مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ

    ئامانگۈل2015-11-02 14:29:31شىنجاڭ گېزىتى

     (نەسىر)

     بى شۇمىن

       بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش پۇلنى بۇزۇپ – چېچىپ بەتخەجلىك قىلىش ئەمەس، ئەيش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشمۇ ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىپ يوغانچىلىق قىلىشمۇ ئەمەس.

       بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش مال – دۇنيادىن غەم قىلمايدىغان ئېسىلزادىلەرچە ياشاش ئەمەس، تاۋار – دۇردۇنلارغا پۈركەنگەن لاتاپەتمۇ ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىغان ئەركىن – ئازادىلىكمۇ ئەمەس، دىللارنى سۆيۈندۈرىدىغان نەغمە – ناۋالارنىڭ پەيزىنى سۈرۈشمۇ ئەمەس...

       بىز دەۋاتقان راھەت كۆرۈش ئاشخانىسىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئېتىپ يېيىش، سودا – سارايلاردىن مەخسۇس ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىش، باغچىلاردا بالىلىقتىكى يېقىن دوستى بىلەن ھېچقانداق غەم – ئەندىشىسىز، ئەركىن – ئازادە مۇڭدىشىش. ھېچقانداق ئىشنى خىيال قىلماي، خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىنونى كۆرۈش...

       بىز دەۋاتقان ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈشى پەقەت نورمال كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش، خالاس. بۇنى نۇرغۇن ئايالنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلا يېرى بار.

       ئاياللار راھەت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمامدىغاندۇ؟

      بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا ئۇلار بالىسىنى بېقىش، سۈتىنى تەييارلاش، كىر – قاتلىرىنى يۇيۇش بىلەن بىردەممۇ بىكار بولالمايدۇ، بۇنداق چاغدا ماغزاپ بولۇپ كەتكەن قولىدا پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹ھازىر بالام تېخى كىچىك،چوڭ بولغاندىن كېيىن راھەت كۆرۈۋالساممۇ بولىدۇ›› دېيىشىدۇ.

       بالىسى ئاستا – ئاستا چوڭ بولۇپ، يەسلىگە كىرگۈدەك بولغاندا، ئاياللار بالىسىنى يېتىلەپ چىقىپ، كۆكتات ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىدۇ، يەنە تېخى ئىدارىدە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا بولمايدۇ، شۇ ئالدىراشلىقتا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.

       ‹‹ھېچقىسى يوق، بالام مەكتەپكە كىرگەندە قولۇم بوشايدۇ، شۇ چاغدا راھەت كۆرۈۋالارمەن...››ئاياللار ئۆزىگە شۇنداق تەسەللى بېرىدۇ، بۇ چاغدا ئاياللارنىڭ يۈزىگە بىلىنەر – بىلىنمەس قورۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ. بالىسى ئاخىرى مەكتەپكىمۇ كىرىدۇ، ئاياللار ئەكسىچە تېخىمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بالامنى چوقۇم ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشىم كېرەك. ئاياللار شۇ ئارزۇ – ئارماننىڭ تۈرتكىسىدە، ئىدارە، ئۆي، مەكتەپ، بازار ۋە ھەر خىل، ھەر ياڭزا تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ ئارىلىقىدا باپكارنىڭ موكىسىدەك يورغىلاپ يۈرۈيدۇ.

       يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاياللارنىڭ تارتقان جاپالىرى ئۇلارنىڭ چېچى ۋە پېشانىلىرىگە ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ. ‹‹مەن قاچانمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ راھەت كۆرەرمەن؟›› ئايسىز كېچىدە، ئاياللار سىرقىراپ ئاغرىغان بېلىنى رۇسلاپ ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق سوئال قويىدۇ.‹‹ چىدىشىم كېرەك، چىدىساملا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالام چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ياكى خىزمەتكە چىقسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ياخشىراق راھەت كۆرۈۋالارمەن...››

      ئاياللار ئۆزىگە مانا مۇشۇنداق ۋەدە بېرىدۇ. ۋاقىت ئاياللارنىڭ ھۆسنى ۋە كۈچىنى خورىتىپ، قورۇق ۋە ھارغىنلىقنى ھەدىيە قىلىدۇ. بالىسى چوڭ بولۇپ، يىراق – يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىلگىرىكى تاتلىق ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەرلا ئانىغا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ. ئاياللار ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ، مانا ئەمدى ئۇلار ئاخىرى راھەت كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدى.

       ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ چىشى بوشاپ كەتكەچكە، قاتتىق نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ، كۆزى خىرەلەشكەچكە، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تاماشا قىلالمايدۇ. قۇلىقى ئېغىرلاشقاچقا، يېقىملىق مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ...

       چىقىپ كەتكەن بالىسى يەنە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئۆزىدىن تېخىمۇ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، توغرىسى، نەۋرە باقىدۇ.

       شۇنىڭ بىلەن ئاياللار توساتتىن ۋاقىت كەينىگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ، يەنە ئىلگىرىكىدەك ئايىغى چىقماس ئالدىراشلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ كېتىدۇ... ھېلىقى نەۋرىنىڭمۇ ئاستا – ئاستا تىلى چىقىدۇ، بىراق ئۇ ‹‹ئاپا›› دېمەي، ‹‹موما›› دەيدۇ. ئاياللار مانا مۇشۇنداق جاپالاردا قېرىپ مۈكچىيىدۇ، مومايغا ئايلىنىدۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇلارغا راھەت كۆرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ.

      ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇلار ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالىدۇ – دە، ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلايدۇ: باھارنىڭ ئىللىق كۈنلىرىدە قىزىل گاز ياغلىقىنى چىگىپ، دالىدىكى ياپيېشىل چىملىقتا نەغمىچى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاپتاپ سىنىسام...

       ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل راھەت كۆرۈش – دە!

       ئاياللار شۇنى ئويلىغاچ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىدۇ.

       مېنىڭ يۇقىرىقىدەك قايغۇلۇق ۋە ئېچىنىشلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاياللارنىڭ راھەت كۆرۈشىنى تەسۋىرلەپ بەرگىنىمنى كەچۈرۈڭلار. چۈنكى، مېنىڭچە سانسىزلىغان ئايال كىشىلىك دۇنياغا ئۆزىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى سېخىيلىق بىلەن بەخش ئەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئادەمگە تولىمۇ رەھىمسىزلىك قىلىدىكەن. ئۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۆزى.

       ئاياللار، ئۆزۈڭلارنىڭ راھەت كۆرۈشۈڭلارغىمۇ ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ قويۇڭلار، ھەرگىز مانا – ئەتە دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەڭلار، كۆز ئالدىڭلاردىكى ۋاقىتتىن، بۈگۈندىن باشلاڭلار.

       تەخسىدىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى‹‹بالام يېسۇن››دېمەڭلار.يىغقان – تەرگەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆي ياساشقا خەجلىمەڭلار، زېھنىي كۈچۈڭلارنى خىزمەتكىلا سەرپ قىلىۋەتمەڭلار، بايراملىق سوۋغات بېرىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار...

       ئاق كۆڭۈل ئاياللار، مانا مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرگەيسىلەر.

    ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى