مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    1000تال كەمپۈت قەغىزى

    ئامانگۈل2015-12-09 11:28:15شىنجاڭ گېزىتى

       باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا يازلىق تەتىلدە موماملارنىڭكىگە بېرىپ تۇردۇم. تام قوشنىمىزنىڭ شى شياڭ ئىسىملىك قىزى بولۇپ، ئىككىمىز دوست بولۇپ قالدۇق. نەۋرە ھاممام موماملارنىڭكىدە تۇرۇپ داۋالىنىۋاتاتتى. ئۇ بىزنىڭ ۋاڭ – چۇڭىمىزدىن ئارام ئالالماي قالدى بولغاي، بىر كۈنى بىزگە:

       ـ چارچىمامدىغانسىلەر؟- دېدى.

       ـ نېمىنى چارچاش دەيمىز، بىز ئەزەلدىن چارچاشنى ئويلاپ باقماپتۇق، شى شياڭ ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشتۇق. چارچاش بىز ئۈچۈن تولىمۇ يىراقتا. بەزىدە چوڭلارنىڭ ‹‹ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم›› دېگەنلىرىنى ئاڭلايمىز. نەۋرە ھاممام يەنە:

       ـ شى شياڭ، سىزدە كەمپۈت قەغەزلىرى بار ئىدىغۇ، سىلەر نېمىشقا چىرايلىق كەمپۈت قەغەزلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، بۇ نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك ئىش،- دېدى. مەن دەرھال شى شياڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھېلىقى كەمپۈت قەغەزلىرىنى ئېسىمگە ئالدىم. بىراق مەن كەمپۈت قەغىزىنى ياقتۇرمايتتىم، شۇنداقلا كەمپۈت قەغىزىنى يىغىشقىمۇ ئۆچ ئىدىم.

      ـ 1000 تال كەمپۈت قەغىزى يىغالىساڭلار، بىر ئويۇنچۇق ئىتقا ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن،- دېدى نەۋرە ھاممام.

       شى شياڭ ئىككىمىز ھەيران قالدۇق. ئويۇنچۇق ئىت بەلكىم بۈگۈنكى بالىلار ئۈچۈن ئۇنچە قىممەتلىك بولمىسا كېرەك، بىراق، نەۋرە ھاممامنىڭ ۋەدىسى بىزنى ھاياجانلاندۇرغانىدى.

       شۇنىڭدىن باشلاپ شى شياڭ ئىككىمىز ۋاڭ – چۇڭ قىلىشمىدۇق. مومامنىڭ چاسا ھويلىسىمۇ جىمىپ كەتتى. بىز كوچا – مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، تام بۇلۇڭلىرىغا تاشلىۋېتىلگەن كەمپۈت قەغەزلىرىنى يىغدۇق، پارچە پۇللىرىمىزغا كەمپۈت سېتىۋالدۇق. بىز ماگىزىن پۇكىيىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ، كەمپۈت سېتىۋالىدىغانلارنى ساقلايتتۇق. بىر تال كەمپۈت قەغىزىمۇ بىزگە ئۈمىد ئاتا قىلاتتى!

       بىز مەينەت ۋە پۈرلىشىپ كەتكەن كەمپۈت قەغىزىنى داسقا سېلىپ پاكىز يۇياتتۇق، بىر تال، بىر تالدىن دېرىزە ئەينىكىگە چاپلايتتۇق، قۇرغاندا كەمپۈت قەغىزى يېڭى ھالىتىگە كېلەتتى. تەتىلمۇ ئاخىرلىشاي دېگەندە، ھەر بىرىمىز 1000 تالدىن كەمپۈت قەغىزى يىغدۇق.

       بىر كۈنى نەۋرە ھاممامنىڭ قېشىغا كىردۇق ۋە ئۇنىڭغا 2000 تال كەمپۈت قەغىزىنى سۇندۇق. نەۋرە ھاممام ھاڭ – تاڭ بولغىنىچە:

       ـ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ -دېدى.

       ـ بىزگە ئويۇنچۇق ئىت بېرەتتىڭىزغۇ؟ نەۋرە ھاممام ھاڭۋاققىنىچە كۈلۈپ كەتتى:

       سىلەرنى ھويلىدا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويغان.

       شى شياڭنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ئالامىتى سېزىلدى. نەۋرە ھاممام بىزنى ئەخمەق قىلىپتۇ – دە، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

       شى شياڭ ئىككىمىز ھويلىدىن چىقىۋېتىپ، دېيىشىۋالغاندەكلا، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن رەتلىگەن كەمپۈت قەغەزلىرىنى بار كۈچىمىز بىلەن ئاسمانغا قارىتىپ ئاتتۇق. ئۇلار خۇددى كېپىنەكتەك شامالغا ئەگىشىپ لەيلەپ چۈشتى.

       شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم ‹‹ئالداش›› دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا، دەرھال ئاشۇ 1000تال كەمپۈت قەغىزىنى ئەسكە ئالىمەن. بالىلارنى تەنقىدلەشكە بولىدۇ، ئەيىبلەشكە بولىدۇ، بىراق ئالداشقا بولمايدۇ.

    پەرىزات پولات ئامانيار تەرجىمىسى