مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    پوچتا ماركىسى سودىگىرى

    ئامانگۈل2016-05-05 12:34:41شىنجاڭ گېزىتى

       بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا ھەممىنىڭ دىققىتى سەھنىدىكى ئىككى قارا پېنىس پوچتا ماركىسىغا مەركەزلىشىپتۇ. باھا قويۇش باشلىنىپلا ماركىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىپتۇ. بىرەيلەن ھەتتا 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باھا قويۇپتۇ. ئۇشتۇمتۇت بىر بۇلۇڭدىن 2 مىليون دوللار، دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.

       كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشقانلار چۆچۈپ كېتىشىپتۇ. دەرۋەقە بىرسى ھېچكىم ئويلىمىغان باھادا بۇ ماركىنى سېتىۋاپتۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ سودىگەر ماركىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بىر – بىرىگە تۇتىشىپ تۇرغان ئىككى ماركىنى ئاجرىتىپ، بىرسىنى كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ.

       ئۇنىڭ بۇ ئىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئۇ كىشى سەھنە ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:

       ـ جىددىيلەشمەڭلار، بۇ ماركىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىمدىكى سەۋەب، دۇنيادا بىردىنبىر قارا پېنىس پوچتا ماركىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر، شۇڭا بۇنىڭ باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، مۆلچەرىمچە، ئۇنىڭ باھاسى ھازىرلا 8 مىليون دوللارغا ئۆرلىگەن بولۇشى مۇمكىن! – دەپ توۋلاپتۇ. باشقىلار تېخىمۇ ھەيران قېلىشىپتۇ.

       ئويلىمىغان يەردىن پوچتا ماركىسى سودىگىرى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت بىر ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقىچە 6 مىليون دوللار قىممەت يارىتىپتۇ. بۇ نېمە ئاز بولسا شۇ قىممەت بولۇش سودا قائىدىسىدۇر.

       ئوخشاش تاۋار ئىچىدە قايسى ئاز بولسا شۇ قىممەت بولىدۇ. شۇڭا خېرىدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، مەلۇم ئالاھىدە تاۋارنىڭ سانىنى كېمەيتىش بىر خىل ياخشى تىجارەت ئىستراتېگىيەسىدۇر.

    ئالىمجان ھەسەن(ت)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.