مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئانىنىڭ يەنە بىر يۈزى

    ئامانگۈل2016-05-17 10:31:39شىنجاڭ گېزىتى

       تاللا دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئالفرېدو خېگنىس ئىشتىن چۈشۈپ ئىشىكتىن چىقىشىغا، خوجايىنى كارل ئەپەندى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى. كارل ئەپەندى ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:

       _ بىردەم تۇرۇپ تۇر،- دېدى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك پەس ئىدىكى، ئالفرېدو تازا ئاڭقىرالمىدى.

       _ نېمە ئىش، كارل ئەپەندى؟

       _ يانچۇقىڭدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇپ قايت،- دېدى كارل ئەپەندى.

       _نېمە... نېمىنى؟ نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى تازا چۈشەنمىدىمغۇ؟

       _بىر قۇتا ئۇپا، بىر لەۋسۇرۇخ، يەنە ئىككى چىش پاستىسى.

       ـ نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى راستىنلا چۈشەنمىدىم، ئالفرېدونىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى. كارل ئەپەندى مىختەك قادىلىپ تۇراتتى. ئالفرېدونىڭ پۇت – قولى بوشىشىپ، خوجايىنىغا ئۇدۇل قاراشقا پېتىنالمىدى. بىر ئازدىن كېيىن يانچۇقىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقاردى.

       _ئېيتە، ئوغرىلىق قىلىۋاتقىلى قانچە ئۇزاق بولدى؟

       _بۇ تۇنجى قېتىم كارل ئەپەندى، قەسەم قىلىپ بېرەي، بۇرۇن دۇكاندىن زادىلا بىر نەرسە ئېلىپ باقمىغان.

       كارل ئەپەندى ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەيلا ۋارقىرىدى:

       _يەنە يالغان سۆزلەۋاتىسەنغۇ؟ مېنى شۇنداق كالۋا كۆرۈۋاتامسەن؟ مەن دۇكىنىمدىكى ئىشلارنى بىلمەمدىمەن؟ ساڭا ئېيتىپ قوياي، بۇنداق قىلىۋاتقىنىڭغا ئۇزاق بولدى،- كارل ئەپەندىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى،- مەن ساقچى چاقىرىشنى ياقتۇرمايمەن، ئەمما داداڭنى چاقىرتىپ، ئەتىۋارلىق ئوغلىنى تۈرمىگە ئاپىرىپ بېرىشنى ئېيتىمەن.

       _دادام ئۆيدە يوق، ئۇ كەچتە ئىشلەيدۇ.

       _ئەمىسە ئۆيدە كىم بار؟

       _ئاپام.

       كارل ئەپەندى تېلېفون بېرىپ ئالفرېدونىڭ ئاپىسىنى دۇكانغا چاقىرتتى.

       ئالفرېدو ‹‹بىردەمدىن كېيىن ئاپام غەزەپلەنگەن ھالدا دۇكانغا كىرىدۇ، مەن ئالدىغا بېرىپ چۈشەندۈرەي دېگۈچە مېنى ئىتتىرىۋېتىدۇ›› دېگەنلەرنى خىيال قىلدى.

       ئۇلار ئۈن – تىنسىز بىر – بىرىگە قاراپ تۇرۇشاتتى. بىر چاغدا ئىشىك چېكىلدى، كارل ئەپەندى ئىشىكنى ئاچتى.

       _كىرىڭ، خېگنىس خانىم، -دېدى كارل ئەپەندى.

       خېگنىس خانىم كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كارل ئەپەندى ئايالنىڭ بۇ ئىپادىسىدىن تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ بۇنداق تەمكىن، مەردانىلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

       _ئالفرېدو سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ؟- سورىدى ئۇ.

       _شۇنداق خانىم، ئوغلىڭىز دۇكىنىمدىن نەرسە ئوغرىلىدى، بىراق ھەممىسى چىش پاستىسى، لەۋسۇرۇخ دېگەندەك ئۇشششاق نەرسىلەر.

       _شۇنداق قىلدىڭمۇ ئالفرېدو؟ - ئۇ ئوغلىغا قارىدى، تەلەپپۇزىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

       _شۇنداق ئاپا.

       _سىز بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى كارل ئەپەندى؟- دېدى خېگنىس خانىم.

       ــ مەن ئەسلىدە ساقچى چاقىراي دېگەن...

       ــ ئوغلۇمنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقۇم يوق ئىدى. ئەمما بىر ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن بەزىدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش جازالاشتىنمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.

       ئالفرېدوغا بۈگۈن ئاپىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. قاراڭ، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى شۇنچىلىك تەبىئىي، يېقىملىق، مېھرىبان.

       _ئۇنى ئېلىپ كېتىشىمگە قوشۇلامسىزكىن، - دېدى خېگنىس خانىم، - چوپچوڭ بالىدەك قىلغىنى بىلەن، بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ كاللىسى تازا ئىشلەپ كەتمەمدۇ، قانداق.

       كارل ئەپەندى ئەسلىدە خېگنىس خانىمنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەيدۇ، يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. ئۇنىڭ ئېغىر – بېسىق، سالماقلىقى كارل ئەپەندىنى خىجىل قىلىپ قويدى. ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئايالغا قايىل بولدى.

       ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغان ئادەممۇ ئەمەس، ئوغلىڭىزغا ئېيتىپ قويۇڭ، ئەمدى بۇ يەرگە كەلگۈچى بولمىسۇن، بۈگۈنكى ئىشقا كەلسەك، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات. شۇنداق قىلساق بولامدۇ خېگنىس خانىم؟- كارل ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا خېگنىس خانىمنىڭ قولىنى سىقتى، - سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن، تولىمۇ ئەپسۇس، بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈشۈپ قالدۇق. ماڭا ئىشىنىڭ، مەنمۇ ئالفرېدوغا ياخشى بولسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدىم.

       ئۇلار خۇددى قەدىناس دوستلاردەك بىر – بىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىشتى.

       _خەيرلىك كەچ خېگنىس خانىم، ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن.

       خېگنىس ئانا – بالا چوڭ كوچىنى بويلاپ ماڭدى. خېگنىس خانىم چوڭ – چوڭ قەدەم ئېلىپ ئۈنسىز ماڭاتتى. ئالفرېدو ئاخىر چىدىماي ئېغىز ئاچتى:

       _خۇداغا شۈكرى، بۇ ئىش مۇشۇنداقلا تۈگىدى.

       _ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ، سەندىن جاق تويدۇم.

       ئۇلار ئۆيگە يېتىپ كەلدى.

       _بالا تېرىپلا يۈرۈيسەن ئالفرېدو! پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى مەغپىرەت قىلغاي! نېمانداق تۈگىمەيدىغان ئاۋارىچىلىك بۇ، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ كىرىپ ئۇخلا، بۇ ئىشنى داداڭغا ئېيتما، -ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.

       ئالفرېدو ئاپىسىنىڭ ئاشخانىدىكى ھەرىكىتىگە زەن سالغاچ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتى. ‹‹ئاپام بەك قالتىسكەن›› دېدى ئۇ ئۆز – ئۆزىگە.

       ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىردى. ئاپىسى چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. ئەمما ئاپىسىنىڭ ھالىتى ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئاپىسىنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەك، چىرايى ناھايىتى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئىستاكان تۇتقان قولى تىترەپ، چاي شىرەگە تۆكۈلۈپ كەتتى. ئاپىسى ئۇنىڭغا بىردىنلا قېرىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئۇنى تۇيۇقسىز يىغا تۇتۇپ كەتتى. تىترەپ تۇرغان قوللىرىدىن، يۈزىدىكى يول – يول قورۇقلاردىن ئاپىسىنىڭ قەلبىدىكى ئازابلارنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

       بۈگۈن كەچتە ئالفرېدو تۇنجى قېتىم ئاپىسىنى ھەقىقىي چۈشەندى.

    ئادىل غۇجالىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.