مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    رىقابەتلەشكەن ئىككى گېزىت ساتقۇچى

    ئامانگۈل2015-10-29 15:54:06شىنجاڭ گېزىتى

      بىر گېزىت ساتقۇچى بالا بولۇپ، ئىنتايىن تىرىشچان ئىكەن، ئاۋازىمۇ يەتكۈچە بولۇپ، ۋارقىراپ يۈرۈپ گېزىت سېتىپ، يامان ئەمەس كىرىم قىلىدىكەن. بىر كۈنى بۇ بازارغا يەنە بىر گېزىت ساتقۇچى بالا كېلىپ، ئىككىيلەن بىر – بىرىگە رىقابەتچى بولۇپ قاپتۇ.

       بىرىنچى گېزىتچى بالا ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، زور تىرىشچانلىق بىلەن گېزىت ساتقان بولسىمۇ، سودىسى بۇرۇنقىدىن سۇسلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىككىنچى بالىنىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلىنىپ كېتىپتۇ.

       ئەسلىدە، ئىككىنچى گېزىت ساتقۇچى بالا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەن، كوچىدا توۋلاپ گېزىت سېتىپلا قالماي، ۋاقىت چىقىرىپ چايخانا، قاۋاق ۋە كۆكتات بازارلىرىغىچە بېرىپ گېزىت ساتىدىكەن. ئۇ ئالدى بىلەن گېزىتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە كۆرۈشكە تارقىتىۋېتىپ، پۇلىنى ئالدىرىماي يىغىۋالىدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كىشىلەر بۇنداق گېزىت سېتىش شەكلىگە كۆنۈپ كېتىپتۇ، ھېچكىم تېنىۋالمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئەڭ ياخشى تىجارەت ۋاقتىنى ئىگىلىۋاپتۇ. بىرىنچى گېزىت ساتقۇچى بالا گېزىت ساتقىلى بۇ يەرلەرگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قولىغا ئاللىبۇرۇن گېزىت تېگىپ بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، بىرىنچى بالىنىڭ ساتىدىغان گېزىتى بارغانچە ئازىيىپتۇ، بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇ گېزىت سېتىشتىن قول ئۈزۈپ، باشقا ئىش تېپىپ قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.

       بۇ ئىككى بالىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئىككىنچى گېزىت ساتقۇچى بالا ئەقىللىق تىجارەتچى. ئۇ سودىدا پۇرسەتنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، بازارنى قانچىكى كەڭ ئىگىلىسە، رىقابەتچىسىنىڭ بازاردىكى دائىرىسىنى شۇنچىكى تارايتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يېڭى خېرىدارلارنى ئاكتىپلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، يوشۇرۇن خېرىدارلارنى قېزىپ چىقىدۇ، خېرىدارلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىگە مايىل قىلىدۇ.

       تىجارەتتە بازارنىڭ ئالدىنقى پۇرسىتىنى تېز ئىگىلىۋالغاندىلا، زور پايدىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭى – يېڭى سودا پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    ئالىمجان ھەسەن تەرجىمىسى