مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    ئارقا كۆرۈنۈش

    زاھىدە2016-07-11 11:29:45شىنجاڭ گېزىتى

    (فىليەتون)

    يەن جيەنخۇا

       ناھىيە يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، يېزا – بازارلاردىكى كەم ئىشتاتقا ئاساسەن تەقسىم قىلدى.

       ناھىيە بازىرى شارائىتى ئەڭ ياخشى بازار بولۇپ، بۇ بازارغا سەككىز خادىم تەقسىم قىلىندى. ئۇلار تېخى يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسىغا پېشقەدەم رەھبىرىدىن تېلېفون كەلدى:

       ــ شياۋ جياڭ، جىيەنىم جياۋ چياڭ سىلەرگە تەقسىم قىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ يېڭى رايونلۇق ئېچىش ئىشخانىسىدا چېنىققۇسى بار ئىكەن، غەمخورلۇق قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

       جياڭ شۇجىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. يېڭى رايونلۇق ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ تەمىناتى ياخشى بولغاچقا، ئىشتات ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خېلى كۆپ ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئاشۇ يەرگە قىستۇرۇلغۇسى بار ئىدى.

       يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان سەككىز ئادەم بازارلىق پارتكوم ئىشخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ما مۇدىر جياڭ شۇجىدىن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق سوراپ، تولىمۇ سىرلىق ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى:

       ــ جياڭ شۇجى، ئاڭلىسام بۇ يېڭى تەقسىم قىلىنغانلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى باركەن. مەسىلەن، ھېلىقى چيەن جىن دېگىنى ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسىنىڭ جىيەنى ئىكەن؛ يەنە ھېلىقى سۈن ماۋماۋ دېگەنمۇ بار، بىزنىڭ بازارغا مەسئۇل شاۋ مۇئاۋىن ھاكىم ئۇنىڭ تاغىسى ئىكەن...

       ــ ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تازا ئالدىراش پەيتى، ــ دېدى جياڭ شۇجى ما مۇدىرنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، ــ بۇ ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن پارتكوم يىغىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئىشىنى مۇزاكىرىلىشەيلى!

       چۈشتىن كېيىن كەنتلەرگە بېرىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن جياڭ شۇجى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئۆيدە ئۆزىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىككى كىشىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان لې پونىڭ ھاممىسى بولۇپ، لې پونى مالىيە پونكىتىغا تەقسىم قىلىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى؛ يەنە بىرى جيا جۈننىڭ كىچىك ھاممىسى بولۇپ، ئۇ جيا جۈننى باج پونكىتىغا تەقسىم قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

       جياڭ شۇجىنىڭ قوشۇمىسى تېخىمۇ تۈرۈلدى. گەرچە چوڭ ھامما، كىچىك ھاممىلار ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە مۇھىم ئىدى، يەنى ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئېرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، يەنە بىرىنىڭ ئېرى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى.

       ئىشنى يەنە ئارقىغا سۈرۈشكە بولمايتتى، جياڭ شۇجى ئەتىسىلا پارتكوم يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرىگە قويدى، يىغىندا يېڭىدىن تەقسىم قىلىنغان سەككىز خادىمنى كەنت كومىتېتلىرىغا قويۇپ، ئىشنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئاممىغا ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومىتىر››غىچە خىزمەت قىلىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش قارار قىلىندى.

       تەقسىمات نەتىجىسىنى ئاڭلىغان سەككىز خادىم تولىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىشتى ۋە جياڭ شۇجىنىڭ بۇنداق قىلىشقا پېتىنالىشىدا زادى قانداق ئارقا كۆرۈنۈش بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتى.

       بۇ خەۋەر جياڭ شۇجىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە:

       ــ مېنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئارقا كۆرۈنۈشۈم باردە! مېنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشۈم ناھايىتى مەزمۇت، مېنىڭ ئەجدادىم باش ۋەزىر بولغان بولۇپ، قالتىس يامان ئادەم ئىكەنتۇق! ــ دېدى.

    راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.