مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەدەبىي ئەسەرلەر

    سەن بولمىساڭ

    ئامانگۈل2016-05-08 13:53:16

    شەھىدە ھەمراجان

    يېتىمدۇرمەن ئانا ئەگەر سەن بولمىساڭ،

    ئىسمىمدىلا جۇت ئۇچىدۇ سەن بولمىساڭ.

    بوران ھۇۋلاپ، تاملىرىمنىڭ ھاكى ھۈركۈپ،

    ئايۋىنىمنى چاڭ باسىدۇ سەن بولمىساڭ.

    مۇڭسىرايدۇ قازنىقىمدا تاختا – نوغۇچ،

    سۇپرامنى كىم يايىدۇ سەن بولمىساڭ.

    قازان بېشى تۆشۈكىگە چولتا تۇرسام،

    تۇزلىرىمنى كىم تېتىيدۇ سەن بولمىساڭ.

    تاپالمىسام كىمدىن سوراي يىڭنە – يىپنى،

    چاچلىرىمنى كىم تارايدۇ سەن بولمىساڭ.

    يانغىنغا سۇ، زىمىستانغا چوغ چۇقچىلاپ،

    زالالەتتىن كىم تورايدۇ سەن بولمىساڭ.

    چۆچەكلىرىڭ تۇرسا تالاي ئېيتىلمىغان،

    تاڭغا تۈننى كىم ئۇلايدۇ سەن بولمىساڭ،

    يامان چۈشلەر مېنى ئەنسىز ئويغاتقاندا،

    تەبىرىنى كىم سورايدۇ سەن بولمىساڭ.

    ئانىسىزغا باھار نېمە، ئاياز نېمە،

    بۇلبۇل كىمنى قىچقىرىدۇ سەن بولمىساڭ.

    سېنى كۆرمەي ئېچىلامدۇ چېچەكلىرىڭ،

    بىزگە ئوسما كىم تېرىيدۇ سەن بولمىساڭ.

    يۈرىكىمدە سېنىڭ مېھرىڭ ياققان گۈلخان،

    بۇ گۈلخاننى كىم قالايدۇ سەن بولمىساڭ،

    دوقاللارنىڭ پۇتلىشىدىن يەر چىشلىسەم،

    دەست تۇرغىن دەپ كىم يۆلەيدۇ سەن بولمىساڭ.

    شەرەپ قۇچسام پېشانەمگە ئۆپۈپ تۇرۇپ،

    مەدەت بېرىپ كىم ماختايدۇ سەن بولمىساڭ.

    ئۆزى قانچە پەستە قالسا رازى بولۇپ،

    مېنى كۆككە كىم پۈۋلەيدۇ سەن بولمىساڭ.

    بايلىقىمسەن جان قوزام

    ئىلمىنۇر كامال

    كۆزۈڭ نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر،

    كۆڭلۈمدىكى قۇندۇزدۇر،

    سۆزۈڭ چۈچۈك ھەم ئۇزدۇر،

    بايلىقىمسەن جان قوزام

    جانغا ئارام قارىشىڭ،

    بۇلاق مىسلى كۈلۈشۈڭ،

    كېلىپ چوك – چوك سۆيۈشۈڭ،

    بايلىقىمسەن جان قوزام.

    ئۈمىدىمنىڭ ساباسى،

    ئارمىنىمنىڭ ناۋاسى،

    ھاياتىمنىڭ مەناسى،

    بايلىقىمسەن جان قوزام.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.