن ئۆتكەن سەمىمىي دېھقاننىڭ پۇشتى. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ، بۇ پۇلنى ئالمىسا بولمايدۇ، چۈنكى گۈلسۈم ئوقۇشىنى پۈتتۈرسە قاچان، قەيەردىن خىزمەت تاپىدۇ، خىزمەت تېپىپ، مائاش ئېلىپ قەرزلىرىنى قايتۇرغىچە كىم بار، كىم يوق، بۇنى بىلمەك تەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلسۈم شۇنداق يوللار بىلەن قولىغا چۈشۈرگەن شۇ پۇللار ئاللىقاچان شۇنداق بىر ئىشلارغا خەجلىنىشكە ھۆكۈم قىلىنغان، شۇ پۇلنى گۈلسۈم ئالمىسا، شۇ پۇل باشقا بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرگە، ھەتتا پاجىئەلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنغۇ!

       گۈلسۈم سابىرنىڭ «بولدى، ئۇ پۇلنىڭ گېپىنى قويۇڭ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇنچىلىك پۇل نېمىتى؟» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان كۈنى كەچتە تورغا چىقىپ، سابىرنىڭ QQ سىغا «سابىركا، نەچچە ۋاقىتتىن ماڭا قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەتە ئەتىگەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن، كەلگەندە كۆرۈشەرمىز، خوش، ئامان بولۇڭ!» دېگەن سۆزلەرنى قالدۇردى. ئەتىسى ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى پىراكتىكا ۋاقتى توشۇپ، 5-بىر شەھەرگە يۆتكەلدى، شۇنىڭ بىلەن «مىسكىنئاي» نامىدىكى QQ مۇ گۈلسۈمنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتەك تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، تور دۇنياسىدىن مەڭگۈلۈك غايىب بولدى.

    (گۈلباھار ناسىرنىڭ «پاك قىز» ناملىق ھېكايىسى «كىروران» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 3- سانىدىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2016- يىللىق 3- سانىغا كۆچۈرۈلۈپ بېسىلغان)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.