مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ھىكمەت ئۈنچىلىرى

    بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر

    شەرىپە2013-10-28 15:30:35شىنجاڭ گېزىتى

       * بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، چۈنكى كەلگۈسى بالىلارغا مەنسۇپ

    − سۇڭ چىڭلىڭ

       * سەھەردىن پۈتۈن بىر كۈننى بىلگىلى بولىدۇ، بالىلىق دەۋردىن پۈتۈن ئۆمۈرنى بىلگىلى بولىدۇ

    − مىلتون

       * بالىلار ئىنسانىيەتنىڭ پاك ۋە سەبىي گۈللىرى

    − چياۋشى

       * بالىلىق چاغدىكى تەربىيە كىشى ھاياتىنىڭ ئاساسى

       * بالىلىق نوتىغا ئوخشايدۇ، ئۇنى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغاندىلا ئاندىن بىخ سۈرۈپ چوڭىيالايدۇ

    − تاۋشىڭجى

       * بالىلىقتا خام خىيال كۆپ، ئۆسمۈرلۈكتە ئىرادە كۈچلۈك بولىدۇ

       − لونگنېللوۋ

       * بالىلار تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سۆيگۈسى، ئۇنى توسۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس

    − تاگور

       * بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز، ئۇلار مەقسەت ۋە غايىلىرىمىز يولىدا كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ياخشى قوراللانغان بولۇشى كېرەك

    − ن.ك.كروپسكايا

       * بالىلىرىمىز – بىزنىڭ قېرىلىقىمىز، ياخشى تەربىيە بىزنىڭ بەختلىك قېرىلىقىمىز، يامان تەربىيە غەم – ئەلەملىرىمىز، كۆز – ياشلىرىمىز، باشقا ئادەملەر ئالدىدىكى، پۈتۈن مەملىكەت ئالدىدىكى ئەيبىمىز دېمەكتۇر.

    − ئا.س.مانكو

    ئادالەت ئوسمان تەييارلىغان