مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    دادىنىڭ تەۋەررۈكى

    ئامانگۈل2016-06-12 16:19:23شىنجاڭ گېزىتى

       جاڭ ياڭ ئىشسىز ياش بولۇپ، زادىلا دۇرۇس ئىش قىلمايتتى. بىر يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى قازا قىلدى. دادىسى داڭلىق خەتتات بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن ئېسىل ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى، جاڭ ياڭ بۇ ئەسەرلەرنى بىرتەرەپ قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغانىدى. بۈگۈن بىرنى ساتسا، ئەتىسى يەنە بىرنى سېتىپ، دادىسىنىڭ ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى ناھايىتى تېزلا سېتىپ تۈگەتتى، ساتقان پۇللىرىنىمۇ خەجلەپ بولدى.

       بۈگۈن جاڭ ياڭ پۇلى يوق غەمگە پېتىپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ ياش ۋاقتىدا يېزىغا چۈشكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. ‹‹بەلكىم دادام يېزىدا نۇرغۇن ھۆسنخەت ئەسىرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، ئاشۇ ساددا دېھقانلار بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، بەلكىم ئۇ يەردىن بىر قانچە پارچە ئەسەرنى قولغا چۈشۈرەلىشىم مۇمكىن››. مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى.

       ئىككىنچى كۈنى جاڭ ياڭ ئەينى يىلى دادىسى تۇرغان كەنتكە كەلدى، كەنت مۇدىرى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىر نەچچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزىدىن كېيىن ئۇ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى:

       ـ مۇدىر، ئەينى يىلى دادام مۇشۇ يەردە خەت – چەك دېگەندەك نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنمىدى؟

       كەنت مۇدىرى بېشىنى لىڭشىتىپ:

       ـ كەنتىمىزدە دادىڭىز خەت قالدۇرغان ئائىلىلەر ئاز ئەمەس، - دېدى.

       جاڭ ياڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. بىراق ئۇ ئازابلانغان قىياپەتتە:

       ـ دادام ئۆلۈپ كەتتى، رەھمەتلىك جان ئۈزۈش ئالدىدا ماڭا ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ قويغان خەتلىرىنى چوقۇم ئېلىپ كېتىشىمنى ۋەسىيەت قىلغانىدى، - دېدى.

       كەنت مۇدىرى جاڭ ياڭنىڭ بۇ گەپلىرىنى كانايدا پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە ئۇقتۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي نۇرغۇن دېھقان كەنت كومىتېتىغا كېلىپ، ئۆزلىرىدە خەت بارلىقىنى ئېيتتى. جاڭ ياڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

       بىراق كەنتتىكىلەر دادىسى قالدۇرغان خەتلەرنى كۆرسەتكەندە جاڭ ياڭنىڭ كۆزى تورلىشىپ كەتتى: بۇلار مايماق – سايماق يېزىلغان قەرز ھۆججەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم كۈنى جاڭ سەندىن نەچچە يۈەن قەرز ئالدىم، لى سەندىن تۆت جىڭ تۇخۇم قەرز ئالدىم... دەپ يېزىلغانىدى، ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىغا دادىسى ئىمزا قويغانىدى.

       بىر بوۋاي مۇنداق دېدى:

       ــ بۇلار ئەينى يىلى دادىڭىزنىڭ بىزگە يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججەتلىرى، ئۇنىڭ بۇ قەرزلەرنى قايتۇرالىشىدىن ئۈمىد كۈتمىگەنىدۇق. بىراق ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا بۇلارنى ئۇنتۇپ قالماي سىزنى ئالاھىدە ئەۋەتىپتۇ، شۇڭا بىزمۇ تۈزۈت قىلمىدۇق.

    ئەسقەر ئەھمىدى تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.