مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئالتۇن ۋە ئۈچ كىشى

    ئامانگۈل2016-05-05 12:37:32شىنجاڭ گېزىتى

     گۈلپىيە ئابلىز

       ۋەيران بولغان سودىگەر، تىلەمچى ۋە نامرات كىشى تەڭرىدىن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، تەڭرى ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىگە ھېسداشلىق قىلىپ، ھەر بىرىگە بىر خالتىدىن ئالتۇن بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ بىر خالتا ئالتۇننى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىپتۇ ۋە تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىپتۇ.

       بىر نەچچە يىلدىن كېيىن تەڭرى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھال – كۈنىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇلارنى ئىزدەپتۇ، ئۇ ئالدى بىلەن سودىگەرنى ئۇچرىتىپتۇ، سودىگەر بۇرۇنقىدىن خېلىلا سەمىرىپ قالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئالدىراش ئىكەن، تەڭرىنى كۆرگەن سودىگەر ئۇنى ھەشەمەتلىك قورۇسىغا باشلاپتۇ.

       ــ سىز بەرگەن بىر خالتا ئالتۇننىڭ بىر قىسمىنى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلەتتىم. ئېشىپ قالغىنىنى مەبلەغ قىلىپ زاۋۇت قۇردۇم. تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، پۇختا پىلانلاپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم. ھازىر ھال – كۈنۈم ناھايىتى ياخشى،- دەپتۇ. تەڭرى ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ تىلەمچىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ. ھېلىقى تىلەمچى ئىلگىرىكىدەكلا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. تەڭرى ھەم ئاچچىقلانغان ھەم ئىچى سىيرىلغان ھالدا:

      ـ ساڭا بىر خالتا ئالتۇن بەرگەنغۇ؟ نېمىشقا يەنە تىلەمچىلىك قىلىسەن؟ -دەپتۇ.

       ـ كەچۈرۈڭ، سىز بەرگەن بىر خالتا ئالتۇننى ئالغاندىن كېيىن ئەمدى تىلەمچىلىك قىلماي بىر ئۆمۈر باياشات ئۆتىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ شەھەرگە يېقىن بىر يەرگە ئېسىل ئۆيدىن بىرنى سېلىپ، مالايلارنى ياللاپ كۈندە يەپ – ئىچىپ، كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتىمەن، كىم بىلسۇن؟ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئالتۇنلارمۇ تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، - دەپتۇ تىلەمچى. تەڭرى تىلەمچىنىڭ بۇ گېپىدىن ئۆكۈنۈپ ئارتۇق گەپ قىلماي نامرات كىشىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ.

       ئۇزاق ئۆتمەي تەڭرى بۇ نامرات كىشىنى كونا ئۆينىڭ ئىچىدە، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ھالەتتە ئۇچرىتىپتۇ، تەڭرى ھەيران بولغان ھالدا:

       - سەن نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ، مەن بەرگەن ئالتۇنلارچۇ؟ -دەپ سوراپتۇ. نامرات كىشى: ھەممىسى ئاشۇ ئالتۇنلارنىڭ كاساپىتىدىن بولدى. ئالتۇنلارنى ئىشلىتىۋەرسەم تۈگەپ كېتىپ، يەنە نامراتلىققا قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىشلىتىشكە كۆزۈم قىيمىدى. سودا قىلاي دېسەم، سودا قىلىشنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇنلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ كېچە – كۈندۈز غەم – ئەندىشىدە مانا مۇشۇنداق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم، سىز بەرگەن بىر خالتا ئالتۇننى تېخىچىلا ئىشلەتمىدىم!- دەپتۇ.

       بۇ گەرچە بىر ھېكايە بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپىمىزدا شۇنداق كىشىلەر يوق ئەمەس. ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىۋاتقان، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپ قىسىم كىشى جاپالىق شارائىت، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشنى نۆلدىن باشلاپ قىلىپ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۆز قىممىتىنى يارىتىۋاتىدۇ. ئاز بىر قىسىم كىشى كۆز ئالدىدىكى ئەۋزەل شارائىت، ئېتىبار سىياسەتلەردىن پايدىلانماي پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپ ئۆمۈر بويى پۇشايمان ئىچىدە ياشىماقتا. ئەمەلىيەتتە، پۇرسەت ئەتراپىمىزدا، ئۇ ھەر ۋاقىت مەھكەم تۇتۇشىمىزغا، بايقىشىمىزغا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىزغا موھتاج.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.