مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ

    ئامانگۈل2016-04-05 18:29:32شىنجاڭ گېزىتى

    (ھېكايە)

    خې شۆتاۋ

       ما يېزا باشلىقى بىر يېڭى تۈر قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلماقچى بولۇپ، لايىھەنى كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى قوللايدىغانلار بىلەن قارشى چىققۇچىلار يېرىم نىسبەتتىن ئىگىلەپ، بېلەت سانى تەپمۇتەڭ بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، بالدۇرراق تۈر تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى.

       تۈر ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىر چوڭ دامبا ياسىلاتتى. خۇاڭشەن يېزىسى ئېدىرلىققا جايلاشقان بولغاچقا، قاتنىشى قولايسىز، كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، يامغۇر كۆپ ياغاتتى. ما يېزا باشلىقى ‹‹ئەگەر دامبا ياساپ، يامغۇر سۈيىنى يىغىپ سۇ ئامبىرى شەكىللەندۈرسەك، بۇ بىر چوڭ ياخشى ئىش بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆزۈمنىڭمۇ خىزمەت نەتىجەم بولۇپ قالىدۇ›› دەپ ئويلىغانىدى.

       سالغان مەبلەغنى قوشۇمچە تۈر قۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. سۇ ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇ ئۈستى تىرانسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىلاندەك ئەگرى – بۈگرى تاغ يولىدا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىشتەك يېتەرسىزلىكنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. دامبىغا يىغىلغان سۇ ئارقىلىق سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرسا، يەنە ئالاھىدە بېلىق باقمىچىلىقىنى يولغا قويسا، ئوتتۇرىدىكى ئارالدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ. بۇ تۈر يولغا قويۇلسا، ھەقىقەتەن ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش بولۇپ قالىدۇ. قارشى چىققۇچىلارنىڭ پىكرى بولسا ‹‹تېرىلغۇ يەر ئېلىنىپ كەتسە، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتەرمۇ؟›› دېگەن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىككى كەنتنى كۆچۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.

       بۇ ئىشتا ما يېزا باشلىقىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى:

       ــ يولداشلار، ئىش قىلغاندا چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆزلىشىمىز لازىم، بەخت يارىتىش دېگەن نېمە؟ كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى، بۇ سۇ ئامبىرىنى مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياسامدىم؟! بىز ئەمەلدارلارنىڭ ئويلايدىغىنىمىز شۇ پۇقرالارغا بەخت يارىتىشقۇ...

       ما يېزا باشلىقى سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلاندى، ئۇنىڭ گېپى ئورۇنلۇق بولغاچقا، قارشى چىققۇچىلار تەۋرىنىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا كاتىپ كىردى ۋە ئېڭىشىپ تۇرۇپ ما يېزا باشلىقىغا بىر نېمىلەرنى دېدى. ما يېزا باشلىقىنىڭ چىرايى تاتاردى ھەم كاتىپقا تىكىلىپ تۇرۇپ:

       ـ سىز ئەمەلىيلەشتۈردىڭىزما؟ بۇ ئىشتا بىخەستەلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، - دېدى. كاتىپ بېشىنى چايقىدى...

       ما يېزا باشلىقى چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ، گېلىنى قىرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

       ــ مەن بايا بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم، قارىغاندا كۆپچىلىك تەسىرلەنگەندەك قىلىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق بىز ئىش قىلغاندا ‹‹بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى›› بويىچە ئويلىنىشىمىز كېرەك، نەدىمۇ پايدىلىق تەرىپىلا بولۇپ، ‹‹نۇقسان›› بولمايدىغان ئىش بولسۇن؟ كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان قارشى پىكىرنىڭمۇ ئاساسى بار، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ كەنتنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە، سىلەر ئاۋامنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ مەن بۇ ئىشنى يەنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىش تەكلىپىنى بېرىمەن ياكى تۈر قۇرۇلۇشىنى قىلمىساقمۇ بولىدۇ...

       كۆپچىلىك بىر – بىرىگە قارىشىپ گاڭگىراپلا قالدى.

       ما يېزا باشلىقىمۇ خۇددى پۈتۈن بەدىنىگە بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتكەنىدى، چۈنكى بايا كاتىپنىڭ دېيىشىچە، بىر كاتتا رەھبەرنىڭ ئاتا – بوۋىسىنىڭ قەبرىستانلىقى مۇشۇ تۈر قۇرۇلۇشىنى قىلماقچى بولغان جايغا يېقىن بولغاچقا، دامبا ياسالسا، قەبرىستانلىق سۇغا غەرق بولاتتى...

    ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.