مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    مەغەز گۈلى

    ئامانگۈل2016-05-23 15:54:01شىنجاڭ گېزىتى

    مۇھەممەد كامال خۇشخۇي

        مەغەز گۈلى!

       سەن بۇلبۇللارنىڭ قەلبىدە غۇۋاسەن، سېنى دەپ سايرىمايدۇ ھېچبىر قۇش. بىراق، سەن شۇنچىلىك زېرەك، ناتىۋان گۈلسەنكى، بۇ يەردىن يۇلۇپ، ئۇ يەرگە كۆچۈرسىمۇ كۆكلەيسەن ھالسىز، ھەشەمسىز. بۇ سېنىڭ بوزەكلىكىڭ، ياۋاشلىقىڭ ئەمەس، بەلكى ئانا يەرگە بولغان چىن مۇھەببىتىڭدىندۇر. چۈنكى، سېنىڭ نەزەرىڭدە تۇپراقنىڭ بولۇمسىز، كۆرۈمسىزى يوق، ئۆگىيى يوق، شۆلگىيى يوق. شۇڭا بىر قېتىم كۆچۈرۈپ قويسا، ھەر يىلى باھاردا بېدە كۆكلىگەندەك كۆكلەۋېرىسەن. مېنىڭچە بۇمۇ ئانا زېمىنغا بولغان مۇھەببىتىڭدۇر.

       مەغەز گۈلى!

       گەرچە سەن شۇنداق مۇلايىم، رايىش بولساڭمۇ، نۇرغا، تاڭغا بولغان چىن مېھرىڭگە ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. بۇلبۇلنىڭ مەشۇقلىرى بولغان قىزىلگۈل، ئەتىرگۈللەر بىر ئېچىلسا بوران ئۇچۇرۇپ تۈگەتمىگىچە كۈندىمۇ، تۈندىمۇ ئېچىلىپ تۇرىۋېرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى. سېنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭ شۇكى، كەچتە كۆز باغلانغان ھامان ئېچىلغان قەلب دېرىزىلىرىڭنى يېپىپ، سەھەردە ئۇپۇق قىزىرىپ قۇياش ئۇۋىسىدىن چىققان ھامان پەردىلىرىڭنى قايرىيسەن – دە، قۇياشنىڭ نۇر تالالىرىغا يول باشلايسەن. سېنىڭ بۇ خىسلىتىڭ خۇددى تاڭغا ئىنتىلگۈچى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئادىتىگە ئوخشايدۇ.

       مەغەز گۈلى!

    سەن ئەتىگەن ئېچىلىپ، كەچتە يېپىلىپ يەنە ئەتىگەن ئېچىلىشنى ھەرگىز ھار ئالمايسەن. پەقەت ۋاقىت – سائىتىڭ توشۇپ ‹‹ھاياتىڭ›› ئاخىرلىشىپ بەرگىڭدىن تۆكۈلۈپ كەتكەنگە قەدەر. تۆكۈلۈپ يەرگە چۈشكەندىمۇ يەنە قەدرىڭنى ساقلاپ يۇمۇلغان پېتى يىقىلىسەن ئانا تۇپراققا. بۇ نۇرغا مەھلىيا جامالىڭغا چاڭ – توزانلارنىڭ قونۇشىدىن ساقلانغىنىڭدۇر، ئېھتىمال.

       مەغەز گۈلى! مەن سېنىڭ ئاشۇنداق ئېسىل خسلىتىڭنى، ھىممىتىڭنى بىلگىنىمدە، سەن ھەققىدە مۇنۇ مىسرالارنى پىچىرلىدىم:

    ئېچىلمايدۇ تۈنلەرگە قەلبىڭ،

    دەرپەردەڭدىن ھالقىيدۇ قۇياش.

    سەن خىيالدەك بىخلىنىپ كېچە

    ئون سەككىزدە پارلايسەن ياۋاش.

    شەپەرەڭنى تاشلايسەن ئوتقا،

    قونالمايدۇ لېۋىڭگە مەررە.

    ھەسەل ھەرە تۈنەپ تۇيغۇڭدا

    بىقاراردۇر ۋەسلىڭگە كەررە...

    سەن ئاشىقى، ئاشىقى تاڭنىڭ،

    ئەقىدەمگە سايلاندىڭ ۋەكىل.

    نامازشامگۈل ئاخشامغا بولسا،

    سەن قۇياشلىق ئالەمگە كېپىل.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.