مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تەرمىلەر

    مېنىڭ قەلبىم قىزىل

    پەرغانە2015-08-03 15:03:20شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇنجان ھەسەن

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. تىلىم قىزىل، گۆشۈم قىزىل، يۈزۈم قىزىل، ماڭغان يولۇم قىزىل. مەن سەھەردە كۆرگەن قۇياش، كەچتىكى شەپەق قىزىل. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىلىرىمۇ قىزىل. مەن قىزىل ئەت تۇغۇلغان، قىزىللىق ئىچىدە تۆرىلىپ، قىزىللىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، قىزىللىق ئىچىدە قاتارغا قوشۇلغان.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. قانلىرىمنى لەرزىگە سالغان ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىم تېخىمۇ قىزىل. كىتاب ئوقۇپ، كىنو كۆرۈپ، سەيلە – تاماشا قىلىپ، ھېرىپ چارچىغاندىكى كۆزۈممۇ قىزىل. كۆڭلۈم تارتقان، قەلبىم خالىغان، مۇھەببىتىم قوزغالغان قىزغا ئېيتقان سۆزۈممۇ قىزىل.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. ئۈستەلگە ياندۇرۇپ قويغان، قۇرلىرى ئاستىغا بەلگىلەر سىزىلغان كىتابىممۇ قىزىل. خاتالىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قەلىمىممۇ قىزىل. مەن ئەسەر يازىدىغان ئىش قەغەزلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىمۇ قىزىل. مەن قىزىل چىراغ ئاستىدا تەپەككۇر قىلىپ، قىزىل رەڭلىك قەلەمنى ئىشلىتىپ، قىزىل خەتلەر ئارقىلىق روھىمنى خاتىرىلەپ يېزىشقا ئادەتلەنگەن.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. قېنىممۇ قىزىل، روھىممۇ قىزىل. خىجىل بولغان چاغدىكى بىچارە ھالەتلىرىممۇ قىزىل. تۇنجى كۆرۈشكەن، تۇنجى كۆيۈشكەن، تۇنجى سۆيۈشكەن ئىشلىرىممۇ قىزىل. تۇنجى مۇھەببەتتىن باشلانغان قۇتلۇق قەدەملىرىممۇ، تۇنجى مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ تارتقان ئەلەملىرىممۇ قىزىل. تۇنجى ئىچكەن شارابمۇ، تۇنجى ئالغان جاۋابمۇ قىزىل. ئەقلىمنى بىلگىنىمدىن ھازىرغىچە قىلغان – ئەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى قىزىل.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. جېنىممۇ، يېنىممۇ قىزىل. مەن ھاياتنىڭ گۈزەل تۇيغۇلىرىنى، شېرىن دەملىرىنى، گۈزەل ئەستىلىكلىرىنى قىزىللىق ئىچىدىن تاپقان. دۇنيادىكى تۈرلۈك بەلگىلەر ئىچىدە قىزىل بەلگىلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. قاتناش چىراغلىرى ئىچىدىكى قىزىل چىراغ، بەزمىخانىلاردىكى قىزىل چىراغ، سۇس يۈرۈپ تۇرغان قىزىل چىراغ، دېڭىزدىكى قىزىل ماياك، تۇغۇلغان كۈندە قادالغان شاملارنىڭ ھەممىسى قىزىل.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. قىزىلگۈل بەرگىدىكى شەبنەملەر، ‹‹قىزىل ياقۇت›› ئاتالغان گۇلابلار، مۇسەللەسلەر؛ قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كاۋاپلار، نانلار، سامسىلار، قورۇمىلار؛ قىزىل رەڭگە كىرگۈزۈلگەن تاماقلار، چايلار، تېتىتقۇلار، خۇرۇجلار...ھەممىسى قىزىل.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. يېگىنىم قىزىل، دېگىنىم قىزىل، قىلغىنىم قىزىل. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، ھايات قىسمەتلىرى پۈتۈلگەن مۇقەددەس تۇپراقمۇ قىزىل. قىزىل ئالما، قىزىل ئۆرۈك، قىزىل ئۈزۈم، قىزىل شاپتۇل... مېۋىلىرىممۇ قىزىل.

        مېنىڭ قەلبىم قىزىل. كەچكى شەپەق نۇرىدا ئۆركەشلەپ ئاققان ئەزىم دەريامۇ، قىزىل نۇرغا چۆمۈلگەن پايانسىز دېڭىز – ئوكيانلارمۇ، چىرايلىق قىزىرىپ كەتكەن ياپراقلارمۇ، يايلاقلاردا ئوتلاپ يۈرگەن چارۋا – ماللارمۇ قىزىل. شۇنچە قىزىللىق ئىچىدە مەن نېمىشقا قىزىل بولماي، قەلبىم نېمىشقا قىزىل بولمىسۇن؟!

        قىزىل رەڭ ئاساسىي رەڭلەرنىڭ بىرى. قىزىل رەڭگە باشقا رەڭلەرنى قوشۇپ قىزىل رەڭنىڭ ۋارىيانتلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، قىزىل رەڭدەك جۇلالىق، قىزىل رەڭدەك جەزبىدار، قىزىل رەڭدەك مۇنەۋۋەر قىلغىلى بولمايدۇ. قىزىل رەڭگە بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلىرى مۇجەسسەملەنگەن. قىزىل رەڭ ئازادلىقنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ بەلگىسى بولۇپ، كىشىلەرنى گۈزەل كەلگۈسىگە باشلايدۇ. شۇڭا دۆلەت بايرىقىمىزمۇ، پارتىيە بايرىقىمىزمۇ، ئارمىيە بايرىقىمىزمۇ قىزىل. مەن قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىمەن. سەھەردە قىزىل قۇياشقا، كەچتە كەچكى شەپەققە ئاشىقانە نەزەر تاشلايمەن. ئاھ قىزىللىق، مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرغايسەن، قەلبىمدە قىزىل ئارزۇ – ئارمانلارنى ئويغاتقايسەن، قىزىل ھاياجان ئىچىدە ياشاشقا چەكسىز ئىمكانىيەت بەرگەيسەن!